سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى

سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش

«سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» 2008-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2008-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە نامى 乳品质量安全监督管理条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2008-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

                             جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

                                           536-نومۇرلۇق

«سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى» 2008-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                                                                      زۇڭلى ۋېن جياباۋ

                                                                                                2008-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جامائەتنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سۈتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان سۈت مەھسۇلاتى يېڭى سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزام سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ؛ قانۇنلاردا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار، يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار، سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە ساتقۇچىلار ئىشلىگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولىدۇ، ئۇلار سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدە 1-جاۋابكار بولىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا باش جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى سېغىن چارۋا بېقىش ۋە يېڭى سۈت ئىشلەش، سېتىۋېلىش ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە پرىيوم-كارانتىن تارمىقى سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەش ھالقىسى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىشھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك تارمىقى سۈت ياسالمىلىرى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيەمەسئۇل تارمىقى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتبىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ھادىسلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەشكىللەشكە خىزمەت ھوقۇقى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئېغىر ئاقىۋەت ياكى يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار مەسئۇلى قانۇن بويىچەجاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-ماددا يېڭى سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرى دۆلەتنىڭسۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەم خەۋپ-خەتەرنى كۆزىتىش ۋە خەۋپ باھالاش نەتىجىسىگە قاراپ تۈزىتىشكە ۋاقتىدا تەشكىللەيدۇ.

سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكروب، دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقى، چارۋا دورىلىرى قالدۇقى، ئېغىر مېتال ۋە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا ماددىلارنىڭ مىقدارى ھەققىدىكى بەلگىلىمە، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش جەريانىغا قويۇلىدىغان تازىلىق تەلىپى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشتا قوللىنىلىدىغان ھەممىباب ئۇسۇل ۋە قائىدە، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سۈپەت تەلىپى شۇنىڭدەك سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىقىلىپ بېكىتىلىدىغان باشقا مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، بوۋاقلار-بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى كېسەللىك ئۇچۇرى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، سۈت مەھسۇلاتلىرىغا يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا ۋە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقاماددىلارنىڭ قوشۇلغانلىقى ياكى قوشۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەندە، ئۇنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى دەرھال باھالىتىپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم.

7-ماددا يېڭى سۈتنى ئىشلەش، سېتىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش، سېتىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا ھەر قانداق ماددا قوشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەشتە يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا ياكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلارنى قوشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەرەققىيات-ئىسلاھات تارمىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقى، سودا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتنىڭ سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، سۈت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،سۈتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەتنىڭ سۈتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بويىچە،شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سېغىن چارۋا باقمىچىلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، يېڭى سۈت ئىشلەش، سېتىۋېلىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

9-ماددا ئالاقىدار ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ساھەنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېغىن چارۋا باققۇچىلار، يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار، سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە ساتقۇچىلارنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتقىلىشقا يېتەكلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

 2-باب سېغىن چارۋا بېقىش

10-ماددا دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، سېغىن چارۋاباققۇچىلارنىڭ يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، يۆلەك بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىدا سۈتچىلىك تەرەققىياتىنىقوللاش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم سېغىن چارۋا باققۇچىلار ۋە سۈتچى دېھقانلار كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى كرېدىت جەھەتتە قوللاشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

دۆلەت سېغىن چارۋىلارنى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانسېغىن چارۋا باققۇچىلارغا سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

11-ماددا چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسىنى كېڭەيتكۈچى ئاپپاراتلار سېغىن چارۋا باققۇچىلارغا بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش، سورت كېڭەيتىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

دۆلەت سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقارغۇچى-تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ سېغىن چارۋا باققۇچىلارغا زۆرۈر مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

12-ماددا سېغىن چارۋا فېرمىسى ۋە باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاشكېرەك:

(1) شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سېغىن چارۋا باقمىچىلىق كۆلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) باقمىچىلىق كۆلىمىگە مۇناسىپ سورۇنى ۋە يانداش ئەسلىھەسى بولۇش؛

(3) مۇلازىمەت قىلىدىغان چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تېخنىكا خادىمى بولۇش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلاش؛

(5) سېغىن چارۋىنىڭ تېزەك-سۈيدۈكى، كېرەكسىز سۇ ۋە باشقا قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغانپاتقاق گازى كۆلچىكى قاتارلىق ئەسلىھەسى ياكى زىيانسىزلاندۇرىدىغان باشقا ئەسلىھەسى بولۇش؛

(6) يېڭى سۈت ئىشلەش، سېتىش، توشۇشنى باشقۇرۇشتۈزۈمى بولۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

سېغىن چارۋا فېرمىسى، باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرغۇچىلارفېرما ۋە باقمىچىلىق مەھەللىسىنىڭ نامى، باقىدىغان يېرى، سېغىن چارۋىنىڭ نەسلى ۋە باقمىچىلىق كۆلىمىنى شۇ فېرما، باقمىچىلىق مەھەللىسى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مالدوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

13-ماددا سېغىن چارۋا فېرمىلىرى باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىشى كېرەك:

(1) سېغىن چارۋىنىڭ نەسلى، سانى، كۆپىيىش خاتىرىسى، ئەن سېلىنىش ئەھۋالى، مەنبەسى ۋە فېرمىغا كىرگەن، فېرمىدىن چىقىرىلغان ۋاقتى؛

(2) يەم-خەشەك، يەم-خەشەك خۇرۇچى، چارۋا دورىسى قاتارلىق سېلىنما بۇيۇملارنىڭ مەنبەسى، نامى، ئىشلىتىلىش ئوبيېكتى، ۋاقتى ۋە مىقدارى؛

(3) كارانتىن قىلىش، ئىممۇنىتېتلاش، دىزېنفېكسىيىلەش ئەھۋالى؛

(4) سېغىن چارۋىنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە ئۇنى زىيانسىزلاندۇرۇش ئەھۋالى؛

(5) يېڭى سۈتنى ئىشلەش، تەكشۈرۈش، سېتىش ئەھۋالى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار.

سېغىن چارۋا باقمىچىلىق مەھەللىسى قۇرغۇچىلار باقمىچىلىق ئارخىپىنى پەيدىنپەي تۇرغۇزۇشى لازىم.

14-ماددا سېغىن چارۋا بېقىشتا، دۆلەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن يەم-خەشەك، يەم-خەشەك خۇرۇچى، چارۋا دورىسى شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ئادەمگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغان ياكى زىيان يەتكۈزۈش خەۋپى بولغان باشقا ماددىلارنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

دورا ئىشلىتىش ۋە توختىتىپ تۇرۇش بەلگىلەنگەن مەزگىلدىكى سىغىن چارۋىنىڭ سۈتىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

15-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار سېغىن چارۋىنىڭ گوۋۇيۈەن چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ساغلاملىق ئۆلچىمىگە توشۇشىغا ھەمدە ئۇنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە-كونترول ئاپپاراتى سېغىن چارۋىنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتە ساغلاملىق ئۆلچىمىگە توشمىغان بولسا، دەرھالئايرىۋېتىشى، داۋالىشى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇشى كېرەك.

16-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار سېغىن چارۋا ۋە باقمىچىلىق سورۇنىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سېغىن چارۋىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىسا ياكى يۇقۇملاندى دەپ گۇمانلانسا، دەرھال مەلۇم قىلىپ، سۈت ئىشلەشنى توختىتىشى ھەمدە ئايرىۋېتىشكە ئوخشاش تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

سېغىن چارۋا باققۇچىلار سېغىن چارۋا بېقىشتا، چىقىرىندى ۋە تاشلاندۇقنى ۋاقتىدا تازىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

17-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن يېڭى سۈت ئىشلەش تېخنىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك. سۈت ساغغۇچىلارنىڭ كۈچكە ئىگە ساغلاملىق ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.

سېغىن چارۋا باققۇچىلار سۈت سېغىش ئەسلىھەسى، يېڭى سۈت ساقلاش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، دىزېنفېكسىيىلەپ، يېڭى سۈتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

18-ماددا يېڭى سۈتنى سوغۇق ساقلاش كېرەك. ئىككى سائەتتىن ئاشقىچە سوغۇق ساقلانمىغان سۈتنى سېتىشقا بولمايدۇ.

3-باب يېڭى سۈت سېتىۋېلىش

19-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى شۇ جايدىكى سۈت مەنبەسىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ، سېغىن چارۋا باققۇچىلارغا قۇلايلىق بولۇش، كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا تۈرتكە بولۇش پرىنسىپى بويىچە، يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىقۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلىشى ۋە مۇۋاپىقئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، يېڭى سۈتنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا يىغىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ.

دۆلەت سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلارنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۆز ئالدىغا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرۇشىغا ياكى ئەسلىدە بار يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنى سېتىۋېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

20-ماددا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقان سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانا، سېغىن چارۋا فېرمىسى ۋە سۈتچى دېھقانلار كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپى قۇرۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاپ، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىدىن يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك:

(1) يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) مۇھىت ئاسراش ۋە تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن سېتىۋېلىشسورۇنى بولۇش؛

(3) يىغىۋالىدىغان سۈت مىقدارىغا مۇناسىپ سوۋۇتۇش، سوغۇق ساقلاش، يېڭى ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توشۇش ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(4) تەكشۈرىدىغان تۈرگە مۇناسىپ لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(5) تەربىيىلىنىپ لاياقەتلىك بولغان ھەمدە كۈچكە ئىگە ساغلاملىق ئىسپاتى ئالغان كەسىپكارلىرى بولۇش؛

(6) تازىلىق باشقۇرۇش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنىكاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمى بولۇش.

يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ؛ يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغاتىزىملاتمايدۇ.

باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ يېڭى سۈت سېتىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

دۆلەت يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ ۋە ياردەم پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماشىنا بىلەن سۈت سېغىش ۋە يېڭى سۈتنى سوغۇق توشۇش ئىقتىدارىنىئۆستۈرىدۇ.

21-ماددا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرى سۈت سېغىش ئەسلىھەسى، يېڭى سۈتنى ساقلاش، توشۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ، دىزېنفېكسىيىلەپ، يېڭى سۈتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرى سېتىۋالغان يېڭى سۈتنى سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە نورمال تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش ھەققىنى سېغىن چارۋا باققۇچىلاردىن ئېلىشقا بولمايدۇ.

يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرى يېڭى سۈتنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك.

22-ماددا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرى يېڭى سۈت سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۇتۇشى كېرەك. يېڭى سۈت سېتىۋېلىش، سېتىش ۋە تەكشۈرۈشخاتىرىسىدە چارۋا ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، بىر قېتىمدا سېتىۋالغان مىقدارى، يېڭى سۈتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى، نەگە سېتىلغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى ھەمدە ئۇنى ئىككى يىل ساقلىشى كېرەك.

23-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى يېڭى سۈت باھاسىنى نازارەت قىلىش ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ ئۇچۇرى ۋە باھا ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باھا، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە ساھە جەمئىيەتلىرى، سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار، يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار، سېغىن چارۋا باققۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان يېڭى سۈت باھاسىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ توختام تۈزگەندە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، يېڭى سۈت سودىسىدا پايدىلىنىدىغان باھانى بېكىتىدۇ.

يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. يېڭى سۈت سېتىۋېلىش-سېتىش توختامىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەييارلايدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

24-ماددا تۆۋەندىكىدەك يېڭى سۈتنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) تەكشۈرۈشتە ساغلاملىق ئۆلچىمىگە توشمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتمىگەن سېغىن چارۋىنىڭ سۈتى؛

(2) سېغىن چارۋا تۇغۇپ يەتتە كۈن ئىچىدىكى ئوغۇز سۈتى، لېكىن ئوغۇز سۈتىنى خام ئەشيا قىلىپ سۈت ياسالمىسىئىشلەيدىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا؛

(3) دورا ئىشلىتىش ۋە توختىتىپ تۇرۇش بەلگىلەنگەن مەزگىلىدىكى سېغىن چارۋىنىڭ سۈتى؛

(4) سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان باشقا سۈت.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يېڭى سۈتلەرنىتەكشۈرۈشتە شۇنداق بولۇپ چىقسا، بىر تەرەپ قىلىش ياكى باشقا زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

25-ماددا يېڭى سۈت ساقلايدىغان قاچا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تازىلىق ئۆلچىمىگە توشۇشى، سۈتنى سېغىپ ئىككى سائەت ئىچىدە تېمپىراتۇرىسىنى℃0 تىن ℃4 قىچە چۈشۈرۈش كېرەك.

سۈت توشۇش ئاپتوموبىلىغا شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇلتارمىقىدىن توشۇش ئىجازەت ئىسپاتى ئېلىش ھەمدە يېڭى سۈتنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونى ئېلىۋېلىش كېرەك. ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىغا يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ نامى، يېڭى سۈتنىڭ مىقدارى، ئۆتكۈزگەن-ئۆتكۈزۈۋالغان ۋاقتىنى يېزىش ھەمدە يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ بېجىرگۈچىسى، ئېلىپ ماڭغۇچى، شوپۇر ۋە سۈت تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىمزا قويۇشى كېرەك.

يېڭى سۈتنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونى ئىككى نۇسخا بولۇپ، ئۇنى يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگۈچى ساقلايدۇ، ساقلاش ۋاقتى ئىككى يىل بولىدۇ. توشۇش ئىجازەت ئىسپاتى ۋە ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىنىڭ نۇسخىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى تەييارلايدۇ.

26-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ۋەئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە كۆزىتىش ۋەزىپىسىگە لايىقلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

27-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش پىلانى تۈزۈپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يېڭى سۈتنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ھەمدە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

كۆزىتىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈلگۈچىدىن ھەق ئېلىنمايدۇ، خىراجىتى تەڭ دەرىجىلىك مالىيىدىن چىقىمقىلىنىدۇ.

4-باب سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەش

28-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاپ، شۇ جايدىكى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقىدىن يېمەكلىك ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ئېلىش كېرەك:

(1) دۆلەتنىڭ سۈتچىلىك كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) زاۋۇت ئۆيى ئورنىنىڭ تاللىنىشى ۋە لايىھىلىنىشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(3) ئىشلەيدىغان سۈت ياسالمىلىرىنىڭ تۈرى ۋە سانىغا لايىقئىشلەپچىقىرىش، ئوراش ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(4) كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ۋە سۈپەت تەكشۈرگۈچىلىرى بولۇش؛

(5) كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، ئەخلەت قاتارلىق بۇلغىمىلارنى مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھەسى بولۇش؛

(6) تەربىيىلىنىپ لاياقەتلىك بولغان ھەمدە كۈچكە ئىگەساغلاملىق ئىسپاتى ئالغان كەسىپكارلىرى بولۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى سۈت ياسالمىسىئىشلىگۈچى كارخانىلارغا يېمەكلىك ئىشلەش ئىجازەتنامىسى بېرىشتە، شۇ جايدىكى سانائەت ساھەسىنى باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

يېمەكلىك ئىشلەش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۈت ياسالمىسى ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ، سۈت ياسالمىسى ئىشلەشتە خام ئەشيانى زاۋۇتقا كىرگۈزۈشتىن تارتىپ مەھسۇلاتنى زاۋۇتتىن چىقىرىشقىچە بولغان جەرياندا سۈپەتنى كونترول قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

30-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ياخشى ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. دۆلەت سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلارنى خەۋپنى تەھلىل قىلىش ۋە ھالقىلىق تىزگىنلەش نۇقتىسى سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، سۈت ياسالمىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلەيدىغان كارخانىلار خەۋپنى تەھلىل قىلىش ۋە ھالقىلىق تىزگىنلەش نۇقتىسى سىستېمىسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

ياخشى ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسى، خەۋپنى تەھلىل قىلىش ۋە ھالقىلىق تىزگىنلەش نۇقتىسى سىستېمىسى ئىسپاتىدىن ئۆتكەن سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلارنى ئىسپات بەرگۈچى ئاپپارات قانۇن بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى؛ ئىسپات تەلىپىگە توشماي قالغان كارخانىلارنىڭ ئىسپاتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

31-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار يېڭى سۈت كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سېتىۋالغان يېڭى سۈتنى تۈركۈم بويىچە تەكشۈرۈپ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئەھۋالى، مال بەرگۈچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال كىرگۈزگەن كۈن قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەمدە توشۇشئاپتوموبىلىدىكى يېڭى سۈتنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە يېڭى سۈتنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونىنى ئىككى يىل ساقلاش كېرەك. سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلارنىڭ يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن يېڭى سۈت سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار چارۋا دورىسىقاتارلىق خىمىيىلىك ماددا قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى تەركىبىدە ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا، كېسەل پەيدا قىلىدىغان پارازىت قۇرت ۋە مىكروب، بىئوتوكسىن شۇنىڭدەك سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان باشقا يېڭى سۈتنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا سۈت ياسالمىسىغا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى سۈت، قوشۇمچە ماتېرىيال، خۇرۇچ قاتارلىقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەتبىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ئىشلەنگەن سۈت ياسالمىسىنى باستىرزاتسىيىلەش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مىكروبسىزلاندۇرۇش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مىكروبسىزلاندۇرۇش ياكى باشقا ئۈنۈملۈكئۇسۇلدا مىكروبسىزلاندۇرۇش كېرەك.

ئېچىتىپ ئىشلەنگەن سۈت ياسالمىسىغا ئىشلىتىلگەن باكتېرىيە ساپ، زىيانسىز بولۇشى، ئۇنى قەرەللىك باھالاپ، غەيرىي باكتېرىيىدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلەشتە، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بوۋاقلار، بالىلارنىڭتەن ساغلاملىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ماددىنى قوشۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

33-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنىڭ ئورۇسىدا يارلىق بولۇشى كېرەك. يارلىقتا مەھسۇلاتنىڭ نامى، ئۆلچىمى، ساپ ئېغىرلىقى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، تەركىبى ياكى ماتېرىياللار جەدۋىلى، ئىشلىگەن كارخانىنىڭ نامى، ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، مەھسۇلات ئۆلچىمى ۋاكالەت نومۇرى، ساقلاش شارائىتى، ئىشلىتىلگەن يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ خىمىيىلىك ئومۇمىي نامى، يېمەكلىك ئىشلەش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ياكى دۆلەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىدە يېزىش زۆرۈرلۈكى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلارنى ئەينەن يېزىش كېرەك.

سۈت پاراشوكى، سېرىق ماي، سۈت ئاقسىلى پاراشوكى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلانغان سۈتنىڭ ئورۇسىدا ئۇلارنى ئەسكەرتىش كېرەك؛ ئەسلىگە قايتۇرۇلغان سۈتنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلانغان سۈتنىڭ ئورۇسىدا «ئەسلىگە قايتۇرۇلغان سۈت» دەپ يېزىپ قويۇش ھەمدە مەھسۇلات ماتېرىياللىرى دېگەن مەزمۇنغا ئەسلىگە قايتۇرۇلغان سۈت تەركىبىدىكى خام ئەشيا ۋە ئۇنىڭ نىسبىتىنى ئەينەن يېزىپ قويۇش كېرەك.

بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ يارلىقىدا ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە مىقدارىنى ئېنىق يېزىش، ئىشلىتىشئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەپسىلىي ئەسكەرتىش كېرەك.

34-ماددا زاۋۇتتىن چىقىرىلىدىغان سۈت ياسالمىسىسۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشۇشى كېرەك.

سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار زاۋۇتتىنچىقىرىدىغان سۈت ياسالمىلىرىنى تۈركۈم بويىچە پرىيوم قىلىشى ھەمدە پرىيوم دوكلاتىنى ساقلىشى، ئەۋرىشكە ئېلىپ قېلىشى كېرەك. پرىيوم مەزمۇنى سۈت ياسالمىسىنىڭ سېزىم كۆرسەتكۈچى، فىزىكىلىق –خىمىيىلىك كۆرسەتكۈچى، تازىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە سۈت ياسالمىسىغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچ، تۇراقلاشتۇرغۇچ شۇنىڭدەك قېتىققا ئىشلىتىلگەن باكتېرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؛ بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكىنى زاۋۇتتىن چىقىرىشتىن بۇرۇن ئوزۇقلۇق تەركىبىنىمۇ ئۆلچەشكېرەك. پرىيومدىن ئۆتكەن سۈت ياسالمىلىرىنىڭ ئورۇسىغا پرىيوم لاياقەتنامىسىنىڭ نومۇرىنى بەلگە قىلىپ قويۇش؛ پرىيومدىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىق كېرەك.پرىيوم دوكلاتىنى ئىككى يىل ساقلاش كېرەك.

35-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ساتقان سۈت ياسالمىسىنىڭ نامى، مىقدارى، ئىشلەنگەن ۋاقتى، تەستىق نومۇرى، پرىيوم لاياقەتنامىسىنىڭ نومۇرى، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ساتقان ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

36-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلاردىن ئۆزى ئىشلىگەن سۈت ياسالمىسى دۆلەتنىڭ سۈتمەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش خەۋپى ساقلانغانلىقى ياكى بوۋاقلار-بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ياكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنىبايقىغانلىرى دەرھال ئىش توختىتىپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى، ساتقۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى، زاۋۇتتىن چىققان، بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت ياسالمىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەمدە قايتۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك.

سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار قايتۇرۇۋالغان سۈت ياسالمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش، زىيانسىزلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ بازارغا قايتا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

5-باب سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىش

37-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىشتا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار گۇۋاھنامە ئېلىشنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

38-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار مال كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مال بەرگۈچىنىڭ تىجارەت سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ، سۈت ياسالمىلىرىنىڭ لاياقەت ئىسپاتى ۋە مەھسۇلات بەلگىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ھەمدە سۈت ياسالمىلىرىنى كىرگۈزۈش قونداق ھېساباتى تۇرغۇزۇشى، سۈت ياسالمىلىرىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، مال بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال كىرگۈزگەن ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەنخاتىرىلىشى كېرەك. سۈت ياسالمىلىرىنى توپ ساتىدىغان كارخانىلار سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىش قونداق ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، توپ ساتقان سۈت ياسالمىلىرىنىڭ تۈرى، ئۆلچىمى، مىقدارى، نەگە سېتىلغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. مال كىرگۈزۈش قونداق ھېساباتى ۋە سېتىش قونداق ھېسابات دەپتىرىنى ساقلاش مۇددىتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.

39-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، ساتىدىغان سۈت ياسالمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك.

تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا ساقلىنىدىغان سۈت ياسالمىلىرىنى ساتىدىغانلار سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى تەييارلىشى ياكى سوغۇق ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

40-ماددا سۈپەت لاياقەت ئىسپاتى، يارلىقى يوق ياكى يارلىقى كەمتۈك، ئېنىق بولمىغان سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

41-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان جاينى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا، باشقىلارنىڭ زاۋۇتىنىڭ نامى ۋە ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا، ئىسپات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

42-ماددا سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى بوۋاقلار-بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار سېتىشنى دەرھال توختىتىپ، ساتقان سۈت ياسالمىلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەمدە قايتۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك.

سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلاردىن ئۆزى ساتقان سۈت ياسالمىلىرىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بارلىقىنى بايقىغانلىرى شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغىمۇ دەرھال مەلۇم قىلىشى، سۈت ياسالمىلىرى ئىشلىگۈچى كارخانىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

43-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار ئىستېمالچىلارغا مال سېتىۋېلىش دوكۇمېنتى بېرىشى، لاياقەتسىز سۈت ياسالمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنىئادا قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارلىق سۈت ياسالمىسى كارخانىسى ياكى مال بەرگۈچىدە بولسا، ساتقۇچىلار سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانا ياكى مال بەرگۈچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

44-ماددا ئىمپورت قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە پرىيوم قىلىش كېرەك؛ سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى چىقىرىلمىغان بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقى بېكىتكەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ پىرىيوم قىلىشقا بولىدۇ.

45-ماددا ئېكسپورت قىلىنىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ۋە ساتقۇچىلار ئېكسپورت قىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت (رايون)نىڭ ئۆلچىمى ياكى توختام تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

6-باب نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى سېغىن چارۋىلارنى بېقىش شۇنىڭدەك يېڭى سۈت ئىشلەش، سېتىۋېلىش ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىك پرىيوم-كارانتىن تارمىقى سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەش ھالقىسى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئىكسپورت ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيەدەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىش ھالقىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك تارمىقى سۈت ياسالمىلىرى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتھالقىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى تارماقلار ئارا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچى تارماق بىلەن باشقا تارماقلار ئارا سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قەرەللىك ھالدا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ھەمدە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك. سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا، ھېچقانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ، خىراجىتى تەڭ دەرىجىلىك مالىيىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

47-ماددا چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيتى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛

(2) ئالاقىدار كىشىلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىتەكشۈرۈش، ئۇقۇش؛

(3) ئالاقىدار توختام، ۋېكسىل، ھېسابات دەپتىرى، پرىيوم دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

(4) سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار سۈت مەھسۇلاتلىرى شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىلگەن يېڭى سۈت، قوشۇمچە ماتېرىيال، خۇرۇچلارنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(5) سۈت مەھسۇلاتلىرى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىدى، تىجارەت قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنلارنى پېچەتلەش، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە ئىشلىتىلگەن سايمان، ئۈسكۈنىلەرنى تۇتۇپ قېلىش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

48-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى بوۋاقلار-بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۈت ياسالمىلىرىنى بايقىسا، ئىشلەپ چىقارغان كارخانىنى مەھسۇلاتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا، ساتقۇچىلارنى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشى ھەمدە نازارەت قىلىشى كېرەك.

49-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى يېڭى سۈت سېتۋېلىش-سېتىشتا، دەرىجىنى ۋە باھانى تۆۋەنلىتىش، باھادا ئالدامچىلىق قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش قاتارلىقناتوغرا باھا قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

50-ماددا چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇلتارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان، تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك، ئۇنى جۇڭگو خەلق بانكىسى كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرى ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزىدۇ.

51-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئېلان قىلىدۇ. ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە مەسئۇل تارمىقىنى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ھادىسىسى ئۇچۇرىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك؛ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ھادىسىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ.

52-ماددا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارسېغىن چارۋا باققۇچىلار، يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار، سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە ساتقۇچىلاردىنجىنايەت گۇمانى پەيدا قىلغانلىرىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دېلو ئېچىپ تەھقىقلىشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

53-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سەھىيە، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارغا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سەھىيە، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار شۇ ئورۇننىڭ ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسى ۋە پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى؛ تاپشۇرۇۋالغان پاش قىلىش مەلۇماتىنى تولۇق خاتىرىلىشى ۋە ساقلاپ قويۇشى كېرەك.

پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، ھەقىقىي ئىسمىنى ئېيتىپ پاش قىلغانلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك؛ ئۆز تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارنىبىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تارماققا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق تارماقلار بىر-بىرگە ئىتتىرىشمەي دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

7-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

54-ماددا يېڭى سۈت سېتىۋالغۇچىلار ۋە سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلاردىن يېڭى سۈتسېتىۋېلىش، سۈت ياسالمىلىرىنى ئىشلەشتە يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىگە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا ياكىكىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلارنى قوشۇپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 144-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانبىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن سۈتمەھسۇلاتىنى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىق بۇيۇملىرىنى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سۈت مەھسۇلاتى قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

55-ماددا سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ، سېتىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 143-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى،قانۇنغا خىلاپ ئىشلىگەن سۈت مەھسۇلاتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىق بۇيۇملىرىنى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى، سۈپەتنازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ،قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سۈت مەھسۇلاتى قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

56-ماددا سۈت ياسالمىلىرى ئىشلىگۈچى كارخانىلاردىنمۇشۇ نىزامنىڭ 36-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانياكى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۈتياسالمىلىرىنى ئىشلەشنى توختاتمىغان، مالنى قايتۇرۇۋالمىغانلىرىنى سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى ئىش توختىتىشقا، مالنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئىش توختىتىشنى، مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ سۈت ياسالمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىق بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سۈت مەھسۇلاتى قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئىجازەتنامىسىنىئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

57-ماددا سۈت ياسالمىلىرىنى ساتقۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ياكى بوۋاقلار، بالىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سۈت ياسالمىلىرىنى سېتىشنى توختاتمىغانلىرىنى، مالنى قايتۇرۇۋالمىغانلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا، مالنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ سېتىشنى توختىتىشنى، مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ سۈت ياسالمىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك سايمان، ئۈسكۈنە قاتارلىق بۇيۇملىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سۈت مەھسۇلاتى قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ،ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

58-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،بوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلەشتە يېمەكلىكتىن باشقا نەرسىگە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددا ياكى كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماددىلارنى قوشقان ۋە ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى يېتەرلىك بولمىغان، سۈت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توشمايدىغانبوۋاقلار-بالىلار سۈت پاراشوكى ئىشلىگەن، ساتقانلارغا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

59-ماددا سېغىن چارۋا باققۇچىلار، يېڭى سۈتسېتىۋالغۇچىلار، سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى مەلۇم قىلمىغان، بىر تەرەپ قىلمىغانلىرىنى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەنلىرىنى ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

60-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان يېڭى سۈتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ سۈت مەھسۇلاتى قىممىتىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىجازەتنامىسىبارلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكارقىلىدۇ:

(1) يېڭى سۈت سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ يېڭى سۈت سېتىۋالغانلار؛

(2) يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتىغا يېڭى سۈتسىتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىجازەت بېرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قېلىپمۇ يېڭى سۈت سېتىۋەرگەنلەر؛

(3) يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 24-ماددىسىدا سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلىش بەلگىلەنگەن يېڭى سۈتنى سېتىۋالغانلىرى.

61-ماددا سۈت ياسالمىسى ئىشلىگۈچى كارخانىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن ئىجازەتنامە ئالماي تۇرۇپ ياكى ئىجازەتنامە ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرت ۋە تەلەپ بويىچەئىشلىمىگەن، ساتمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى «گوۋۇيۈەننىڭ يېمەكلىك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى» قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.

62-ماددا چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق، سەھىيە، سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلاردىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئاقىۋەت پەيداقىلغانلىرى ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشسادىر قىلغانلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى تەيىنلىگۈچى-قالدۇرغۇچى ئورگان چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش چارىسى كۆرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ۋە خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

63-ماددا ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونىدا بېقىلغان سېغىنچارۋىنىڭ يېڭى سۈتىنى سېتىۋېلىش چارىسىنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئايرىم چىقىرىدۇ.

64-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



(تەرجىمىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن–نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتكەن).[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545737_13.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#