ئۇدۇمگۈل

جۇڭگو لەنخۇا گۈلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلنىڭ بىر تۈرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇدۇمگۈل
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۇرۇقداشلىرى چىغىرتمىقى ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Cymbidium goeringii
خەنزۇچە ئاتىلىشى 春兰
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى كەترەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇدۇمگۈليەر ئۆسۈملۈكلىرى؛ يالغان تەڭگىسىمان غولى كىچىكرەك، تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1 - 2.5 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 1 - 1.5 سانتىمېتىر، 4 -7 تال يوپۇرماقلىرى لېنتىسىمان شەكىللىك، ئادەتتە بىر قەدەر قىسقا، ئۇزۇنلىقى 20-40 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 5-9 سانتېمىتىر، تۆۋەنكى قىسمى V شەكلىدە كۆرۈلىدۇ، گىرۋەكلىرىدە چىشلىق يوق.

قىل يوپۇرماقلىق ئۇدۇمگۈل 

ئۇدۇمگۈلياپراقچە كەڭلىكى 2-4 مىللىمېتىر، گىربەكلىرىدە ئىنىچكە زىغزىقلىرى بار، سۈپىتى بىر قەدەر قاتتىق. گۈللۈكى يەككە گۈللۈك، ئادەتتە خۇش پۇرىقى يوق. كۆپىنچە تاشلىق تاغ قاپتىلىدا، ئورمان ياقىسى، ئورمانلىقتىكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايلاردا ئۆسىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300-2200 مېتىر، جۇڭگو، ياپۇنىيە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان. 

قىل يوپۇرماقلىق كەترەن 

ياپراقچە كەڭلىكى 2-4 مىللىمېتىر، گىربەكلىرىدە ئىنىچكە زىغزىقلىرى بار، سۈپىتى بىر قەدەر قاتتىق. گۈللۈكى يەككە گۈللۈك، ئادەتتە خۇش پۇرىقى يوق. تارقىلىش رايونى ۋە ياشىشى ئەسلىدىكىدىن خىلى ئۆزگەرگەن تۈرى. 

يىڭ كەترەن 

يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30-65 سانتېمىتىر، كەڭلىكى 4-12 مىللىمېتىر، يۇمشاق ئەگرى - بۈگرى. گۈل 4-5 تالغىچە؛ غۇنچە ياپراقچىسى گۈلىدىن ئۇزۇن ياكى گۈل سېپى تىمىنە شەكىللىك؛ چېچەكلەش مەزگىلى 12 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئايدا. 

تەيۋەن بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. 

ئۇدۇمگۈلجۇڭگو شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، گەنسۇنىڭ جەنۇبى، جاڭسۇ، ئەنخۇي، جېجىياڭ، جياڭشى، فۇجيەن، تەيۋەن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، كوخوگۇ، خۇانەن، گۇاڭدۇڭ، گۇئاڭشى، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. ياپونىيە بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان ھەمدە تارقالغان؛ كۆپىنچە تاشلىق تاغ قاپتىلىدا، ئورمان ياقىسى، ئورمانلىقتىكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان جايلاردا ئۆسىدۇ. 

تۈپكە ئايرىلىش 

ئۇدۇمگۈلنى بىر – ئىككى يىل ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، بىخلىنىپ چىققان نۇرغۇن يېڭى بىخ مايسا سانى 6، 7 مايسا، تۈپ ئايرىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، ئادەتتە 2 ، 3 يىلدا تۈپلىنىش بىر قېتىم.

تېرىش 

ئۇدۇمگۈلنىڭ ئۇرۇقى ئىنتايىن ئىنچىكە، ئۇرۇق ئىچىدە پەقەت يېتىلىشى تولۇق بولغان تۆرەلمە بار، بىخلىنىش كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇق پوستىنى ئاجىرتىۋەتمىسە ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئۇرۇق بىخلىنالمايدۇ، شۇڭا كۆك باكتېرىيە ياكى سۈنئىي ئۆستۈرگۈچتە ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تەمىنلگەندە ئاندىن بىخلىنىدۇ. 

توقۇلما ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش 

ئۇدۇمگۈلنۇرغۇن يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپى ھاسىل قىلىش، ئۈچ يىل بولغان ئۇدۇمگۈل تۈپ يىلتىزىنى 2-3 سانتېمىتىر كېسىپ ئېلىپ ئۆسۈپ بىخى قىلىش، ئېقىن سۇدا 20 مىنۇت يۇيۇش، تېمپېراتۇرىسى ℃ 22 ئەتراپىدىكى مىكروبسىز توقۇلما يېتىشتۈرۈش ئۆيىدە يىتىشتۈرۈش، ناترى گىپورخىلورد ئېرىتمىسىدە ئوكسىدلىنىپ 15 مىنۇت چىلاپ، باكتېرىيىسىزلەشتۈرش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#