مەجۇنى ئۆشبە

مەجۇنى ئۆشبە قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش،  ئىششىق ياندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

دورا نامى مەجۇنى ئۆشبە
تونۇش نامى Qingxue Ouxibai Migao
ئاساسلىق دورىسى ئۆشبە
خەنزۇچە نامى 清血欧西白蜜膏
ياسالما شەكلى مەجۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەجۇنى ئۆشبەنىڭ ئاساسلىق تەركىبى 
 نامى  مىقدارى  نامى مىقدارى نامى  مىقدارى
 ئۆشبە    14   گرام  ئاق سەندەل     22.4 گرام بىستىپايەچ     14 گرام
   قىزىل سەندەل     22.4  گرام ئەفتىمۇن     14 گرام   سانا     28 گرام
 گاۋزىبان   14 گرام  بەلىلە 8.4گرام  ۋاۋكاىچىن         14 گرام 
 سۇمبۇل  8.4 گرام  دارچىن   14 گرام قارا ھېلىلە      3.9 گرام
 قىزىلگۈل   22.4  گرام      سېرىق ھېلىلە     3.4 گرام چۆپچىن   22.4 گرام 

بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى،تۇخۇمدان ئىششىپ قېلىش، كالا تەمرەتكىسى، قىچىشقاق،چاقا يارىسى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى

كۈنىگە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا15 گرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ.

ساقلاش 

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن، سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

دورىدىن 25 گرام ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېتانول ۋە سۇنىڭ ئوخشاش مىقداردىكى ئېرىتمىسىدىن 60ml قوشۇپ،30 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ، چۆكمىگە چۈشۈرۈپ، ئۈستۈنكى سۈزۈك قىسمىنى شۈمۈرۈپ ئېلىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.سانا سېلىشتۇرما دورىسىدىن 0.5 گرام ئېلىپ،يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنجى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل دورا ئېرىتمىسىدىنµl10 شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (4∶4∶3) ئېتىل ئاتسىتات-نورمال پروپانول-سۇنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق لامپا(365nm)دا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك يالتىراق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.%20لىك نىترات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە 10 مىنۇت قىزىتىپ،سوۋۇتۇپ،يەنە %5 لىك كالىي ھىدروكسىدنىڭ سۇيۇق ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ كۈن نۇرىدا كۈزىتىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=685

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#