سېرىق بېھى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېرىق بېھى سورتى ئاقسۇ رايۇنىدا كۆپىرەك ئۆستۈرىلىدۇ ، مېۋە شەكلى ئامۇت شەكلىدە بولغاچقا ، يەنە ئامۇت بېھى دەپمۇ ئاتايدۇ ، مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى cm 5.77 * 6.65 ، مېۋە پوستى سېرىق ، مېۋە يۈزىدە يۇمشاق تۈكچىلەر بار ، ساپىقىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ،
6 -8 يىلدا تولۇق مېۋىگە كىرىدۇ ، 14 يىل بولغان دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 4.6 مېتىر ، دەرەخ تاجى دىئامېتىرى 3.6 * 2.3 مېتىر كېلىدۇ. بىر يىلدا 62.9 سانتېمىتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ .
شەكلى ۋە تەمى
بۇ خىل سورتنىڭ دەرەخ تاجىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، نوتىلىرى قىزغۇچ سۆسۆن رەڭدە، تۈكچىلىرى بىرقەدەر شالاڭ، يوپۇرمىقى يۇمىلاق، چېچەك بىخلىرى كىچىك، شەكلى تۇخۇمسىمان بولىدۇ. مېۋە ئىتى سېرىق بولۇپ خۇشپۇراق، چۈرۈك، شىرنىلىك، تەمى چۈچۈمەل، تەركىبىدىكى ئېرىشچان ماددا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. بىر تال بېھىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25-26 تال ئۇرۇق چىقىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.