ۋۇگۇڭتەي بازىرى
ۋۇگۇڭتەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى گە، تەڭرىتاغ نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋۇگۇڭتەي بازىرىۋۇگۇڭتەي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى گە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، شەرقتە ئۈرۈمچى گە 82 كىلومېتىر كېلىدۇ، 312-ئۆلكە يولى، ئۈرۈمچى-كۇيتۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. پۈتۈن بازارنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 37 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 572 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ كۆلىمى 120 مىڭ مو.
ۋۇگۇڭتەي بازىرىتەۋەسىدە توققۇز كەنت 3مەيدان، 32 تارماق رايونى بار، نوپۇس18374 ئادەم. چېگراسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13 قېرىنداش مىللەت ئولتۇراقلاشقان. 2006-يىلى پۈتۈن بازارنىڭ يېزا ئىقتىسادى ئومۇمىي كىرىمى 669 مىليون يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7139 يۈەن.
ۋۇگۇڭتەي بازىرىيېقىندىن بېرى، ۋۇگۇڭتەي بازىرى مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز ئۈلگىلىك يېزا-بازار، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك «بەشتە ياخشى» يېزا ـ بازارلىق پارتكوم مەدەنىي يېزا-بازار، بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، چارۋىچىلىق خىزمىتىدىكى ئىلغار يېزا-بازار، كەنت ئاھالىسى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش لاياقەتلىك بازار، مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىلغار كوللېكتىپ دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول بايلىق مەنبەسى ۋە مۇھىتى ياخشى خىزمەت مېخانىزمى ۋۇگۇڭتەي بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.