بەش چاقلىق ئاپتوموبىل

بەش چاقلىق ئاپتوموبىل

نۇرغۇن ئاپتوموبىللارنىڭ پەقەت تۆتلا چاقى بولىدۇ. بىر قىسىم ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چاقى كۆپرەك بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جۈپ بولىدۇ. بىر خىل ئاجايىپ يۈك ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئۇنىڭ بەش چاقى بار. شۇڭا، ئۇ «بەش چاقلىق ئاپتوموبىل» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بەش چاقلىق ئاپتوموبىل
خەنزۇچە نامى 五轮汽车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەش چاقلىق ئاپتوموبىلبەش چاقلىق ئاپتوموبىلنىڭ بەشىنچى چاقى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئاپتوموبىل ئۇدۇل ماڭغاندا، بەشىنچى چاق كۆتۈرۈلۈپ بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئاستىدا تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل ئايلانغاندا، بۇرۇلغاندا، شوپۇر بەشىنچى چاقنى چۈشۈرىدۇ. ئۇنى سويۇقلۇق پرېسى كونترول قىلىدۇ، يەرگە چۈشۈرگەندە، ئاپتوموبىلنى كەينىدىكى ئىككى چاقى كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا پۈتكۈل ئاپتوموبىلنى كەينىدىكى ئىككى چاق بىلەن بەشىنچى چاق كۆتۈرۈپ تۇرغان «ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل» غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ تۆت تىرەش نۇقتىسىغا تاينىپ ئايلىنىشىغا قارىغاندا، ئۈچ تىترەش نۇقتىسىغا تاينىپ ئايلىنىشى ئوڭاي بولىدۇ. ئۈچ چاق بىلەن ئايلانغاندا، ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئايلىنىشى، بۇرۇلۇشى ناھايىتى تېز بولىدۇ ھەم ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ، ئايلىنىش، بۇرۇلۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شوپۇر بەشىنچى چاقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاپتوموبىل يەنە ئەسلىدىكى تۆت چاقلىق ھالىتىگە قايتىپ، تۈز يولدا مېڭىۋېرىدۇ.

بەش چاقلىق ئاپتوموبىلبۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى كۈنچىلىق قۇرۇلۇشىدا قىسقا مۇساپىلىق يۈك توشۇشتا ئىشلىتلىدىغان بولغاچقا، ھەمىشە ئايلىنىشقا، بۇرۇلۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئايلىنىش، بۇرۇلۇش ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاجىزلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىر يۈك ئاپتوموبىللىرى كىچىك ئىش ئورۇنلىرىدا ئايلانماقچى بولسا قىيىنغا توختايدۇ. ۋاقىت ئۇزۇن كېتىدۇ. شۇڭا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لايىھىلىگۈچىلەر ئاپتوموبىلغا بەشىنچى چاقنى ئورناتقان.

بەشىنچى چاقنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بەش چاقلىق ئاپتوموبىل 100-200 توننا ئېغىرلىقتىكى يۈكنى كۈتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ كانچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#