خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى ()
  2. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى ()

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 8-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئتىنىڭ 69-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1998-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 9-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 21-يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ئېلان قىلىنغان. 1999-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1999-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
خەنزۇچە نامى 人民检察院刑事诉讼规则
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1998-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

8-باب تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش

1-پاراگراف قوبۇل قىلىش

244-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى يەتتە كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونىڭ تەكشۈرۈش سۈرۈكىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىگە كىرگۈزۈپ ھېسابلايدۇ.

245-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلودا، ئەيىبلەش پىكىرنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەپتىش خادىملىرىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشكە بەلگىلىشى كېرەك:

(1) دېلونىڭ شۇ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(2) ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ۋە دېلو ماتېرىيالىنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى، دېلنى تۈپلەش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىنىڭ ئالاقىدار تەلەپ ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى، دەۋا ھۆججىتى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىيالىنىڭ ئايرىم تۈپلەنگەن-تۈپلەنمىگەنلىكى؛

(3) دەلىل-ئىسپات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي نەرسىلەرنىڭ دېلو بىلەن بىللە بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ماددىي نەرسىلەرنىڭ ماددىي بۇيۇملار تىزىملىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقى؛

(4) جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇتۇلغان-تۇتۇلمىغانلىقى، شۇنىڭدەك مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىش ئەھۋالى.

246-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قوبۇل قىلىش شەرتىگە چۈشىدىغانلىرىنى، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلىگە تولدۇرۇش كېرەك.

ئەيىبلەش پىكىرنامىسى، دېلو ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىغان، دەلىل-ئسپات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي نەرسىلەر ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ماددىي نەرسە ماددىي نەرسىلەر تىزىملىكىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. دېلو ماتېرىياللىرىنى تۈپلەش تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن تۈر بويىچە قايتا تۈپلەنگەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

جىنايەت گۇماندارى قېچىپ كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئەيىبلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى قېچىپ كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، قاچقان جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقاندىن كېيىن، ئايرىم تەكشۈرۈش ئەيىبلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. تۇتۇلغان جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشنى ئادەتتىكىدەك ئېلىپ بېرىش لازىم.

247-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە بەرگەن دېلولارنى قوبۇل قىلغاندا، 244-ماددىدىن 246-ماددىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

248-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەيىبلىگەن دېلولار، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت قىلش تەۋەلىكى بىلەن ماس كېلىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1-سوت دېلوسى دەپ قارىسا، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن قوشۇپ بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئەگەر تەڭ دەرىجىلىك باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1-سوت دېلوسى دەپ قارىسا، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن قوشۇپ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ياكى ئورتاق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىشىگە يوللىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىىگە كىرىدۇ دەپ قارىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە بىۋاسىتە تاپشۇرسا بولىد؛ تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

بىر ئادەم بىرقانچە جىنايەتنى سادىر قىلغان، بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە قوشۇپ سوت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان دېلولاردا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەم ياكى بىر جىنايەت يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغانلا بولسا، دېلونى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەيدۇ.

2-پاراگراف تەكشۈرۈش

249-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى بېجىرىشكە تەپتىشلەرنى ياكى باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغان ياردەمچى تەپتىشلەرنى بەلگىلىشى لازىم، دېلونى باش تەپتىش بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

دېلو بېجىرگۈچىلەر دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دېلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى، دېلو كۆرۈشتىن خاتىرە قالدۇرۇشى لازىم.

250-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلولارنى تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىقلىشى شەرت:

(1) جىنايەت گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتى، جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، دۆلەت تەۋەلىكى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى، كەسپى ۋە خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(2) جىنايەت پاكىتى ۋە قىلمىشىنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقى، جىنايەتنىڭ خاراكتېرى ۋە نامىنى بېكىتىش پىكرىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقى، قانۇندا ئېغىر يېنىك، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى، بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولاردىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايى ھەرىكەتتە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنىڭ مۇۋاپىق بېكىتىلگەن-بېكىتىلمىگەنلىكى؛

(3) دەلىل-ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنىڭ دېلو بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى، ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىئەپ بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تىزىملىكى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرىتى ياكى باشقا ئىسپاتلىق ھۆججەتلىرىنىڭ دېلو بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى؛

(4) دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ راست، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(5) چۈشۈپ قالغان جىنايىتنىڭ ۋە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى؛

(6) جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغانلار قاتارىغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(7) قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىنىڭ بار-يوقلۇقى، زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ مال-مۈلكى ئۈستىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان-بولمىغانلىقى؛

(8) قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(9) تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(10) جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك پۇل-مال ۋە ئۇنىڭ ئكسۈمىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان-قېلىنمىغانلىقى، توڭلىتىلغان-توڭلىتىلىغانلىقى ھەمدە مۇۋاپىق ساقلانغان-ساقلانمىغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋە مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار ياكى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا بولمايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىسپاتلىق ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق بولغان-بولمىغانلىقى.

251-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندە، جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان كىشىنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىشى لازىم.

سوئال سورىغان ۋە پىكىر ئالغاندا، ئىككىدىن ئارتۇق دېلو بېجىرگۈچى بولۇشى ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

252-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان كىشىدىن بىۋاسىتە پىكىر ئېلىشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ۋە جىنايەت گۇماندارىغا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋلە قىلغان كىشىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنسا، ئۇلار يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ؛ بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، خاتىرىگە يېزىپ قويۇش كېرەك.

253-ماددا جىنايەت گۇماندارىدىن سوئال سورىغاندا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن، گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا، ئۇلارغا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

254-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى تېببىي باھالاش ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك دەپ ھېسابلىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن باھالاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ زۆرۈ تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى باھالىسىمۇ ياكى باھالاشنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە تېببىي ئورگانغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۆزى تېببىي جەھەتتىن باھالىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئادەم قاتناشتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا تېببىي ئاپپارات ياكى مەخسۇس باھالاش ئاپپاراتلىرىدىكى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملارنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

255-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش داۋامىدا، جىنايەت گۇماندارىدا روھىي كېسەللىك بولۇش ئېھتىمالى سېزىلسە، خەلق تەپتىش مەھىكمىسى مۇشۇ قائىدىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت گۇماندارىنى باھالىتىشى لازىم.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاقلىغۇچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى جىنايەت گۇماندارىدا روھىي كېسەللىك بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قاراپ، جىنايەت گۇماندارىنى باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇشۇ قائىدىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت گۇماندارىنى باھالاتسا بولىدۇ؛ باھالاش ھەققىنى باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلغان تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.

256-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئېنىقلىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قارىتا قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈش زۆرۈر دەپ قارىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن قايتا ئېنىقلاش ۋە قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، بۇنىڭغا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرسا بولىدۇ؛ تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى قايتا ئېنىقلىغان، قايتا تەكشۈرگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇشنى مەسلىھەتلەشسە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مەخسۇس تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

257-ماددا خەلق تەپتىش ەھكىمىسى باھالا ش يەكۈنىدە گۇمان بار دەپ قارىسا، مەخسۇس بىلىمگە ئىگە خاىمي ياكى باھالش ئاپپاراتىنى ئەۋەتىپ ياكى تەكلىپ قىلىپ، دېودىكى مەخسۇس مەسىلىلەرنى تولۇقلاپ باھالاتسا ياكى قايتا باھالاتسا بولىدۇ.

تەكشۈرۈپ ئەيبلەش دېلولىرىدىكى مەخسۇس تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان دەلىل-ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشكە تېەىشلىك دەپ قارىسا، تەپتىش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ياكى مەخسۇس بىلىمگەئىگە باشقا خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. تەپتىش خادىملىرىنىڭ ياكى مەخسۇس بىلىمگە ئىگە باشقا خادىملار تەكشۈرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ پىكرىن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

258-ماددا ماددىي ئىسپات، يازم ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىدا، ئېنىقش، تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە گۇمان بار بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلىگۈچى خادىملاردىن ماددىي ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن مۇنسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىايللىرىنى بەرگەن كىشىدىن گەپ سوراش ھەمدە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇش ، ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى تېخنىكىلىق باھالىتىش كېرەك.

259-ماددا خەلق تەپتىش ەمھكىمىسى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خاتىرىسىدە گۇمان بارلىقىنى سەزسە ياكى گۇۋاھچىدىن گەپ سوراش ئىشىنى كونكرېت ياكى ئەتراپلىق بولمىغان دەپ ھېسابلىسا، گۇۋاھچىلاردىن گەپ سورسا ھەمدە خاتىرە قالدۇرسا بولىدۇ.

260-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارسىسا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 5-باب 2-پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، قولغا ئېلىش تارمىقىنىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

261-ماددا دېلو بېجىرگۈچىلەر دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن دېلو تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى يېزىپ چىقىپ، ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلىمەسلىك ۋە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىش-قىلماسلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، باش تەپتىشنىڭ ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىشى لازىم.

تەكشۈرۈپ ئەيببلەشنى باش تەپتىش ئۈستىگە ئالغان دېلولاردىن، مۇش قائىدىدە تەپتىش ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىلىرىدا، ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى باش تەپتىش بىۋاسىتە چىقارسا بولىدۇ.

262-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولاردا، جىنايەت گۇماندارىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنىڭ يوقلۇقى سېزىلسە، ئۇنىڭ سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈش، دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايتۇرۇش؛ جىنايى قىلمىشنىڭ شۇ جىنايەت گۇماندارى تەرىپىدىن سادىر قىلىنمىغانلىقى سېزىلسە، ئۇنىڭ سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈپ، دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قايتۇرۇش ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا قايتا تەھقىقلەش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش لازىم. جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان بولسا، قولغا ئېلىش قارارىنى بىكار قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال قويۇپ بېرىشى ئۇقتۇرۇش لاىزم.

263-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تامرىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلودا، مۇشۇ قائىدىىنىڭ 262-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزسە، دېلونى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىغا قايتۇرۇپ، بىكار قىلىش يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى لازىم.

264-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى تەكشۈرگەندن كېيىن، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى سوتتا زۆرۈر بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك دەپ ھېسابلىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن شۇ دەلىل-ئىسپاتنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى يازما تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

265-ماددا قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن دەلىل-ئىسپات توپلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. قىيىن-قىستاققا ئېلىپ ئىقرار قىلدۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش، ئالداشتەك قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن توپلىغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى جىنايەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن توپلىغانلىقىنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەھقىقلەش ئورگىنىدىن تەھقىقلىگۈچى خادىملارنى قايتا بەلگىلەپ، يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئالسىمۇ بولىدۇ.

تەھقىقلىگۈچى ئورگان يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا تەھقىقلىگۈچى خادىملارنى قايتا بەلگىلىمىگەن بولسا، دېلو تەھقىقلىەۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قانۇن بويىچە قايتۇرۇلسا بولىدۇ.

266-ماددا خەلق تەپتىش ەمھكىمىسى جىنايەت پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس ياكى جىنايىتى، شېرىك جىنايەت گۇماندارى چۈشۈپ قالغان، تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ ھېسابلىسا، كونكرېت يازما پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇشى كېرەك؛ خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆز ئالىغا تەھقىقلىسىمۇ، زۆرۈ تېپىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

267-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس ياكى جىنايىتى، شېرىك جىنايەت گۇماندارى چۈشۈپ قالغان، تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ ھېسابلىسا، تەھقىقلەش تارمىقىغا تولۇقلاپ تەھقىقلەش ھەققىدە يازما پىكىر بېرىپ، دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇشى كېرەك.

268-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇلغان دېلولارنى بىر ئاي ئىچىدە تولۇقلاپ تەھقىقلەپ بولۇش لازىم.

تولۇقلاپ تەھقىقلەش ئىككى قېتىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

تولۇقلاپ تەھقىقلەش ئاياغلىشىپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى قايتا ھېسابلايدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇش سۈرۈكى، قېىتم سانى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

269-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىلەش جەريانىدا ئۆزى تەھقىقلەشنى قارار قىلغانلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى ئىچىدە تەھقىقلەپ بولۇشى كېرەك.

270-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشتە يېڭى جىنايەت پاكىتى بارلىقىنى سەزسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىقلانغانلىرىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى لازىم.

271-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش مەزگىلىدە دېلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرگەن بولسا، تەۋەلىكى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 140-ماددىسىدىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن دېلونى ئەسلىي دېلو قوبۇل قىلغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئارقىلىق ئەسلىي تەھقىقلىگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرسىمۇ، ئۆزى تەھقىقلىسىمۇ بولىدۇ. باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

272-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزپ بېرىلگەن دېلو ئۈستىدە بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردىن بىر ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشقا بولمايدىغانلىرىنڭ سۈرۈكىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن 15 كۈن ئۇزارتسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەيدىغان دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرگەن بولسا، تەۋەلىكى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى دېلونى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلايدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن دېلودا، ئەيىبلەش سۈرۈكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرى بېرىشى، باش تەپتىشكە دوكلات قىلىشى كېركە.

273-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش جەريانىدا گۇماندار قېچىپ كەتكەن بولسا ياكى روھىي كېسەللىككە ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ سوراققا بەرداشلىق بېرەلمىسە، دەۋا ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈشنى توختاتسا بولىدۇ.

بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئىچىدىكى بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى قېچىپ كەتكەن بولسا، قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈپ توختىتىلسا بولىدۇ؛ باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىش كېرەك.

تەكشۈرۈشنى توختىتىشتا،د ېلو بېجىرگۈچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تارماق مەسئۇلى تەكشۈرۈپ باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە يوللىشى لازىم.

تەكشۈرۈشنى توختىتىش قارارىنى بىكار قىلىش ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

274-ماددا تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش مەزگىلىدە جىنايەت گۇماندرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل - ماللىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئوبدان ساقلىشى لازىم.

275-ماددا سۈرۈشتۈرۈپ قايتۇرۇۋېلىنغان پۇل-ماللاردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەئەللۇق قانۇنىي مال-مۈلۈكلەرنى سوتتا كۆرسىتىش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش ھەمدە زىيانكەشلىكە ئۇچرىغۇچى پۇل-مالنى قايتۇرۇش تىزىملىكىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى، قايتۇرۇش سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ھەمدە تىزىملىك، سۈرەتلەرنى دېلوغا سېلىش لازىم.

276-ماددا سۈرۈشتۈرۈپ قايتۇرۇۋېلىنغان پۇل - ماللار ئىچىدىكى مەنئى قىلىنغان بۇيۇم ياكى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولمايدىغنا بۇيۇملارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە تىزىملىك، سۈرەت، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى دېلوغا سېلىپ قويۇش كېرەك.

277-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارى ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىشقا ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى توڭلاتقاقان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشنى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇشنى كېسىم ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئامانەت پۇلى، پېرېۋوت پۇلىنى كېسىم ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار دېلو ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

278-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى دېلو بېجىرگەندە، مۇشۇ قائىدىدە بەلگىلەنگەن تەھقىقلەش تەدبىرلىرى ۋە تەرتىپىنى قوللانسا بولىدۇ.

3-پاراگراف ئەيىبلەش

279-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىقلانغان، دەلىل-ئىسپاتى راست، تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارىلققا تارتىش كېرەك دەپ ھېسابلىسا، ئەيىبلەش قارارى چىقىرىشى كېرەك.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، جىنايەت پاكىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:

(1) بىرلا جىنايەت سادىر بولغان دېلودا، ئېنىقلانغان پاكىت بىلەن جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچىگىلى بولىدىغان ياكى جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان پاكىتلار ئېنىقلانغان بولۇپ، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىز يەتكۈزمەيدىغان پاكىتلارنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىسا؛

(2) بىرنەچچە جىنايەت سادىر بولغان دېلودا قىسمەن جىنايەت ئېنىقلانغان ھەمدە ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشىدىغان بولۇپ، باشقا جىنايەتلەرنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىسا؛ 

(3) دېلو سادىر قىلىش قورالى، ھارام ماللارنىڭ نەدىلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، جاۋابكارغا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە بولىدىغان باشقا دەلىل-ئىسپاتلار بولسا؛

(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ باياندىىكى مەزمۇنلار ئاساسەن بىردەك بولۇپ، ئايرىم ئەھۋاللار بىردەك بولمىغان ھەمدە جىنايەت بېكىتىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان بولسا.

2-تارماقچىدىكى ئەھۋالغا مۇۋاپىق كەلگەنلىرىنى ئېنىقلانغان جىنايەت بويىچە ئەيىبلەش كېرەك.

280-ماددا خەلق تەپتىش مەھكمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى بېجىرگەندە، قانۇن بويىچە ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك شېرىك جىنايەت گۇماندرىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە تولۇقلاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش لازىم؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست، تولۇق بولغانلىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە ئەيىبلىسىمۇ بولىدۇ.

281-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش قارارى چىقارغاندىن كېيىن ئەيىنامە تۈزۈشى كېرەك.

ئەيىبنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) جاۋابكارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى، تۇغۇلغان جايى، كىملىك نومۇرى، مىللىتى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، كەسپى، خىزمەت ئورنى ۋە ۋەزىپىسى،ئادرېسى، جىنايي جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقى، مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك جاۋابكار قامالغان ئورۇن قاتارلىقلار؛ ئورۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئورۇننىڭ نامى، ئادرېسى، قانۇنىي ۋەكىلى ياك ۋەكىلنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى ئېنىق يېزىلىدۇ؛ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك «بىۋاسىتە جاۋابكارىقى بار مەسئۇل خادىم ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىم» بار بولسا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان جاۋابكارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەزمۇن بويىچە يېزىلىدۇ.

(2) دېلو مەزمۇنى ۋە دېلونىڭ كېلىش مەنبەسى.

(3) دېلو پاكىتى، جۈملىدىن جىنايەت سادىر بولغان ۋقاىت، قاي، ئۇنىڭ جەريانى، ۋاسىتىسى، مۇددىئاسى، مەقسىتى، زىيانلىق ئاقىۋىتىگە ئوخشاش جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە مۇناسىۋەتلىك پاكىت ئامىللىرى. ئەيىبنامىدە ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتىنىڭ زۆرۈر ئامىلىق ئېنىق، توغرا بولۇشى، جاۋابكار كۆپ خىل جىنايەت پاكىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، بىرمۇبىر كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئوخشاش بولغان جىنايەت يىغىنچاق بايان قىلىنغان بولۇشى لازىم.

(4) ئەيىبلەش ئاساسى ۋە سەۋەبى، جۈملىدىن جاۋابكار خىلاپلىق قىلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ماددىسى، جىنايەتنىڭ خاراكتېرى؛ قانۇندا يېنىك، يېنىكلىتىپ ياكى ئېغىر، ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن شەرتلەر؛ بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەربىر جاۋابكارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايى جاۋابكارلىقى قاتارلىقلار.

جاۋابكارنىڭ راست ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسىنى ئېنىقلاش مۇمكى بولمىسا، ئۇنىڭ لەقىمى ياكى ئۆزى مەلۇم قىلغان ئىسىم-فامىلىسى، يېشى بويىچە ئەيىبنامە تۈزۈش ھەمدە بىنى ئەيىبنامىدە ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. ئۆزى مەلۇم قىلغان ئىسىم - فامىلىسى باشقىلارنىڭ نام-شەرىپىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلەرنى بۇزۇشقا ئوخشاش يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىش ئېھىتمالى بولغان جاۋابكارلارغا نومۇر بېكىتىلسە ھەمدە بېكىتىلگەن نومۇر بويىچە ئەيىبنامە تۈزۈلسە، ئەيىبنامىگە جاۋابكارنىڭ سۈرىتى قوشۇپ قويۇلسا بولىدۇ.

282-مادا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى ئەيىبلىگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆپەيتىلمىسى ياكى سۈرىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

ئەيىبنامىنى سەككىز نۇسخا يېزىش، بىر جاۋابكار قوشۇلسا، ئەيىبنامىدىن بەش نۇسخا كۆپەيتىش كېرەك.

گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىملىكى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى،ئۇلارنىڭ ئىسىملىكىدە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، جىسى، كەسپى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئورنى ئېنىق كۆرسىتلىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا چىقمايدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ سوتقا چىقماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندرمىسىمۇ بولىدۇ.

دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ئەيىبلەشتىن ئىلگىرى توپلىغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ مۇندەرىجىسى بولۇشى كېرەك.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئورنى، جاۋابكارنىڭ پۇل-ماللىرىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان-قېلىنمىغانلىقى، توڭلىتىپ قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى، شۇنىڭدەك ساقلانغان ئورنى، جاۋابكارغا قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ تۈرى، تۇتۇلغان-تۇتۇلمىغانلىقى، يەنە شۇنىڭدەك قاماپ قويۇلغان ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەرنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئايرىم ماتېرىيال يوللىماي، ئەيىبنامىدە ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئەيىبنامىدە ئۇ نىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئورنىنى كۆرسىتىش بىئەپ بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئايرىم ماتېرىيال يوللاش لازىم.

باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسىى ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات قىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسا، باھالىغۇچى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشتىن خاتىرە قالدۇرغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولسا، ئايرىم ماتېرىيال يوللاپ بېرىلمەيدۇ.

283-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كونكرېت دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەندە، «ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات»نىڭ دائىرىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن دائىرىگە ۋە ھەربىر دەلىل-ئىسپاتنىڭ كونكرېت دېلودىكى ئەمەلىي ئىسپاتلىق رولىغا قاراپ بېكىتىدۇ.

ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات دېگەندە، جىنايەت شەكىللىنىشنىڭ شەرتىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىتنى بېكىتىشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان، دېلو جىنايەتنى بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپات كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئەيىبنامىدە تىلغا ئېلىنغان ھەربىر دەلىل-ئىسپاتلار تۈرىدىكى ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلار؛

(2) ئوخشاش خىلدىكى بىرقانچە دەلىل-ئىسپاتتىن «ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات» دەپ بېكىتىلگەنلىرى؛

(3) قانۇندا جازا ئۆلچەش ئەھۋالى قىلىپ بەلگىلەنگەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، خىزمەت كۆرسىتىش، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزۈش، جىنايەتنى توختىتىش، مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىق ۋە يوللۇق قوغدىنىشقا دائىر دەلىل-ئىسپاتلار.

ئاساسلىق دەلىل-ئىسپات قىلىنىدىغان يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خاتىرىسى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايان خاتىرىسى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش خاتىرىسى ياكى ئېنقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىلىرىدىن جاۋابكارنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك قىسمى ۋە باھالاشنامىنىڭ يەكۈن قىسمىلا كۆپەيتىلسە بولىدۇ.

284-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن شەرتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما پىكىر سۇنۇپ تولۇقلاشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ماتېىريالنى تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش دائىرىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 150-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى ماتېرىيالنى تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پىكرىدە باشقا مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋاللار بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سوت ئېچىپ سوت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 189-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى لازىم.

285-ماددا ئەيىبلەنگەندىن تارتىپ سوت قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى تولۇقلاپ توپلىغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى جىنايى ئشىلار دەۋا قانۇنىنىڭ 150- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئالاقىدار گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسىملىكى، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ۋە ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆپەيتىلمىسى ياكى سۈرىتىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

4-پاراگراف ئەيىبلىمەسلىك

286-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان دېلودا يەنىلا دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىسا، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.

ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى دېلونىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە تولۇقلاپ تەھقىقلەش قېتىم سانىنى بېكىتىش لازىم.تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بار بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولمىسا، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس، ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ:

(1) جىنايەتنى بېكىتىشتە ئاساس قىلىنىدىغنا دەلىل-ئىسپاتتا گۇمان بولۇپ، ئۇنىڭ راستلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئامال بولمىسا؛

(2) جىنايەت شەكىللىنىشنىڭ مۇھىم شەرتىگە دائىر پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان زۆرۈر دەلىل-ئىسپاتلار كەمچىل بولسا؛

(3) جىنايەتنى بېكىتىشتە ئاساس قىلىنىدىغان دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيتەنى مۇۋاپىق يوققا چىقارغىلى بولمىسا؛

(4) دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن چىقىرىلغان يەكۈندە باشقا ئېھتىماللىق بولسا.

287 –ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 140-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلغان دېلولاردىن يېڭى دەلىل-ئىسپاتلار بايقىلىپ، ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشىدىغانلىرىنى ئەيىبلىسە بولىدۇ.

228-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان دېلودا، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشى ئارقىلىق ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشى كېرەك.

289-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىىلەر بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغان ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار ئۈستىدە تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا بولىدۇ.

290-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغاندىن كېيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى تۈزۈشى كېرەك.

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى، تۇغۇلغان جايى، مىللىتى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، كەسپى، ئادرېسى، كىملىك نومۇرى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىقى، توختىىتپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغان يىل، ئاي، كۈنى ۋە قامالغان ئورنى قاتارلىقلار؛

(2) دېلو مەزمۇنى ۋە دېلونىڭ كېلىش مەنبەسى؛

(3) دېلو پاكىتى، جۈملىدىن ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىتلار، شۇنىڭدەك ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشتا ئاساسلانغان پاكىتلار؛

(4) ئەيىبلىمەسلىكنىڭ ئاساس ۋە سەۋەبى، بۇنىڭدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن ماددىلىرىنى ئېنىق يېزىش كېرەك؛

(5) ئۇقتۇرۇپ قويۇلىدىغان ئالاقىدار ئىشلار.

291-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغان دېلولاردا، دېلودىكى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە تەنبىھ بەرسە ياكى توۋىنامە يازدۇرسا، ناماقۇللۇق بىلدۈرگۈزسە، زىياننى تۆلەتسە بولىدۇ.

ئەيىبلەنمىگۈچىگە مەمۇرىي جازا بېرىشكە، مەمۇرىي چارە كۆرۈشكە ياكى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشقا توغرا كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى بىلەن بىللە ئالاقدىار مەسئۇل ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

292-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 140-ماددىسىنىڭ 2-ترمىقىغا ئاساسەن، بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگە دېلولاردا ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەيىبلەش تارمىقى ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنىڭ كۆچۈرمىسى ۋە دېلو تەكشۈرۈش دوكلاتىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

293-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغان دېلولاردا، تەھقىقلەش داۋامىدا تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل - ماللارنى تۇتۇپ قېلىش توڭلىتىشنى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قارارى چىقارغان ئورگانغا ياكى تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىش قارارىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشنى بىكار قىلىش توغرىسىدا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

294-ماددا ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

295-ماددا ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا، شۇنىڭدەك دەۋا ۋاكالەتچىسىگە، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ۋە ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. يەتكۈزگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ئەيىبلىمەسلىككە قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز بەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئەرز بەرمەي بىۋاسىتە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش؛ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 142-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمسىىگە ئەرز بەرسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

296-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلغان بولسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.

297-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قاراپ، قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقى تەپتىش خادىمىنى باشقىدىن بەلگىلەپ تەكشۈرۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەيىبلىگۈچى تارماق مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ باش تەپتىشنىڭ ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش پىكىرنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم.

298-ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارى ئۈستىدىكى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلىش پىكىرناىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەيىبلەش تارمىقىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك، ئەيىبلىگۈچى تارماق تەكشۈرۈشكە تەپتىش خادىملىرىنى بەلگىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئەيىبلىگۈچى تارماق مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى لازىم.

بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلىش پىكىرنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى، قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارى ئۆزگەرتىلگەن بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چىقارغان ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

299-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت تەپتىش تارمىقى دېلو ئېچىپ قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز بەرگەن بولسا، قارار چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز ماتېرىيالىنى دېلو ماتېرىيالى بىلەن بىللە بىر دەرىجە يۇقرىى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.

300-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىڭ قارارىغا قايىل بولماي، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەرز قىلغان بولسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت تارمىقى قوبۇل قىلىدۇ. تەكشۈرگەندىن كېيىن دېلو ئېچىپ قايتا تەكشۈرۈش-تەكشۈرمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

301-ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولماي بەرگەن ئەرزىنى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولسا، ئۇزاق بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىى كېرەك.

ئەرز - شىكايەت تارمىقى قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولسا، ئۇزاق بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

ئەرز-شىكايەت تارمىقى قايتا تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ قاي, تا ت, ەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشىغا سۇنۇشى لازىم.

قايتا تەكشۈرۈش قارارنامىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ۋە ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەش قارارى چىقارغان بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەيىبلەشنى تاپشۇرۇشى ھەمدە قايتا تەكشۈرۈش قارارىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەيىبلەشكە يوللىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللاشنى ئەيىبلەش تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

302-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەيىبلەنمىگۈچى ئۈستىدە قىلغان دەۋاسىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق تەتپىش مەھكىمىسى قايتا تەكشۈرۈشنى توختىتىپ، ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقىرىشتا ئاساسلانغان مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

303-ماددا ئەيىبلەنمىگۈچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 142-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چىقارغان ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولماي، ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئەرز قىلغان بولسا، قارار چىقارغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ قايتا تەكشۈرىدۇ، دېلونى ئەرز-شىكايەت تارمىقى بېجىرىدۇ؛ ئەيىبلەنمىگۈچى ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەرز قىلغان بولسا، ئەرز شىكايەت تارمىقى دېلو ئېچىپ قايتا تەكشۈرۈش-تەكشۈرمەسلىكنى تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت تارمىقى قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن قايتا تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك دەپ قارىسا، باش تەپتىشنىڭ قارار چىقىرىشغا يوللايدۇ؛ ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىپ، ئەيىبلەش كېرەك دەپ قارىسا، باش تەپتىش ئارقىلىق تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

قايتا تەكشۈرۈش قارارنامىسىنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئەيىبلىمەسلىك قارارى بىكار قىلىنغان ياكى ئەيىبلىمەسلىك پاكتى ۋە ياكى ئاساسىي ئۆزگەرگەن بولسا، كۆچۈرمىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەيىبلەشكە يوللىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋە ئۆز مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىپ، ئەيىبلەش توغرىسىدا قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، دېلونى ئەيىبلەش تارمىقىنىڭ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

304-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولماي ئەرز بەرگەن بولسا، ئەرزنامىنى تاپشۇرۇشى، ئەرز سەۋەبىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ يېزىش ئىقتىدارى بولمىسا، ئاغزاكى ئەررز بەرسىمۇ بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئاغزاكى بەرگەن ئەرزى بويىچە خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

305-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى، ئەيىبلەش شەرتىگە چۈشىدىغانلىقىنى سەزسە، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى بىكار قىلىپ ئەيىبلىشى كېرەك.

306-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئەيىبلەش، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئەيىبلەش، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، ئۇنى بىكار قىلىشى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك.

5-پاراگراف ئاددىي تەرتىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى

307-ماددا قانۇن بويىچە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى، ئايرىم جەرىمانە قويۇش جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان ئەيىبلەنگەن دېلولاردىن پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولغان، باش تەپتىشنىڭ قارارى بىلەن ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلىدىغانلىرى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەكلىپ بېرىش كېرەك.

308-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش زۆرۈر دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يازما تەكلىپ بەرگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئون كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىشى كېرەك.

309-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىر تەرەپ ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادەتتىكى تەرتىپنى قوللىنىشى كېرەك.

310-ماددا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلغانلىرىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

311-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ياكى شۇنداق قىلىشقا قوشۇلغان ئەيىبلەنگەن دېلولاردا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

312-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى بەرمەسلىكى ياكى ئۇنىڭغا قوشۇلماسلىقى كېرەك:

(1) قانۇن بويىچە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولسا؛

(2) دېلونىڭ پاكىتى، دەلىل-ئىسپاتىدا چوڭراق تالاش-تارتىش بولسا؛

(3) بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسى بولسا؛

(4) جاۋابكارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزمىگەنلىكى، قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولسا؛

(5) جاۋابكار ئەما، گاس-گاچا بولسا؛

(6) ئاقلىغۇچى جىنايەتسىز دەپ ئاقلىسا؛

(7) ئاددىي تەرتىپنى قوللانسا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

313-ماددا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلىپ سوت قىلىنغان ئەيىبلەنگەن دېلولاردا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى سېزىپ، ئەيىبلەنگەن دېلونى 1-سوتنىڭ ئاددىي تەرتىپى بويىچە يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى قارار قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

314-ماددا ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا ئۆزگەرتىلگەن دېلولاردا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ماتېرىياللىرى ۋە دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش سۈرۈكىنى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مۇناسىۋەتلىك دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلايدۇ.

6-پاراگراف ئاقلاش ۋە ۋاكالەتچىلىك

315-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە جىنايەت گۇماندارىغا ئاقىلغۇچى تېپىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇش ئاغزاكى يازما قىلىنسا بولىد. ئاغزاكى ئۇقتۇرۇلغان بولسا، خاتىرىگە ئېنىق يېزىلىشى، ئۇقتۇرۇلغۇچى ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك؛ يازما ئۇقتۇرۇلغان بولسا، يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇرىنى دېلوغا سېلىش كېرەك.

قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى ئاقلىغۇچى تېپىشنى تەلەپ قىلسا، جىنايەت گۇماندارى كۆرسەتكەن ئادەم ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارنى بېجىرىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى كۆرسەتكەن ئادەمگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

316-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىش جەريانىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئەمما تۆۋەندىكى كىشىلەر ئاقلىغۇچى بولسا بولمايدۇ:

(1) جازاسى كېچىكتۈرۈلۈپ سىنىلىۋاتقانلار ياكى جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولمىغانلار؛

(2) قانۇن بويىچە جىسمانىي ئەركىنلىكى مەھرۇم قىلىنغان، چەكلەنگەن كىشىلەر؛

(3) ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر؛

(4) شۇ دېلو بىلەن بىۋاسىتە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە تۈرمىلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار؛

(6) چەت ئەللىكلەر ياكى دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر.

ئالدىنقى تارماقنىڭ 4-، 5-، 6-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن خادىملاردىن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنى ياكى ۋەسىيسى بولغان ھەمدە ئالدىنقى تارماقنىڭ 1-، 2-، 3-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋالغا كىرمەيدىغانلىرىغا جىنايەت گۇماندارى ئاقلاشنى ھاۋالە قىلسا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.

ئادۋوكات، خەلق تەشكىلاتلىرى ياكى جىنايەت گۇماندارى ئىشلەيدىغان ئورۇن كۆرسەتكەن پۇقرا، شۇنىڭدەك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ۋەسىيسى، ئۇرۇق-تۇغقىنى، دوست-بۇرادىرى ھاۋالىگە ئاساسەن ئاقلىغۇچى بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقلىغۇچىنىڭ كىملىكىنى ۋە ئاقلاش ھاۋالىنامىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك.

317-ماددا بىر جىنايەت گۇماندارى بىردىن-ئىككىگىچە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولاردا، بىر ئاقلىغۇچى ئىككىدىن ئارتۇق شېرىك جىنايەت گۇماندارىنى ئاقلىسا بولمايدۇ.

ئادۋوكاتلاردىن دەۋا ۋاكالەتچىسى بولغانلىرى بىرلا ۋاقىتتا بىر دېلودىكى ئىككىدىن ئارتۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، جىنايى ئىشلار دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

318-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە دەۋا ۋاكالەتچىسى تېپىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇش ئاغزاكى يازما قىلىنسا بولىدۇ. ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىرىدا ئۇقتۇرۇش ئەھۋالى ئېنىق خاتىرىلىنىشى، ئۇقتۇرۇلغۇچى ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك؛ يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىرىدا يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇرىنى دېلوغا سېلىش كېرەك؛ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا مۇمكىن بولمىسا، ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇنىي ۋكالەتچىسى بار بولسا، شۇ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك؛ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى بولمىسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى ئىككىدىن ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ بىرىگىلا ئۇقتۇرۇلسا بولىدۇ، ئۇقتۇرۇشنى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىنىڭ 3-، 6-تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە قىلىش كېرەك.

319-ماددا تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش جەريانىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشىگە، كۆچۈرۈۋېلىشىغا، كۆپەيتىۋېلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.

دەۋا ھۆججەتلىرى-دېلو ئېچىش قارارنامىسى، توختىتىپ قويۇش گۇۋاھنامىسى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسى، قولغا ئلېىش قارارنامىسى، قولغا ئېلىش گۇۋاھنامىسى، ئاختۇرۇش گۇۋاھنامىسى، ئەيىبلەش پىكىرنامىسىغا ئوخشاش دېلو ئېچىش، مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ۋە تەھقىقلەش تەدبىرى قوللىنىش، شۇنىڭدەك ئەيىبلەشكە سۇنۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەرتىپ خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرى-قانۇن دوختۇرلۇقى بويىچە باھالاش، روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيىلىك باھالاش، ماددىي ئىسپاتلارنى تېخنىكىلىق باھالاش قاتارلىق باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە خادىملار ئادەم بەدىنى، ماددىي بۇيۇم ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى باھالاشتا شەكىللەنگەن باھالاش ئەھۋالى ۋە باھالاش خۇلاسىسى خاتىرىلەنگەن ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

320-ماددا ئادۋوكاتتىن باشقا ئاقلىغۇچىلار خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە شۇ دېلونىڭ دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆچۈرۈۋېلىش، كۆپەيتىۋېلىشنى ياكى قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى، خەت ئېلىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاقلىغۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاقلىغۇچىلىق سالاھىيىتى بولمىسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رۇخسەت قىلمايدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رۇخسەت قىلمىسا بولىدۇ:

(1) شېرىك جىنايەت گۇماندارى قېچىپ يۈرگەن بولسا؛

(2) دېلو پاكىتى ئېنىق بولمىغان، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولمىغان ياكى جىنايىتى، شېرىك جىنايەت گۇماندارى چۈشۈپ قالغان بولۇپ، تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسا؛

(3) دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىشلىق بولسا؛

(4) تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، دەلىل-ئىسپاتنى يوق قىلىۋېتىش، ياساش ياكى گۇۋاھچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان پاكىت بار بولسا.

321-ماددا ئادۋوكاتتىن باشقا ئاقلىغۇچىلار قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن خەت ئېلىشىشتا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماش ئورگىنىدىن خەت-چەكلەرنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

322-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ياكى رۇخسەت قىلىنغان باشقا ئاقلىغۇچى شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرمەكچى، كۆچۈرۈۋالماقچى، كۆپەيتىۋالماقچى بولسا، ئەيىبلەش تارمىقىغا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى، ئەيىبلەش تارمىقى ئىلتىماس قىلغان ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ياكى باشقا ئاقلىغۇچىلاردىن ئۆز سالاھىيىتىنى ۋە دەۋا ھاۋالە مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

ئەيىبلەش تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. شۇ كۈنى بېجىرگىلى بولمىسا، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى ھەمدە ئۈچ كۈن ئىچىدە بېجىرىش ۋاقتىنى بېكىتىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تېخنىكىلىق بالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆچۈرۈۋېلىش ۋە كۆپەيتىۋېلىش ئىشى ھۆججەتخانىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.

323-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە جاۋابكار كۆرسەتكەن گۇۋاھچىدىن ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دەلىل-ئىسپات توپلاش ۋە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زۆرۈر دەپ قارىسا، ئۇنى توپلىسا ۋە ئالسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغان، ئالغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى تۆپىدە تۇرسا بولىدۇ.

324-ماددا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى كۆرسەتكەن گۇۋاھچىلاردىن شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللرنى توپلاشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە رۇخسەت قىلىش - قىلماسلىقنى قارار قىلىشى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

325-ماددا ئادۋوكات دەۋا ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىيالىنى كۆرسە، كۆچۈرۈۋالسا، كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ. شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاشقا، ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 323-، 324-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

326-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسى شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرمەكچى، كۆچۈرۈۋالماقچى، كۆپەيتىۋالماقچى، شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىماقچى، ئالماقچى بولسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھاۋالىنامىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇ, رۇشى كېرەك.

دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ شۇ دېلودىكى دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش، كۆچۈرۈۋېلىش، كۆپەيتىۋېلىش ئىشى بۇ قائىدىنىڭ 319-، 320-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ.

327-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولارنى مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىدۇ.

9-باب سوتقا قاتنىشىش

1-پاراگراف 1-سوتقا قاتنىشىش

328-ماددا ئەيىبلەنگەن دېلولاردىن ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلىپ سوتقا ئادەم ئەۋەتمەسلىك قارار قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرىغا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئەيىبلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن 1-سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىشى كېرەك. ئەيىبلىگۈچىنى باش تەپتىش، تەپتىش ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغان ياردەمچى تەپتىشلەردىن بىردىن، بىرنەچچىگىچە كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە خاتىرىلەش ئۈچۈن پۈتۈكچى قويۇلىدۇ.

329-ماددا ئەيىبلەنگەندىن كېيىن باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرگەن دېلولارنى ئەسلىي ئەيىبلىگەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇشۇ قائىدىنىڭ 248-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سوت باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە مۇناسىپ كېلىدىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

دېلونى ئۆتكۈزۈۋالغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قايتا تەكشۈرگەندە، ئەيىبلەش سۈرۈكىنى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 138-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دېلونى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلايدۇ.

330-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى تۆۋەندىكى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

(1) دېلو ئەھۋالى بىلەن يەنىمۇ پىششىق تونۇشۇش، دەلىل-ئىسپاتقا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلەش؛

(2) شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، سىياسەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش؛

(3) سوتلاش جەريانىدا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي بىلىملەرنى تولۇقلاش؛

(4) جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچى، باھالىغۇچىدىن گەپ سوراش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوقۇپ ئۆتۈش، كۆرسىتىش، ئاڭلىتىش، قويۇش پىلانىنى بېكىتىش ھەمدە يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش؛

(5) ئەيىبلەش پىكرىنى تۈزۈپ، مۇنازىرە تېزىسى تەييارلاش.

331-ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتتا تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

(1) ئەيىبنامىنى ئوقۇپ ئۆتۈش، دۆلەتكە ۋاكالىتەن جىنايەت ئۈستىدىن شىكايەت قىىلش، خەلق سوت مەھكىمىسىگە جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوت قىلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش؛

(2) جاۋابكاردىن سوئال سوراش؛

(3) گۇۋاھچى، باھالىغۇچىلاردىن گەپ سوراش؛

(4) ماددىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش؛ يازما ئىسپاتلارنى، سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ خاتىرىسىنى، باھالىغۇچىنىڭ باھالاش يەكۈنىنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى ۋە دەلىل-ئىسپات بولىدىغان باشقا ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ ئۆتۈش؛ دەلىل-ئىسپات بولىدىغان ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى بېرىش؛

(5) دەلىل-ئىسپات ۋە دېلو ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىش؛ جاۋابكارنىڭ، ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلاش پىكرىگە ئاساسەن مۇنازىرىلىشىش، ئەيىبلەش پىكرىنى ئەتراپلىق بايان قىلىش، ناتوغرا ئاقلاش پىكرىگە رەددىيەت بېرىش؛

(6) دەۋاغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى قوغداش؛

(7) دېلونى سوت قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ كېلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىق خاتىرىلەش؛

(8) قانۇن بويىچە باشقا دەۋا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش.

332-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا ئەيىبلىگۈچى سوتقا جاۋابكارنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكى، جىنايىتىنىڭ ئېغىر ياكى يېنىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق، ئادىللىق بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

333-ماددا ئەيىبلىگۈچى جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچىدىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن، باھالىغۇچىدىن گەپ سوراش، ماددىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش، يازما ئىسپات، سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇپ ئۆتۈش ئىشىنى تۆۋەندىكى پاكىتلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك:

(1) جاۋابكارنىڭ كىم ئىكەنلىكى؛

(2) شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، جاۋابكارنىڭ شۇ قىلمىشنى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقى؛

(3) جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان ۋاقتى، ئورنى، ئۇسۇلى، ۋاسىتىسى، ئاقىۋىتى، جاۋابكارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىپادىسى قاتارلىقلار؛

(4) جىنايەتچىلەر گۇرۇھىدىكىلەر ياكى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن باشقا دېلولاردا، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ دەۋادا تۇتقان ئورنى ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىقى؛

(5) جاۋابكاردا جاۋابكارلىق ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقى، قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىكنىڭ بار - يوقلۇقى، قىلمىش سادىر قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى؛

(6)قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى، قانۇندا ئېغىر، ئېغىرلىتىپ ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ھەمدە جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقى؛

(7) جىنايەت نىشانى، دېلو سادىر قىلىش سايمانلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى، جىنايەتكە مۇناسىۋەتلىك پۇل، ماللارنىڭ كېلىش مەنبەسى، سانى ۋە ئىز-دېرىكى؛ 

(8) جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدە شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىش ئاساسى ۋە سەۋەبىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان-تۇرالمايدىلىقى؛

(9) جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا پاكىتلار.

334-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى پاكىتلارنى دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش ھاجەتسىز:

(1) ئادەتتە كىشىلەر بىلىدىغان ساۋات خاراكتېرلىك پاكىتلار؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم، كېسىملىرىدە بېكىتىلگەن ھەمدە سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا قاراپ چىقىلمىغان پاكىتلار؛

(3) سوتچى خادىملار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىشكە تېگىشلىك قانۇن، نىزاملارنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇنى تەتبىقلاشقا دائىر پاكىتلار؛

(4) سوت قىلىشتا باشقىچە پىكىر بولمىغان تەرتىپ توغرىسىدىكى پاكىتلار؛

(5) قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قىياسەن بېكىتىلگەن پاكىتلار؛

335-ماددا جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراشتا، بايان ياكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ ئوبيېكتىپ، راست بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئازدۇرۇش خاراكتېرىدىكى سوئال، گەپ سوراش، شۇنىڭدەك باشقا نامۇۋاپىق سوئال، گەپ سوراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئاقلىغۇچى، جاۋابكار ياكى گۇۋاھچىدىن بايان ياكى گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى، راستلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئازدۇرۇش خاراكتېرلىك سوئال ۋە گەپلەرنى سورىغان، شۇنىڭدەك باشقا نامۇۋاپىق سوئال، گەپلەرنى سورىغاندا، ئەيىبلىگۈچى باش سوتچىدىن توسۇشنى ياكى بۇ بايان، گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولاردىكى جاۋابكاردىن سوئال سوراش، گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراش ئىشىنى ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىش كېرەك.

جاۋابكار، گۇۋاھچىلارنىڭ ئوخشاش بىر پاكىتنى بايان قىلىشىدا زىددىيەت بولۇپ، يۈزلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئەيىبلىگۈچى سوتقا مۇناسىۋەتلىك جاۋابكار، گۇۋاھچىلارنى بىرلا ۋاقىتتا سوتقا چاقىرتىپ كېلىپ يۈزلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش، قۇرامىغا يەتمىگەن گۇۋاھچىلاردىن گەپ سوراش ئىشىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىش كېرەك.

336-ماددا جاۋابكارنىڭ سوت قىلىش جەريانىدىكى بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن تەھقىقلەش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش جەريانىدىكى ئىقرارىنىڭ مەزمۇنى بىردەك بولۇپ ياكى بىردەك بولماي، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۈزمىسە، جاۋابكارنىڭ ئىقرار خاتىرىسى ئوقۇلمىسىمۇ بولىدۇ.جاۋابكارنىڭ سوتتىكى بايانلىرى بىلەن تەھقىقلەش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش جەريانىدىكى ئىقرارى بىردەك بولماي، جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، جاۋابكارنىڭ ئىقرار خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە بولىدۇ ھەمدە جاۋابكارنىڭ خاتىرىدىكى ئىقرارىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، جاۋابكاردىن سوئال سوراش ياكى باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىسپاتلاش كېرەك.

337-ماددا گۇۋاھچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سوتقا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خاتىرىسىنى ئەيىبلىگۈچى شۇ سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈشى كېرەك. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى خاتىرىسىدە گۇمان بولۇپ، گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كېلىپ بايان قىلىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا،ئەيىبلىگۈچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سوت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ گۇۋاھچىغا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش ۋە يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن سوتقا كېلىشنى قايتا ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

338-ماددا گۇۋاھچى سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەندە، ئەيىبلىگۈچى باش سوتچى بېكىتكەن تەرتىپ بويىچە گۇۋاھچىغا سوئال قويۇشى كېرەك. ئەيىبلىگۈچى ئالدى بىلەن گۇۋاھچىدىن ئۆزى بىلىدىغان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى باغلىنىشلىق بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. گۇۋاھچى باغلىنىشلىق بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىى ئېلىپ گۇۋاھچىغا سوئال قويسا بولىدۇ.گۇۋاھچى باغلىنىشلىق بايان قىلالمىسا، بىۋاسىتە سوئال قويسىمۇ بولىدۇ.گۇۋاھچىغا سوئال قويۇش ئىشىنى گۇۋاھلىق سۆزىدە چۈشۈپ قالغان، زىددىيەتلىك، ئېنىق بولمىغان ۋە تالاش-تارتىش بولغان مەزمۇنلار ھەمدە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشكە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پاكىتلارنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەك.

سوئال قويغاندا سوئالغا جاۋاب بېرىش شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. سوئال ئاددىي، ئېنىق بولۇشى لازىم.

گۇۋاھچىلار يالغان بايان قىلغاندا، سوئال قويۇش ئارقىلىق پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. زۆرۈر بولغاندا يەنە گۇۋاھچىنىڭ تەھقىقلەش، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈش ياكى باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش ئوقۇپ ئۆتۈش ئارقىلىق گۇۋاھچىدىن گەپ سوراش كېرەك.

دەۋالاشقۇچى، ئاقلىغۇچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى گۇۋاھچىغا سوئال قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچىنىڭ جاۋاب بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ گۇۋاھچىغا قايتا سوئال قويسا بولىدۇ.

باھالىغۇچىلاردىن گەپ سوراش ئىشى يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

339-ماددا سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ سوتقا كەلمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايان خاتىرىسى، باھالىغۇچىنىڭ باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش خاتىرىسى ۋە دەلىل-ئىسپات بولىدىغان باشقا ھۆججەتلەرنى ئەيىبلىگۈچى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈشى كېرەك. 

340-ماددا ئەيىبلىگۈچى ماددىي ئىسپاتلارنى سوتقا كۆرسەتكەندە، شۇ ماددىي ئىسپات ئىسپاتلايدىغان مەزمۇننى ۋە ماددىي ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرۈش ئەھۋالىنى يىغىنچاق چۈشەندۈرۈشى ھەمدە دەۋالاشقۇچى، گۇۋاھچىلاردىن شۇ ماددىي ئىسپاتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى سورىشى، ئۇلارغا تونۇتۇشى كېرەك.

يازما ئىسپاتلارنى ئوقۇپ ئۆتۈشتە، شۇ يازما ئىسپات ئسپاتلايدىغان مەزمۇننى ۋە يازما ئىسپاتنى قولغا چۈشۈرۈپ ئەھۋالنى يىغىنچاق چۈشەندۈرۈش، دەۋالاشقۇچى، گۇۋاھچىلاردىن شۇ يازما ئىسپاتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېنىق سوراش ھەمدە ئۇلارغا تونۇتۇش كېرەك. شۇ يازما ئىسپات تېخنىكىلىق باھالانغان بولسا، باھالاشنامىنى ئوقۇپ ئۆتۈش كېرەك.

341-ماددا سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، دېلودىكى تەرتىپكە دائىر پاكىتلاردا تالاش-تارتىش بولسا، مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۆججەتلىرىنى، تەھقىقەلش ياكى ئەيىبلەش پائالىيىتى خاتىرىسىنى كۆرسىتىش ۋە ئوقۇپ ئۆتۈش كېرەك.

342-ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتتا سوت قىلىش ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسىدىكىدىن باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتسە، ئوقۇپ ئۆتسە بولىدۇ. جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ئاقلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئەيىبلىگۈچى كېڭەشمە سوتقا سوت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

343-ماددا ئاختۇرۇش، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشكە ئوخشاش تەھقىقلەش پائالىيەتلىرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن خاتىرىدە تالاش-تارتىش بولۇپ، تەھقىقلەشكە مەسئۇل خادىملارنىڭ شۇنىڭدەك ئاختۇرۇش، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈشكە ئوخشاش پائالىيەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بايان قىلىشىغا توغرا كەلسە، ئەيىبلىگۈچى كېڭەشمە سوتقا ئۇلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

344-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، كېڭەشمە سوت دەلىل-ئىسپاتتىن گۇمانلانسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلىغۇچى، جاۋابكارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن تەھقىقلەش، ئەيىبلەشتە توپلىغان جاۋابكارنىڭ جىنايەتسىز ياكى جىنايىتىنى يېنىك ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ بۇ ماتېرىياللار بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم.

345-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، كېڭەشمە سوت دەلىل-ئىسپاتتىن گۇمانلانغان ھەمدە سوت توختىتىپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئېنىقلىغان، تەكشۈرگەن، تۇتۇپ قالغان، باھالىغان ۋە سۈرۈشتۈرگەن، توڭلىتىۋەتكەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىشى، يۇقىرىقى پائالىيەتلەردە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

346-ماددا خەلق سوت ەمھكىمىسى ئادۋوكاتنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن توپلىغان، ئالغان دەلىل-ئسپاتلار ياكى كېڭەشمە سوت سوتنى توختىتىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى سوتقا تونۇتۇشى، يۈزلەشتۈرۈپ ئسپاتلىشى شەرت؛ شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇنى ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. سوتتا تونۇتماي، يۈزلەشتۈرۈپ ئسپاتلىماي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغانلىرى ئۈستىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈزىتىش پىكرى بېرىشى، ھۆكۈم چىقارغان بولسا، قانۇن بويچە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك.

347-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى باش سوتچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، تەكشۈرۈلۈۋاتقان دەلىل-ئىساپت ۋە دېلو ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ ھەمدە جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى بىلەن مۇنازىرىلەشسە بولىدۇ. دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ بولغاندا، ئەيىبلىگۈچى خۇلاسە پىكرى بايان قىلىشى كېرەك.

سوت مۇنازىرىسىدە ئەيىبلىگۈچى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە سەۋەبىنى شەرھلەپ ئۆتۈشى كېرەك.

348-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەيىبلىگۈچى سوت قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛

(1) پاكىتنىڭ ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى ياكى جىنايىتىنىڭ، شېرىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى سېزىلىپ، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇقلاپ بېرىشكە توغرا كەلسە؛

(2) جىنايىتىنىڭ ياكى شېرىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقى سېزىلىپ، تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە ياكى دەلىل-ئسپاتلارنى تولۇقلاپ بېرىشكە تېگىشلىك بولمىسىمۇ، ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەشكە ياكى ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە؛

(3) سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىسىملىكى بېرىلمىگەن گۇۋاھچى، باھالىغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلسە ياكى سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىنىڭ سوتقا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلىشىغا توغرا كەلسە.

349-ماددا سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە سوت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى ياكى ئەيىبلەشتىن كېچىشى كېرەك.

سوت قىلىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى سوت قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنىڭ قېتىم سانىنى ئىككى قېتىمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ھەر قېتىمقىسىنىڭ ۋاقتىنى بىر ئايدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى لازىم.

350-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، سوتقا زۆرۈر بولغان دەلىل-ئسپاتلارنى تولۇقلاپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە ياكى دېلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە توغرا كەلسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزى دەلىل-ئىسپات توپلىشى ۋە تەھقىقلىشىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تولۇقلاپ تەھقىقلەشتە، مۇشۇ قائىدىنىڭ 4-، 5-، 7-بابلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

تولۇقلاپ تەھقىقلەش ۋاقتى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

351-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ياكى جىنايەت پاكىتىنىڭ ئەيىبنامىدە بايان قىلىنغان سلاھىيىتى ۋە ياكى شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىت بىلەن ئوخشاشمايدىغانلىقىنى سەزسە، ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ شېرىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياكى جىنايەتنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزسە، قوشۇپ ئەيىبلەش ۋە سوت قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت پاكىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، جىنايى قىلمىشنى جاۋابكارنىڭ سادىر قىلمىغانلىقىنى ياكى جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكالرىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمەسلىكىنى سەزسە، ئەيىبلەشتىن كېچىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

352-ماددا سوت قىلىش جەريانىدا، خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تولۇقلاپ ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە، خەلق تەپتىش مەھكىمسىى ئالاقىدار سەۋەبلەرنى تەكشۈرۈشى ھەمدە تولۇقلاپ تەھقىقلەش، تولۇقلاپ ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىش قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەيىبنامىدە شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ئۈستىدە قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

353-ماددا ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىش، سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلەشتىن كېچىشنى باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇپ ھەمدە بۇنى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى يازما ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

سوت قىلىش جەريانىدا، ئەيىبلىگۈچى ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىش، سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەش ياكى ئەيىبلەشتىن كېچىش كېرەك دەپ قارىسا، سوتنى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى ھەمدە بۇنى ئېنىق خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

ئەيىبلەشنى ئۆزگەرتىشتە، سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەشتە، جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ئاقلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا زۆرۈر ۋاقىت بېرىشكە توغرا كەلسە، ئەيىبلىگۈچى كېڭەشمە سوت قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

ئەيىبلەشتىن كەچكەندىن كېيىن يېڭى پاكىت ياكى يېڭى دەلىل-ئىسپات بولمىسا، قايتا ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

354-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىلگىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاددىي تەرتىپ قوللىنىپ سوت قىلىشنى قارار قىلغان دېلولاردا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقى سېزىلسە، خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئادەتتىكى 1-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇن بويىچە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى سېزىلسە؛

(2) دېلودىكى پاكىت، دەلىل-ئىسپاتتا چوڭراق تالاش-تارتىش بولسا؛

(3) جاۋابكارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزمىگەنلىكى، قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىدە گۇمان بولسا؛

(4) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ يېڭى جىنايەت پاكىتىنى سېزىپ، بىللە سوت قىلىش ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلەشكە توغرا كەلسە.

355-ماددا سوتقا قاتناشقان پۈتۈكچىلەر سوتلاش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى، سوت ئېچىلغان ۋاقىت، ئورۇن، قاتناشقان خادىملار، ئەيىبلىگۈچىنىڭ سوتقا قاتنىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە سوتتا تەكشۈرۈش، سوت مۇنازىرىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، شۇنىڭدەك سوتنىڭ ھۆكۈم نەتىجىسىدىن تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇشى، ئۇنىڭغا ئەيىبلىگۈچى ۋە پۈتۈكچىلەر ئىمزا قويۇشى لازىم.

356-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتتا كۆرسىتىلگەن، ئولقۇپ ئۆتۈلگەن، قويۇلغان دەلىل-ئسپات ماتېرىياللىرىنى شۇ سوتنىڭ ئۆزىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، شۇ سوتتا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ھەقىقەتەن مۇمكىن بولمىغانلىرىنى سوت توختىتىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. سوتتا سوتقا كەلمىگەن گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى كۆرسىتىلگەن، ئوقۇپ ئۆتۈلگەن، قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەگەر شۇ گۇۋاھچى ئوخشاشمايدىغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شۇ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ ھەممىسىنى سوت توختىتىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

357-ماددا باش سوتچى سوتنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئەيىبلىگۈچى كېڭەشمە سوت بىلەن سوتتا كۆرسىتىلگەن، ئوقۇپ ئۆتۈلگەن، قويۇپ بېرىلگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم. سوت توختىتىلغاندىن كېيىن سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولسا، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

358-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل-ماللىرىدىن پېچەتلەپ ساقلىنىۋاتقانلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىشى لازىم:

(1) دەلىل-ئىسپات ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى قانۇن بويىچە دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىئەپ بولغانلىرىنىڭ تىزىملىكى، سۈرىتى ياكى باشقا ئىسپاتلىق ھۆججەتلەرنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك؛

(2) ھارام پۇللار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا توڭلىتىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بەرگەن ئىسپاتلىق ھۆججەتلەرنى دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم؛

(3) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ھارام پۇل، ھارام ماللاردىن قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىرىدا، دەلىل-ئىسپاتنىڭ تىزىملىكى، سۈرىتى ياكى باشقا ئىسپاتلىق ھۆججەتلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دېلو بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ ھارام پۇل، ھارام ماللارنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرانىڭ ئۇچۇر قەغىزىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

2-پاراگراف 2-سوتقا قاتنىشىش

359-ماددا ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلو ياكى ئەيىبلىگەن دېلولاردا ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ سوت قىلىشنى قارار قىلغان نارازىلىق ئەرز دېلولىرىدا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2-سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

360-ماددا 2-سوتقا قاتنىشىدىغان باش تەپتىش، تەپتىشلەرنىڭ ياكى باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن تەپتىشلىك ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەيدىغان ياردەمچى تەپتىشلەرنىڭ ۋەزىپىسى:

(1) ئېتىرازنى قوللاش ياكى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى ئاڭلاش، ئەسلىي سوت قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ خاتا ھۆكۈمى ياكى كېسىمى ئۈستىدە تۈزىتىش پىكرى بېرىش؛

(2) ئەسلىي سوت قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ توغرا ھۆكۈم ياكى كېسىملىرىنى قوغداش، يولسىز نارازىلىق ئەرزلەرگە رەددىيە بېرىش، سوتقا ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛

(3) دەۋاغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى قوغداش؛

(4) سوت قىلىنغان دېلولاردا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپ كېلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىق خاتىرىلەش؛

(5) قانۇن بويىچە باشقا دەۋا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش.

361-ماددا ئېتىراز ۋە نارازىلىق ئەرز دېلولىرىدا، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن مۇناسىپ كېلىدىغان خەلق تەپتىش مەھىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن دېلو ماتېرىياللىرىنى ئالدۇرۇش لازىم.

2-سوتقا قاتناشقۇچى تەپتىش خادىملىرى 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى كۆرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ، 1-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشى كېرەك.

362-ماددا تەپتىش خادىملىرى ئەسلىي سوت قىلغان دېلو ماتېرىياللىرىنى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى، نارازىلىق ئەرز بېرىش ياكى ئېتىراز بىلدۈرۈش دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن دېلو پاكىتىنى ۋە قانۇنىي تەتبىقلاشنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى، دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ راست، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقىنى، ئۆلچەنگەن جازانىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى، سوت پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىرازنامىسى ياكى نارازىلىق بەرگۈچىنىڭ ئەرزىنى تەكشۈرۈشى، ئېتىراز بىلدۈرۈش ياكى نارازىلىق ئەرز بېرىش سەۋەبلىرىنىڭ توغرا، تولۇق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىگىلىشى كېرەك.

363-ماددا تەپتىش خادىملىرى 1-سوت دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرگەندە، ئەسلىي سوت قىلىنغان جاۋابكارنى سوراق قىلىشى، ئاساسلىق دەلىل-ئسپاتلارنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم.

364-ماددا تەپتىش خادىملىرى 2-سوتقا قاتنىشىشتا جاۋابكاردىن سوئال سوراش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن، گۇۋاھچىلاردىن، باھالىغۇچىلاردىن گەپ سوراش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش، ئوقۇپ ئۆتۈش، قويۇپ بېرىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە مۇنازىرە تېزىسى يېزىشى كېرەك. نارازىلىق ئەرز دېلولىرىدا سوتقا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى سوتقا قاتنىشىش پىكرى تەييارلاش لازىم.

365-ماددا سوت قىلىشتا، تەپتىش خادىملىرى ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمى ياكى كېسىملىرىدە پاكىتنى بېكىتىش ياكى قانۇننى تەتبىقلاش، جازا ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە، شۇنىڭدەك نارازىلىق ئەرز بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرز پىكرىگە، ئاقلىغۇچىنىڭ ئاقلاش پىكرىگە ئاساسەن، جاۋابكاردىن سوئال سورىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن، گۇۋاھچىلاردىن، باھالىغۇچىلاردىن گەپ سورىشى، دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى ۋە ئوقۇپ ئۆتۈشى ھەمدە پىكىر بېرىشى ۋە مۇنازىرىلىشىشى كېرەك.

366-ماددا سوتقا قاتناشقان تەپتىش خادىمى 1-سوتتا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشكە، ئوقۇپ ئۆتۈشكە، قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، سوتقا قاتناشقان تەپتىش خادىمى سوتقا كۆرسىتىش، ئوقۇپ ئۆتۈش، قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2-سوتتا كۆرسىتىلگەن، ئوقۇپ ئۆتۈلگەن، قويۇپ بېرىلگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇشۇ قائىدىنىڭ 336-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-پاراگراف قايتا سوتقا قاتنىشىش

367-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا سوت قىلىشقا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەم قاتناشتۇرۇشى لازىم.

368-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قايتا سوت قىلىشقا ئادەم قاتناشتۇرۇشى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت دەرىجىسىگە ماس كېلىشى كېرەك.

369-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلغان دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈم، كېسىملەردە بېكىتىلگەن پاكىت، دەلىل-ئسپاتلارنى ۋە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى لازىم.

370-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىشقا ئادەم قاتناشتۇرغاندا، قايتا سوت قىلىدىغان دېلو 1-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىندىىغان بولسا، مۇشۇ بابنىڭ 1-پاراگرافىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرسە بولىدۇ؛ قايتا سوت قىلىنىدىغان دېلو 2-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنىدىغان بولسا، مۇش بابنىڭ ئىككىنچى پاراگرافىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىەلر بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

10-باب جىنايى ئىشلار دەۋالىرى ئۈستىدىكى قانۇن نازارەتچىلىكى

1-پاراگراف دېلو ئېچىش نازارەتچىلىكى

371-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ دېلو ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

372-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىمىگەنلىكىنى سەزسە، تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرىدۇ؛ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېنىقلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈر دەپ قارىسا، باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى يەتتە كۈن ئىچىدە يازما ئىزاھلاپ ئۆتۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئاچماسلىق سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىسا، باش تەپتىش ياكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو ئېچىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

373-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگشلىك دېلونى ئېچىپ تەھقىملىمىدى دەپ قاراپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز بەرسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز تارمىقى قوبۇل قىلىشى ھەمدە پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، زۆرۈر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى ئىزاھلاپ ئۆتۈشى زۆرۈر دەپ قارىسا، دېلونى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقىنىڭ بېجىرىشگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئاچماسلىق سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارىسا، ئەرز تارمىقىغا ئۇقتۇرش قىلىشى، ئەرز تارمىقى دېلو ئاچماسلىق سەۋەبى ئاساسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئون كۈن ئىچىدە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئاچماسلىق سەۋەبىنى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىسا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 372-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆۈشى كېرەك. 

374-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو ئېچىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى باش تەپتىش بېكىتىدۇ. چوڭ ياكى چىگىش، مۇرەككەپ دېلولارنى باش تەپتىش تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ.

375-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو ئېچىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، دېلو ئېچىش ئۇقتۇرۇشى تۈزۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆچۈرمىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە، دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىمۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشنى، دېلو ئېچىش قارارنامىسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمسىىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

376-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو ئېچىش ھەققىدە قىلغان ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەك.

377-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان چوڭ جىنايەت دېلولىرىدىن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغانلىرىغا دېلو ئېچىش ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دېلو ئاچمىسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىسە بولىدۇ.

378-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولمغىان دېلولارنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا پىكىر بېرىشى كېرەك. 

379-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى ياكى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمقىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە تېگىشلىك بولغان دېلونى ئېچىپ تەھقىقلەشكە يوللىمىغانلىقىنى سەزسە، تەھقىقلەش تارمىقىغا دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە يوللاش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى، تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىسا، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە سۇنۇشى لازىم. 

2-پاراگراف تەھقىقلەش نازارەتچلىكى

380-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇناغ ئۇيغۇن بولغان - بولمىغانلىقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

381-ماددا تەھقىقلەش نازارەتچىلىكىدە، ئاساسلىقى قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سېزىش ۋە تۈزىتىش لازىم:

(1) جىنايەت گۇماندارىنى قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئازدۇرۇپ ئىقرار قىلدۇرۇش؛

(2) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، گۇۋاھچىلاردىن تەن جازاسى بېرىش، تەھدىت سېلىش، ئالداش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن دەلىل-ئىسپات توپلاش؛

(3) دەلىل-ئىسپاتلارنى ياساش، يوشۇرۇش، يوقىتىۋېتىش، ئالماشتۇرۇۋېتىش ياكى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش؛ 

(4) نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، جىنايەتچىلەرنى ئۆز مەيلىچە قويۇېتىش، قانات ئاستىغا ئېلىش؛

(5) قەستەن ناھەق، يالغان، خاتا دېلو پەيدا قىلىش؛

(6) تەھقىقلەش پائالىيىتىدە ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پايدا ئېلىش؛

(7) تەھقىقلەش جەريانىدا بىكار قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان دېلولارنى بىكار قىلىش؛

(8) تۇتۇپ قېلىنغان، توڭلىتىلغان پۇل-ماللارنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ئالماشتۇرۇۋېلىش؛

(9) جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قارار قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش؛

(10) قاماش، دېلو بېجىرىش سۈرۈكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش؛

(11) تەھقىقلەش جەريانىدا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

382-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى، ئەيىبلەش تارمىقى تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش، ئەيىبلەش داۋمىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار سېزىلسە، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تۈزىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە پىكىر بېرىشى كېرەك. 

تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقى تەھقىقلەش داۋامىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن قاماپ تۇرۇش ۋە دېلو بېجىرىش سۈرۈكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلارنى سەزسە، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە پىكىر بېرىشى كېرەك. 

383-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېھتىياجىغا قاراپ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چوڭ دېلو مۇزاكىرىسىگە ۋە باشقا تەھقىقلەش پائالىيەتلىرىگە ئادەم قاتناشتۇرسا بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى سەزسە، تۈزىتىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

384-ماددا دەۋاغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى ۋە بىزگە ھاقارەت قىلدى، دەپ تەھقىقلەش ئورگىنى ياكى تەھقىقلىگۈچى خادىملار ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

385-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ۋە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارىنى قويۇپ ېبرىشى ياكى قولغا ئېلىش تەدبىرىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىدا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سەزسە تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

386-ماددا خەلق تەتپىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خادىملىرىنىڭ تەھقىقلەش ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قارار قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

تەپتىش خادىملىرى قانۇنغا خىلاپ يېنىكرەك قىلمىشلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا تەھقىقلىگۈچى خادىملارغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىغا ئاغزاكى پىكىر بېرىشى ھەمدە ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا تارماق مەسئۇلىغا تۈزىتىش پىكرىنى بېرىپ قويۇشى كېرەك.

قانۇنغا خىلاپ ئېغغراق قىلمىشلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا باش تەپتىشنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

387-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەنلىرىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىننىڭ بەرگەن جاۋابىغا ئاساسەن ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش؛ جاۋاب بەرمىگەنلىرىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جاۋاب بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى.

388-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەرگەن تۈزىتىش پىكرى قوبۇل قىلىنمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دوكلات قىلىشى ھەمدە كۆچۈرمىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا يوللىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارىسا، تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى؛ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش پىرىدە خاتالىق بار دەپ قارىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

389-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى، ئەيىبلەش تارمىقى تەھقىقلىگۈچى خادىملارنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى سەزسە، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە باش تەپتىشكە دوكلات قىلىشى كېرەك. تەھقىقلەش تارمىقى تەكشۈرگەندىن كېيىن دېلو ئېچىپ تەھقىقلەش-تەھقىقلىمەسلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە سۇنۇشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغانلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

390-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش تارمىقى ياكى ئەيىبلەش تارمىقى، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدىكى ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قارار قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش پائالىيەتلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرى ئۈستىدە بىۋاسىتە تەھقىقلەش تارمىقىغا تۈزىتىش پىكرى بەرسە بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق ياكى جىنايەت جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە يوللاش كېرەك.

3-پاراگراف سوت نازارەتچىلىكى

391-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ. 

392-ماددا سوت پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشتا ئاساسلىقى قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سېزىش ۋە تۈزىتىش كېرەك:

(1) خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى قوبۇل قىلىشتا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(2) خەلق سوت مەھكىمىسى دېلولارنى سوت قىلىشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش ۋە يەتكۈزۈش سۈرۈكىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

(3) سوت تەركىبىدىكىلەر قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا؛

(4) دېلونى سوت قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ كەلگەن بولسا؛

(5) دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا؛

(6) سوت قىلىشتا تەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە چىقىرىلغان قارار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولسا؛

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن سوت قىلىش تەرتىپىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار بولسا.

393-ماددا سوت نازارەتچىلىكىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغان دېلولاردا قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈككە خىلاپ بولغانلىرىنى تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقى بېجىرىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش، دېلو ماتېرىيالىنى كۆرۈش، ئەرزنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، سوت پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ.

394-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت, پائال, ىيىتىنى نازارەت قىلىش جەريانىدا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياكى سوتچى خادىملارنىڭ دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەزسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

سوتقا قاتناشقان تەپتىش خادىملىرى سوتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەزسە، سوت توختىتىلغاندىن كېيىن ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى لازىم.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرتىپكە خىلاپ بولغان سوت پائالىيىتى ئۈستىدىن بېرىدىغان تۈزىتىش پىكرىنى سوتتىن كېيىن بېرىشى كېرەك.

395-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سوت پائالىيىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشتا، مۇشۇ قائىدىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارى نازارەت قىلىشىغا ئائىت بەلگىلىمىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.

4-پاراگراف جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىنى نازارەت قىلىش

396-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەقىقەتەن خاتالىق بار ھۆكۈم، كېسىملىرىگە قانۇن بويىچە ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.

397-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت ھۆكۈم، كېسىمىدە تۆۋەندىكى ئەھۋللارنىڭ بىرى بار دەپ قارىسا، ئېتىراز بىلدۈرىدۇ:

(1) بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولمىسا؛

(2) جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار راست، تولۇق بولسىمۇ، جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ياكى جىنايەتسىز بولسىمۇ، جىنايەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنغان بولسا؛

(3) ئېغىر جىنايەتكە يېنىك جازا، يېنىك جىنايەتكە ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازانىڭ ئۆلچىنىشى روشەن ھالدا مۇۋاپىق بولمىسا؛

(4) بېكىتىلگەن جىنايەت نامى توغرا بولمىغان، بىر جىنايەتكە بىرقانچە جىنايەت، بىرقانچە جىنايەتكە بىر جىنايەت بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا ئۆلچەشكە تەسىر يەتكەن ياكى ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر كېلىپ چىققان بولسا؛

(5) جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىش ياكى جازانى كېچىكتۈرۈش خاتا بولسا؛

(6) خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش جەريانىدا، قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا تەرتىپىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا.

398-ماددا جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم، كېسىملىرىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدۇ.

399-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت ھۆكۈمنامىسى ياكى كېسىمنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، دېلو بېجىرگۈچى جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇشى كېرەك؛ ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى باش تەپتىشنىڭ بېكىتىشىگە سۇنۇشى كېرەك؛ چىگىش ياكى چوڭ مۇرەككەپ دېلولارنى باش تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

400-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت ھۆكۈمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشتە، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈشى؛ كېسىم ئۈستىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈشتە، كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك.

401-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت ھۆكۈم، كېسىمىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشتە، ئېتىرازنامە تۈزۈپ، ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھەمدە ئېتىرازنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى دېلو ماتېرىياللىرى بىلەن بىللە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىشى كېرەك.

402-ماددا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 1-سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دەرھال تەكشۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بەش كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش-بىلدۈرمەسلىكنى قارار قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا جاۋاب بېرىشى؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرۈش كېرەك دەپ قارىسا، مۇشۇ قائىدىنىڭ 397-ماددىسىدىن 401-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلىشى كېرەك.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بەش كۈندىن كېيىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا، قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

403-ماددا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2-سوت تەرتىپى بويىچە بىلدۈرگەن ئېتىرازنى توغرا دەپ قارىسا، ئېتىرازنى قوللىشى؛ ئېتىرازنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىرازنامىنى قايتۇرۇۋېلىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، قايتا قاراپ چىقىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىش نەتىجىسىنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بېرىش، ئېتىراز بىلدۈرۈش سۈرۈكى ئىچىدە، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك دېلوغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەنلىكىنى سەزسە، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى قانۇن بويىچە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

404-ماددا 2-سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىي سوت قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوت تەرتىپى بويىچە قايتا سوت قىلىشىغا قايتۇرغان دېلولاردا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قايتا سوت قىلىپ چىقارغان ھۆكۈم، كېسىمدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قارىسا، يەنىلا 2-سوت تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرسە بولىدۇ.

405-ماددا دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى قانۇن كۈچىگە ئىگە جىنايى ئشىلار ھۆكۈم، كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قاراپ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز بەرسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت تەپتىش تارمىقى، تۈرمە-قاماقخانا تەپتىش تارمىقى ۋە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەرز قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

406-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىمىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بار دەپ قاراپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى سەزسە، سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك:

(1) ئەسلىي ھۆكۈم، كېسىمدە بېكىتىلگەن پاكىتتا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېڭى دەلىل-ئىسپات بار بولسا؛

(2) جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەشتە ئاساسلانغان دەلىل-ئىسپات راست، تولۇق بولمىسا ياكى دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولسا؛

(3) ئەسلىي ھۆكۈم، كېسىمدە قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(4) سوتچى خادىملار شۇ دېلونى سوت قىلغاندا خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ناھەق ھۆكۈم-كېسىم چىقىرىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسا.

407-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم-كېسىملىرىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىدە، ئەرز-شىكايەت تارمىقى باش تەپتىشنىڭ تەپتىش ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىغا تاپشۇرۇشىغا سۇنۇشى كېرەك، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېتىراز بىلدۈۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش تارمىقى سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللايدۇ.

408-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ياكى كېسىملىرىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ياكى كېسىملىرىدە ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى سەزسە، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئېتىراز بىلدۈرسە ياكى كۈچكە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.

409-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەندە، ئېتىرازنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.

410-ماددا سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولاردىن خەلق تەپتىش مەھكىىمىسى تەرىپىدىن خەلق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈم، كېسىمدە يەنىلا خاتالىق بار دەپ قارالغانلىرى 1-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنغان بولسا، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك؛ 2-سوت تەرتىپى بويىچە سوت قىلىنغان بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك.

411-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىۋاسىتە دەۋا قىلىدىغان دېلولاردىكى ۋە ئەيىبلىگۈچى سوتقا قاتناشمىغان، ئاددىي تەرتىپ قوللىنىلىپ سوت قىلىنغان دېلولاردىكى ھۆكۈم-كېسىملەرنى نازارەت قىلىشىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

5-پاراگراف ئىجرا نازارەتچىلىكى

412-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

413-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا گۇناھسى، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماقتىكى جاۋابكارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

414-ماددا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جازا مەيدانىغا ئادەم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشى كېرەك.

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مەيدانىدىكى نازارەتنى تەپتىش خادىمى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە خاتىرىلەشكە پۈتۈكچى قويۇلىدۇ.

415-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جازا مەيدانىنى نازارەت قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەستىقلىغان ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ھۆكۈم ياكى كېسىمىنى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان-تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.

416-ماددا جازا مەيدانىغا بېرىپ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدىغان تەپتىش خادىملىرى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئورنى، ئۇسۇلى ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەك. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سەزسە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرانى توختىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەك:

(1) ئىجرا قىلىنغۇچى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىنىڭ ئۆزى بولمىسا؛

(2) جىنايەتچى جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 18 ياشقا توشمىغان بولسا؛

(3) ھۆكۈمدە خاتالىق بولۇش ئېھتىمالى بولسا؛

(4) ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى جىنايەتچىنىڭ چوڭ جىنايەت پاكىتىنى پاش قىلغانلىقى ياكى باشقا چوڭ خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى كۆرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى بولسا؛

(5) جىنايەتچى ھامىلىدار بولسا.

417-ماددا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جازا مەيدانىغا بېرىپ نازارەت قىلغۇچى خادىملىرى ئېھتىياجغا قاراپ سۈرەتكە تارتسا، سىنئالغۇغا ئالسا بولىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جازا مەيدانىغا بېرىپ نازارەت قىلغۇچى خادىمى جىنايەتچىنىڭ راست ئۆلگەن - ئۆلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە جازا مەيدانىدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپقا سېلىشى كېرەك.

418-ماددا جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرانى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆكۈم-كېسىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەريانىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەزمۇنى ئاساسەن مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتى توشۇپ، قانۇندا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا كېمەيتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن شەرتكە چۈشىدىغانلىرىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىش توغرىسىدا تۈرمىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسگە ۋاقتىدا تەكلىپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە كېسىم چىقارغان-چىقارمىغانلىقى؛

(2) جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى تۈرمىنىڭ قانۇن بويىچە تەھقىقلىگەن-تەھقىقلىمىگەنلىكى ۋە ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكى؛ ھەقىقەتەن قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن بويىچە تەستىقلىغان-تەستىقلىمىغانلىقى ياكى ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقارغان-چىقارمىغانلىقى؛

ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇنىڭ دېلوسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، جىنايەتچى جازا ئۆتەۋاتقان جايدىكى شۆبە، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش-ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرانى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى سەزسە، مۇشۇ قائىدىنىڭ 429-ماددىسىدىن 431-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتش پىكرى بېرىشى؛ جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە يەنە قەستەن جىنايەت بېرىشى؛ جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن مەزگىلدە يەنە قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيببلىگەندىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسى يەنىلا جازانى كېمەيتكەن بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇشۇ قائىدىنىڭ 10-باب 4-پاراگرافىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى كېرەك.

419-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماقخانىنىڭ جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى قاماققا ئېلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قويۇپ بېرىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى سەزسە، قاماقخانىغا تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاماقخانىنىڭ جىنايەتچىنى ئىجرا قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى سەزسە، تۈزىتىشنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك:

(1) ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجراسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، قالدۇق جازاسى بىر يىلدىن ئارتۇق بولغان جىنايەتچىلەرنى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرمىغان بولسا؛

(2) تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ئورنىنىڭ جازانى ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇشتا، قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەن بولسا؛

(3) رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان ياكى جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ھۆكۈم ياكى كېسىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، جىنايەتچى تۇرۇشلۇق جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جازانى ئىجرا قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەن بولسا.

420-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيىەلش ئورنى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ئورنىنىڭ جىنايەتچىلەرنى قاماشت, ا، تۆۋەندىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىقىنى سەزسە، تۈزىتىشنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك:

(1) قانۇنىي كۈچكە ئىگە جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى ياكى كېسىمنامىسى، ئىجرا قىلىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرى بولماي تۇرۇپ قاماققا ئالغان بولسا؛

(2) قاماققا ئېلىنغان جىنايەتچى قاماققا ئېلىش ئىسپاتىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسا؛

(3) قاماققا ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قاماققا ئېلىشنى رەت قىلغان بولسا؛

(4) قانۇن بويىچە قاماققا ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىغان جىنايەتچىنى قاماققا ئالغان بولسا؛

(5) قاماققا ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار بولسا.

421-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈرمە باشقۇرۇش، تەربىيىلەش ۋە ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش پائالىيەتلەردە قانۇنغا خىلاپ ئىشلىرىنى سەزسە، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى لازىم.

422-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە، قاماقخانا، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ئورۇنلىرىنىڭ جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا ئوخشاش قانۇننى ئىجرا قىلىش پائالىيتىىنى نازارەت قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرى بېرىدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان جىنايەتچىنى جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا يوللىغان بولسا؛

(2) جىنايەتچىنى جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا يوللاشتا قانۇنىي رەسمىيەتلەر تولۇق بولمىغان بولسا؛

(3) جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش قارار قىلىنغان جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلمىغان ياكى جىنايەتچىنىڭ جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا تەستىقلانغاندىن كېيىن، جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشتا قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەن بولسا؛

(4) جىنايەتچى جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلىپ، تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، قايتۇرۇپ كەلمىگەن بولسا؛

(5) جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتى يوققا چىققاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىپ جازانى ئىجرا قىلمىغان بولسا؛

(6) جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرمىگەن بولسا.

423-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەتچىنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش، تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(2) ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىشكە تېگىشلىك جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(3) ھامىلىدار ياكى ئېمىتىۋاتقان بالىسى بار ئاياللار قاتارىغا كىرىدىغان - كىرمەيدىغانلىقى؛

(4) ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالغان، ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋالغان جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(5)ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنسا جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى؛

(6) جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى.

تەپتىش خادىملىرى جىنايەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ۋە ئالاقىدار كىشىلەر ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئالدۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ياكى قارار قىلغان ئورگانغا تۈزىتىش پىكرى بېرىشكە توغرا كەلسە، باش تەپتىش بېكىتىدۇ.

424-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىس جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا بىر ئاي ئىچىدە يازما تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ياكى قارار قىلغان ئورگان بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ياكى قارار قىلغان ئورگانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىگە يوللىشى كېرەك.

425-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان ياكى قارار قىلغان ئورگانغا جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا قوشۇلماسلىق توغرىسىدىكى يازما پىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جازانى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلاش ياكى قارار قىلىش نەتىجىسىنى دەرھال قايتا تەكشۈرگەنلىك ئەھۋالىنى ھەمدە قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قانۇن بويىچە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى لازىم.

426-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەردە ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ئەھۋال يوققا چىققانلىقىنى سەزسە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگانغا جىنايەتچىنى تۈرمىگە قايتۇرۇپ كېلىپ جازانى ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

427-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشقا يوللاش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى سەزسە، تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىمىغان جىنايەتچىنى خەلق سوت مەھىمىسىنىڭ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشىغا يوللىغان بولسا؛

(2) قانۇن بويىچە جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك بولغان جىنايەتچىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشقا يوللىمىغان ياكى جىنايەتچىنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىلغاندىن كېيىن جازانى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تاپشۇرمىغان بولسا؛

(3) جىنايەتچىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقىرىشىغا يوللاشتا، قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان بولسا.

428-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمنامىسىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) جازاسى كېمەيتىلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە چۈشىدىغان-چۈشمەيدىغانلىقى؛

(2) ئىجرا ئورگانلىرىنىڭ جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە يوللاش تەرتىپىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

(3) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە توغرىسىدا كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقى؛

تەپتىش خادىملىرى جىنايەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇندا ۋە ئالاقىدار خادىملار ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ماتېرىيالنى ئالدۇرۇپ كۆرسە بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ، تۈزىتىش پىكرى بېرىشكە توغرا كەلسە، باش تەپتىش بېكىتىدۇ.

429-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، كېسىمنامىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 20 كۈن ئىچىدە جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

430-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى ئۈستىدە بېرىدىغان تۈزىتىش پىكرىنى جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يازما ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە دەرھال دوكلات قىلىدۇ.

431-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىمى ئۈستىدە تۈزىتىش پىكرى بەرگەندىن كېيىن، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تۈزىتىش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە قايتا كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ سوت قىلغان - قىلمىغانلقىنى ھەمدە قايتا چىقارغان ئاخىرقى كېسىمىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان-بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئاخىرقى كېسىم قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تەڭ دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك.

432-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش-تەربىيىلەش ئورنى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ئورنى قاماقخانىلارنىڭ مۇددىتى توشقان ياكى قانۇن بويىچە قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئۆز قەرەلىدە قويۇپ بەرمەسلىك ياكى جازا مۇددىتى توشمىغان ھەم قانۇن بويىچە قويۇپ بېرىلمەيدىغان جىنايەتچىنى قويۇپ بېرىشكە ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى سەزسە، تۈزىتىشنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

433-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك ياكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئىجرا قىلىش ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرماسلىق ھەمدە رېجىم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ياكى سىياسىي ھوقۇقىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىققا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى سەزسە، تۈزىتىشنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

434-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جەرىمانە قويۇش، مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلمىغانلىقى ياكى مۇۋاپىق ئىجرا قىلمىغانلىقى ۋە ياكى جەرىمانە قويۇلغان، مۇسادىرە قىلىنغان پۇل-ماللارنى ۋاقتىدا دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرمىغانلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا تۈزىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

435-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن جىنايەتچىلەر، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر ۋە جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

436-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىشقا تاپشۇرۇش پائالىيەتلىرى، ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئورۇنلارنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈم، كېسىملىرىنى ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى نازارەت قىلىش، مۇشۇ قائىدىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى نازارەت قىلىشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بولسا بولىدۇ.

11-باب جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقى

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمىلەر

437-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىشتا، دۆلىتىمىز قاتناشقان ياكى تۈزۈشكەن خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلىمە بارلىرىغا شۇ شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ، ئەمما دۆلىتىمىز بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز پىكرىدە قالغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا. شەرتنامىدە مۇناسىپ بەلگىلىمە بولغانلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ.

438-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش يولى ئارىلىق، ئالاقىدار دۆلەتنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

439-ماددا دىپلوماتىيە ئىمتىيازى ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى مەسىلىسى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ.

440-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى دائىرىسى ئاساسەن جىنايى ئىشلار جەھەتتە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، جىنايى ئىشلار دەۋا ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈش، جىنايى ئىشلار دەۋا نەتىجىسىدىن خەۋەردار قىلىش، ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات ۋە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھارام پۇل، ھارام ماللارنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، شۇنىڭدەك قانۇن ۋە خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

441-ماددا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىرىنىڭ دېلوسى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دائىر قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

422-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چەت ئەللەر بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئاساسەن، چەتئەللەرنى ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىقىغا دائىر ئىشلارنى بېجىرىدۇ. خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئىلتىماس قىلغان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىلتىماسىدا كۆرسىتىلگەن تەرتىپنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

433-ماددا چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئىلتىماس قىلغان ئىشلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيانلىق بولسا، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپ بولسا ھەمكارلاشماسلىق كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى ئالاقىدار ئورگانلارغا قايتۇرۇش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.

444-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان ئالىي مەسئۇل ئورگىنىدۇر، خەلقئارا شەرتنامىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەدلىيە ھەمكارىلقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مەركىزىي ئورگىنىدۇر.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بارىدىغان مەسئۇل ئورگان بولۇپ، ئەدلىيە ھەمكارلىقىغا دائىر ئىشلارنى ئىش تەقسىماتى بويىچە بېجىرىدۇر.

445-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەدلىيىلىك ھەمكارلىقىنى دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈشكەن ئەدلىيىلىك ھەمكارلىقى شەرتنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئالاقىلىشىش يولى ياكى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.

446-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىلىرىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيە ھەمكارلىقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ مەركىزىي ئورگىنى دەپ بەلگىلەنگەنلىرىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىس مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىپ مەركىزىي ئورگىنى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى ھەمدە باشقا ماتېرىياللارنى ئۆزائارا يەتكۈزۈشىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە ھەمكالرىقى شەرتنامىلىرىدە باشقا ئورگانلار جۇڭگو تەرەپ مەركىزىي ئورگىنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپ مەركىزىي ئورگىنى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزىدۇ.

447-ماددا باشقا ئورگانلارنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئارقىلىق چەت ئەللەر بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىلىشىغا توغرا كەلسە، ئۆزىنىڭ ئالىي مەسئۇل ئورگىنى ئارقىلىق ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك.

448-ماددا دۆلىتىمىز بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى تۈزۈشمىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئادەت بويىچە ئېلىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

بۇنىڭ كونكرېت تەرتىپى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

449-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئەيىبكارلارنى تۇتۇشقا، ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قاتلام بويىچە يوللىغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېجىرىدۇ.

450-ماددا دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى مۇناسىۋەتلىك شەرتنامە كېلىشىم ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئادەت بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. لېكىن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

451-ماددا دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دېلو بېجىرىشتىكى كونكرېت ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرسا، دوستانە بېرىش-كېلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

2-پاراگراف خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىش

452-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن ئالاقىلىشىش يولى ياكى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق چەت ئەللەرنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

453-ماددا چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى ۋە قوشۇمچە ھۆججىتىگە ئۇنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ياكى خەلقئارا شەرتنامىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا يېزىقتىكىسىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.

454-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شەرتنامە تۈزۈشكەن چەت ئەل تەرەپنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىلىرىگە ئاساسەن تەكشۈرۈشى كېرەك. شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغان ھەمدە قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تولۇق بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ياكى بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بېجىرىشىگە ۋە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەسئۇل ئورگان بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. شەرتنامە ياكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش يولى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغان تەرەپكە قايتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنمايدۇ؛ قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. 

455-ماددا مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تاپشۇرغان ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسىنى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تاپشۇۇرۋالغاندىن كېيىن بىۋاسىتە بېجىرسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى بېجىرىشكە بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ.

456-ماددا ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسىنى ئىجرا قىلىدىغان خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسىنى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە ئىجرا قىلىش نەتىجىسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى شەرتنامىدە بەلگىلەنگەن شەكىل ۋە تىل-يېزىق بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىشى كېرەك.

ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىلتىماسى ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولماسلىق سەۋەبىگە دائىر ماتېرىياللار بىلەن بىللە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئارقىلىق ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللاش كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىلتىماستا كۆرسىتىلگەن ئادرېس ئېنىق بولمىغان ياكى ماتېرىياللار تولۇق بولمىغانلىقتىن، شۇ ئىلتىماسنى ئىجرا قىلىش قىيىن بولسا، دەرھال ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ ېبرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

457-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئومۇمەن ئىلتىماستىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەمكارلىشىشنى ئىلتىماس قىلغان، شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەت يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

458-ماددا شەرتنامە تۈزۈشكەن چەت ئەل تەرەپ جۇڭگ تەرەپنىڭ باشقا مەركىزىي ئورگىنى ئارقىلىق تەپتىش ئورگىنىغا ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەنتەمىن ئېتىشنى ئىلتىماس قىلسا، جۇڭگو تەەرپنىڭ باشقا مەركىزىي ئورگىنىنىڭ ئىلتىماسىنى ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلىرىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشى مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-پاراگراف خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى چەت ئەللەرگە ئەدلىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىشنى ئىلتىماس قىلىش

459-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى شەرتنامە تۈزۈشكەن باشقا دۆلەتكە ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بەرگەن ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئىتلىماسى، تەكشۈرۈش تېزىسى، شۇنىڭدەك قوشۇمچە ھۆججەتلەر ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە يوللىشى كېرەك.

460-ماددا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ شەرتنامە تۈزۈشكەن چەت ئەل تەرەپكە ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىلتىماس قىلىشقا دائىر ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن، قوشۇمچە ماتېرىياللىرى تولۇق بولغان بولسا، يۇقىرىقى ماتېرىياللر بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكەن يەنە بىر تەرەپنىڭ مەركىزىي ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ياكى جۇڭگو تەرەپنىڭ باشقا مەركىزىي ئورگىنىغا بېجىرىشنى تاپشۇرۇشى كېرەك. شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىغانلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تولۇقلىشى ياكى تۈزىتىشىگە قايتۇرۇشى لازىم.

4-پاراگراف سۈرۈك ۋە ھەق

461-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىشتە، ئىلتىماستا بېجىرىش سۈرۈكى بارلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە ئورۇندىشى كېرەك؛ بېجىرىشكە سۈرۈك قويۇلمىغانلىرىدا تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشنى ئادەتتە ئۈچ ئاي ئىچىدە ئورۇنداپ بولۇشى كېرەك؛ جىنايى ئىشلار دەۋا ھۆججەتلىرىنى ئادەتتە 15 كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈش كېرەك.

سۈرۈك ئىچىدە ئورۇندىغىلى بولمىغانلىرىدا، ئەھۋال ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىلتىماس قىلغان تەرەپنى ۋاقىپلاندۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، قاتلام بويىچە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مەلۇم قىلىش كېرەك.

462-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكالرىقى بىلەن تەمىن ئېتىشتە، مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ھەق ئېلىشقا توغرا كەلسە، ھەق ۋە تالوننى ئەدلىيە ھەمكارلىقى نەتىجىسى بىلەن بىرگە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىشىگە يوللىشى كېرەك. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھەقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھەقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىشى لازىم.

463-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چەت ئەلگە ئەدلىيە ھەمكارلىقى بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىلتىماس قىلغاندا، شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەق تۆلەشتە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەق ئېلىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال مۇناسىۋەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ چىقىم قىلىشىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

12-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

464-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلەش ئورگىنى، تۈرمىلەر ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، شۇنىڭدەك دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتنى تەھقىقلەش ئورگىنى، تۈرمىلەرنىڭ دېلو ئېچىش، تەھقىقلەش پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشتا مۇشۇ قائىدىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تەتبىقلايدۇ.

465-ماددا ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىگە ئوخشاش مەخسۇس خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە، مۇشۇ قائىدىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

466-ماددا بۇ قائىدە ئەدلىيىلىك ئىزاھات كۈچىگە ئىگە. بۇ قائىدە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا دائىر ئىزاھات ۋە بەلگىلىمىلىرى بۇ قائىدىدىكىسى بىلەن تەكرار بولۇپ قالسا ياكى ئوخشاش بولمىسا، مۇشۇ قائىدە تەتبىقلىنىدۇ.

467-ماددا بۇ قائىدىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىزاھلايدۇ.

468-ماددا بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1997-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى› نى يولغا قويۇش قائىدىسى» (سىناق نۇسخىسى) بىكار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#