ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش

ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش

بۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېفىئوپىيە خەلقىنىڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇرۇن ياۋرۇپالىقلار ئېفئوپىيىنى ھەبەشستان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش ھەبەشستان ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان، تارىختا يەنە ھەبەشستان-ئىتالىيە ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتالغان. 

نامى ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش
باشقا ئاتىلىشى ھەبەشستان ئۇرۇشى، ھەبەشستان-ئىتالىيە ئۇرۇشى
ۋاقتى 1894-1896؛ 1935-1941
چەتئەلچە نامى Ethiopian War of Resistance against Italy
خەنزۇچە ئاتىلىشى 埃塞俄比亚抗意战争
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ئىتالىيە، ئېفىئوپىيە
نەتىجىسى ئىتالىيە ئېفىئوپىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تولۇق ئېتىراپ قىلدى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش دولقۇنىدا ئىتالىيە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەي قالغانىدى. شۇڭا، ئېرتېرىيىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكسى قىلىۋالغان ئىتالىيە ئىزچىل تۈردە ئېفىئوپىيەنى ئۆز مۇستەملىكسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش قارا نىيىتىدە بولۇپ كەلگەن. 1889-يىلى 3-ئايدا ئېفئوپىيە پادىشاھى جون Ⅳ سوداننىڭ مەھدى قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولغان جەڭدە قازا تاپقاندىن كېيىن، مونرىك تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئىتالىيە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مونرىكنى قوللىغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېفئوپىيەدىكى تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش خىيالىدا بولدى. مونرىك تەختكە ئولتۇرۇپ 40 كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئىتالىيە 1889-يىلى 5- ئاينىڭ 2-كۈنى ئېفئوپىيە بىلەن «دوستلۇق شەرتنامىسى» دەپ ئاتالغان ئوچالىيە شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىدە ئېفئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر نەچچە رايوننىڭ ئىتالىيەگە ئايرىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئېفئوپىيەنىڭ بۇ بەدەل ئۈچۈن تۆلەم ھېسابىدا ئىتالىيەدىن 30 مىڭ مىلتىق 28 زەمبىرەك ۋە 2 مىليون لىرا ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. بۇ شەرتنامىنىڭ 17-ماددىسىدا، ئېفئوپىيە پادىشاھى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشكەندە ئىتالىيىدىن ياردەم «سورىسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بىراق، ئەمھارا تىلىدىكى «بولىدۇ» دېگەن سۆز ئىتالىيان تىلىدا بولسا بۇرمىلىنىپ «سورىشى شەرت » دەپ يېزىلغان.

سەۋەبى

ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش1890-يىلى 2-ئايدا ئىتالىيە ئىتالىيان تىلىدىكى بۇ شەرتنامىنى ئېلان قىلىپ، ئېفئوپىيە ئىتالىيىنىڭ مۇھاپىزىتىنى قوبۇل قىلدى، دەپ-ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش جاكارلىدى. مونرىك بۇ ئالدامچىلىق ۋاستىسى توغرىسىدا ئىتالىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە 1894-يىلى 7-ئايدا ئىتالىيە قوشۇن چىقىرىپ، ئېفئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى تىگرېي بېسىۋالدى ھەمدە ئىككىنچى يىلى ئېفئوپىيىگە ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. 1895-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى جەڭ ئېلان قىلمايلا ئېفئوپىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

جەريانى 

مونرىك مۇنداق ۋەزىيەتتە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خەلقنى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېفئوپىيە ئارمىيىسى ئىتالىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، قولدىن كەتكەن بەزى جايلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. دەسلەپكى جەڭنىڭ غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مونرىك تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى. بىراق، بۇ تەكلىپ ئىتالىيە تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 1896-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىككىنچى كۈنىگىچە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئادۇۋادا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جەڭدە ئېفئوپىيە ئارمىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرى كۈچىگە، ئەسكەرلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىغا، توغرا ئىستراتېگىيىگە تايىنىپ، ئىتالىيە قوشۇنىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلدى.

نەتىجىسى 

 ئىتالىيە قوشۇنىدىن 11 مىڭ كىشى يارىدار بولدى ۋە ئۆلدى، 4000 كىشى، جۈملىدىن 2 نەپەر گېنېرال ۋە 300 نەپەر ئوفىتسىر ئەسىرگە چۈشتى. ئىتالىيە قوشۇنلىرى بارلىق زەمبىرەكلىرىدىن ۋە ھەربىي لاۋازىمەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ ئادۇۋادىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەر تېزدىن ياۋرۇپاغا تارىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ جەڭ ئىتالىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىتالىيە ئەددىس-ئەبېبە سۈلھى شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. بۇ سۈلھى شەرتنامىسىدە ئىتالىيەنىڭ ئېفئوپىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، ئوچارى شەرتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى، 10 مىليون لىرا تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنىدى. دېمەك، ئېفئوپىيە خەلقى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ھەققانىي ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.[0]

سەۋەبى 

ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش1922-يىلى، مۇسسولىن تەختكە چىققاندىن كېيىن، زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئېلىپ بېرىشنى، تەلۋىلەرچە ئوتتۇرا دېڭىزى، شەرقىي ئافرىقا ۋە شىمالىي ئافرىقىن يېڭىۋاشتىن بولۇشۇۋېلىش، ئەنگلىيە، فرانسىيە زېمىنىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. 1929-يىلىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىتالىيەگە ئېغىر زەربە بولدى، مۇسسولىن ئىچكى ئىقتىسادىي بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چارە —زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئېلىپ باردى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيمىچىلىك يولىغا ماڭدى.  ئاۋۋال، ئۇ ھەبەشىستاننى يۇتۇۋېلىشنى، لېكىن، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ، چوقۇم ئاۋۋال ئەنگلىيە، فرانسىيە، مىتودنى ئاۋال ئالسا تىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ دە ئويلىدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە ئەڭ ئاخىرىدا ئىتالىيە قىلمىشىغا نىسبەتەن تىنچلاندۇرۇش سىياسىتى قوللانغان، ئېفىئوپىيە ئىتالىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

جەريانى 

ئىتالىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى مۇستەقىل ئافرىقا پادىشاھلىقىغا جاۋۇز قىلىپ كىرگەن. دېبونو شەرقىي ئافرىقا ئىتالىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بۇلۇپ، شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئېفىئوپىيەگە ھۇجۇم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالى يول قوشۇنى ئاساسىي كۈچ بولغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى P . مارشال بادولىئوۋنى ئۆتكۈزۈۋالدى. مىسىر قوشۇنلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن 45− 500 مىڭ ئادەم، لېكىن مەشىقى يېتەرلىك ئەمەس، ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرى قالاق. 5 ئاينىڭ 5-كۈنى ،ئىتالىيە قوشۇنلىرى ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبېبەدنى ئىشغال قىلدى. 9-كۈنى، مۇسسولىن، ئېفىئوپىيە ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى قوشۇۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

نەتىجىسى 

1936 -يىلى 5-ئايدا، يەتتە ئايغا يېقىن بىر مەيدان ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەبەشىستان بويسۇندۇرۇلغان، ھايلى سىيلاسا Ⅰ ئەنگلىيەگە قېچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە خەلقئارا ئىتتىپاقى ئىتالىيە ئىقتىسادىي جازىسىنى كونترول قىلىش، لېكىن ئىككى تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى يولغا قويۇشنى، يەنى سۈۋەيىش قانىلى نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش ۋە قامال قىلىشنى رەت قىلدى. [1]

ئېفىئوپىيەدىكى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇشبۇ قېتىمقى ئۇرۇش دۇنيا يېقىنقى زامان ئافرىقا تارىخىدا چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ جاھانگىرلارنىڭ ئافرىقىنى بۆلۈشۈۋېلىش مەزگىلىدىكى ئافرىقا خەلقى غەلىبە قازانغان بىردىنبىر مىللىي ئازادلىق يولىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېفئوپىيە خەلقى ئۆزىنىڭ باتۇرانە كۈرىشى ئارقىلىق غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقا بۇرجىكىنى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئېفئوپىيە ئەينى ۋاقىتتا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان ئافرىقىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#