كېۋەز تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق چاتقال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. كېيىن ئۇ كۆندۈرۈلۈپ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە ئايلانغان. ئۇنىڭ غولى تىك بولۇپ، ۋېگېتاتىۋ شاخلىرى تۈۋى قىسمىدا، مېۋە شاخلىرى ئۈستۈنكى قىسمىدا ئايرىلىپ ئۆسىدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ ئۆزلۈكىدىن رەڭ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كېۋەز
خەنزۇچە ئىسمى 棉花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈمۈلكلەر تىپى
تۈركۈمى تۈگمىگۈل تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى پاختا ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Gossypium spp
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى تۈگمىگۈل ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېۋەز تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق چاتقال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. كېيىن ئۇ كۆندۈرۈلۈپ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە ئايلانغان. ئۇنىڭ غولى تىك بولۇپ، ۋېگېتاتىۋ شاخلىرى تۈۋى قىسمىدا، مېۋە شاخلىرى ئۈستۈنكى قىسمىدا ئايرىلىپ ئۆسىدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ ئۆزلۈكىدىن رەڭ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مەسلەن، دەسلەپ ئاق ئېچىلىدۇ، ئارقىدىن سارغىيىدۇ، چۈشتىن كېيىن قىزىرىدۇ، ئەتىسى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە، سولىشىش ۋاقتىدا كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. غوزا مېۋىسى(غوزىسى) شاپتۇلغا ئوخشاش بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىپ قاردەك ئاق پاختىسى كۆرۈنىدۇ، ئارىسىدا ئۇرۇق(چىگىت) لىرى بولىدۇ. ئۇ پىششىقلىنىپ ئۇرۇق(چىگىتى) دىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ساپ پاختىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. پاختا تالاسىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى كېۋەز سورتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

پاختا ئادەتتە ئاق رەڭدە بولۇپ، بوياش ئارقىلىقلا خىلمۇخىل رەڭلەردىكى گۈللۈك رەختلەر توقۇلىدۇ. يېقىندا پېرۇ دۆلىتىدە پاختىسى ئاق، ئاچ سېرىق، قوڭۇر، سۆسۈن، كۈل رەڭدىن ئىبارەت بەش خىل تەبىئىي رەڭدىكى كېۋەز سورتى بايقالدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق پاختىسى قىزىل، يېشىل، كۆك ۋە سېرىقتىن ئىبارەت 20 نەچچە خىل رەڭلىك كېۋەز سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ھازىر شىنجاڭدىمۇ پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە. ئەگەر پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلسە خىلمۇخىل رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىقىشقا بولىدۇ. 

پاختا رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە پارتلاتقۇچ دورا، سۇلياۋ ۋە مېدىتسىنا پاختىسى(دورىلىق پاختا) قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقى(چىگىتى) دىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان چىگىت مېيى ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. كېۋەز غولى(تەپچە) نىڭ ئەۋرىشىم پوست تالالىرىدىن ئارغامچا ۋە قەغەز ياساشقا بولىدۇ. كېۋەز يىلتىزىنىڭ پوستى دورا بولۇپ، تەننى كۈچلەندۈرۈش ۋە تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. 

كېۋەز ئىنسانلارنىڭ كىيىم ‐- كېچەك ماتېرىياللىرى مەنبەسى بولغاچقا، چەت ئەللەردە ئۇنى «قۇياش پەرزەنتى» دەپ ئاتىشىدۇ. جۇڭگودا مەخسۇس كېۋەزنى مەدھىيىلەيدىغان مۇنداق شېئىر بار: «ماي ئېيىدا كېۋەز گۈزەل، ئاۋغۇست ئېيى كېۋەز قۇرار. چېچەكلىسە جاھان ئىللىپ، گۈل تۆكۈلسە زېمىن مۇزلار» .

كېۋەزكېۋەز مايسىلىرى غۇنچىلىغاندا پەرۋىش قىلىشتا <<ئالتىدە>> تەدبىرى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
1.بالدۇر كونترول قىلىپ، تەكشى ئۈسۈشنى تېزلىتىش. مايسىلىرى ئاجىز ئېتىز پەرۋىشىنى بالدۇر باشلاپ، باراقسان مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىنى غۇنچىلىغاندا كونترول قىلىش كېرەك. بالدۇر ئوغۇتلاپ، تۇپراقنى يۇمشىتىپ، كېسەل، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىلا مايسىلار تىمەن ئۆسۈپ، يۇقىرى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. مايسىلىرى ئاجىز ئۆسكەن ئېتىزنىڭ ھەر موسىغا تۆت - بەش كىلوگىرام ئورىيانى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئېرىتىپ، يوپۇرماققا تەكشى پۈركۈش كېرەك. يەنە ھەر مو يەرگە 150 گىرامدىن 200 گىرامغىچە كالىي دى ھىدرو فوسفاتقا 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە سۇ قوشۇپ، يوپۇرماققا تەكشى پۈركۈش كېرەك. ئۆسۈشتىن توختىمىغان مايسىلار غۇنچىلاشقا باشلىغاندا بىر - ئىككى گىرام بوغۇم قىسقارتىش دورىسىنى ئون كىلوگىرام سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ يوپۇرماققا پۈركۈپ، مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىش كېرەك.
2. بالدۇر كۇلتىۋاتسىيە قىلىپ، يىلتىزنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز غۇنچىلاپ غول شاخلارنى توسۇۋېلىشتىن بۇرۇن، ئىككى - ئۈچ قېتىم چوڭقۇر كۇلتىۋاتسىيە قىلىش ھەم ئوت ئوتاش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش ۋە توپا يۆلەش ئارقىلىق، يىلتىزنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، نەملىك ساقلاش ھەم بوراندا يېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. بالدۇر ئوغۇتلاپ، ئۆسۈشىنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز غۇنچىلىغاندىن تارتىپ ھەر مو يەرگە كالىي خىلورىد ئوغۇتىدىن ئون كىلوگىرامدىن 15 كىلوگىرامغىچە، سىنك ئوغۇتىدىن بىر كىلوگىرام، بور ئوغۇتىدىن 0.5 كىلوگىرام، كالتسىي فوسفاتتىن 25 كىلوگىرامدىن 30 كىلوگىرامغىچە ئارىلاشتۇرۇپ، كېۋەزلىكنىڭ قۇرلىرىغا ئون سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆنەك ئېچىپ ئوغۇتلىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
4. بالدۇر چاتاپ، غۇنچىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېۋەز غۇنچىلىغاندىن كېيىن، ھارام شاخلىرىنى ۋاقتىدا پۇتىۋەتكەندە، ئوزۇقلۇق غوزا بولىدىغان شاخقا بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېۋەز بالدۇر ھەم كۆپ غۇنچىلاپ، يۇمران غۇنچىلارنىڭ تۆكۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆپ غوزا تۇتقۇزغىلى بولىدۇ.
5.بالدۇر خىمىيەلىك كونترول قىلىپ، نورمال ئۆسۈشىنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز غۇنچىلاۋاتقان مەزگىلدە داۋاملىق ئۆسۈپ كەتسە، ھەر مو يەرگە ئىككى - ئۈچ گىرام ئەتراپىدىكى بوغۇم قىسقارتىش دورىسىنى 15 كىلوگىرامدىن 20 كىلوگىرامغىچە سۇغا تەڭشەپ تەكشى چاچىمىز. بىر ھەپتە ئۆتكەندە تۆت، بەش گىرام بوغۇم قىسقارتىش دورىسىنى 25 كىلوگىرامدىن 30 كىلوگىرامغىچە سۇ بىلەن تەڭشەپ يەنە بىر قېتىم چاچىمىز. دورىنى ھاۋا ئوچۇق شامال چىقمىغان كۈنلىرى ئەتىگەندە شەبنەم قۇرۇغاندىن باشلاپ، سائەت 10 غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 8 گىچە بولغان مەزگىلدە چاچقاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
6.كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىپ، مول - ھوسۇل ئېلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز غۇنچىلىغان مەزگىلدە كۆك پىت، قىزىل ئۆمۈچۈك، غوزا قۇرتى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار، تىك قۇرۇش كېسىلى، قوڭۇر داغ كېسىلى ۋە سولۇشۇپ قۇرۇپ كېتىش كېسىلى كېۋەز مايسىلىرىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. بۇ خىل كېسەللىككە %65 لىك زنېپىنىڭ 250 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى كاربىندازۇلنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى چاچىمىز. ھاشاراتلارغا ئازۇدرىن ۋە مېتامىدۇفۇس دورىسىنىڭ ئون ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى كېۋەز غولىغا سۈركىسەك، زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#