تىرناقگۈل

تىرناقگۈل

تىرناقگۈل، مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسى، تىرناقگۈل ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، تىرناقگۈل ئۆسۈملۈك تۈپى پاكار، گۈلى زىچ، رەڭگى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چىرايلىق، يەنە كىلىپ چىچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن، باغ- ئورمان ۋە شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

ئۇيغۇرچە نامى تىرناقگۈل
ئىنگلىزچە نامى Marigold
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى جۇخارگۈل ئەترىتى
ئۇرۇقداشلىرى تىرناقگۈل ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 金盏花
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى جۇخارگۈل ئائىلىسى
كەنجى سىنى بىرلىشىپ ئۆسكەن گۈل تاجلىقلار كەنجى سىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىرناقگۈلتىرناقگۈل ئائىلىسى، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تۈپى تۈكلۈك كېلىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك. باشسىمان گۈل رېتى يەككە ھالەتتە، گۈلىنىڭ ئايلانمىسى 5 سانتىمېتىر، سېرىق، تاتلىق ئاپېلسىن، ساغۇچ قىزىل، ئاق قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، قات گۈللۈك، پۈرمە بەرگىلىك ۋە يېشىل يۈرەكلىك، قېنىق سۆسۈن رەڭلىك، تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرى بار. 

تىرناقگۈلتىرناقگۈل ئەسلى ماكانى ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى. سۇغۇققا چىداملىق، ئىسسىقتىن قورقىدۇ، قۇياش نۇرى يېتەرلىك مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ. تىرناقگۈلنىڭ ئۆسىشىدىكى مۇۋاپىق تېمپۇراتۇرا ℃7-℃20 ئەتراپىدا.

تىرناقگۈلنىڭ ئەسلى ماكانى ياۋروپا، ياۋروپادا تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن، كەڭ كۆلەمدە ئائىلە، گۈللۈك، تەشتەكتە ئۆستۈرۈش كەڭ ئۇمۇملاشقان. بىراق تىرناقگۈلنىڭ يېڭى سورتى ئاز ئەمەس، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان تۈرى ئەڭ مەشھۇر، ئۇلار تالاپ يىتىشتۈرگەن يېڭى سورت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ. 

تىرناقگۈل ئاساسلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئادەتتە كۈزدە ياكى ئەتىيازدا پارنىكتا ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر گرام ئۇرۇقى 100-125 دانە، بىخلىنىشقا ماس كىلىدىغان تېمپېراتۇرا ℃20-℃22 ئەتراپىدا، داستا تېرىغاندا تۇپراقنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، تېرىلىپ تەخمىنەن 7-10 كۈندە بىخلىنىدۇ.  

تىرناقگۈلنى ئۆي ئىچىدە ئۆستۈرگەندە، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ناچار بولغاچقا، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ۋە قىروسىمان پاختىلىشىش كېسىلى دائىم يۈز بېرىدۇ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان %65 لىك ئاموبام نەملىنىشچان پاراشۈكىنى 500 ھەسسىلىك سۇيۇقلىقىنى چېچىش، يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى ۋاقىتتا، تىرناقگۈلدە دائىم ئال كېسەللىكى كۆرۈلىدۇ، %50 لىك نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 200 ھەسسىلەنگەن سۇيۇقلۇقى پۈركۈلىدۇ.  

تىرناقگۈلتىرناقگۈلنىڭ گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سىئانىد ۋە ھىدروگېن سولفىدقا قارشى تۇرۇشچانلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك، گۈل - گىياھلىرىنىڭ پاسكىنىلىققا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، شۇنداقلا ئەتىيازلىق گۈلزارلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى، گۈل ۋە تەشتەكتە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق.  [1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.sogou.com/v554067.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/2578/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#