كاما دەرياسى
ۋولگا دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى. باش مەنبەسى كاما ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئوتتۇرا ئېقىمى ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىي باغرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، غول لىنىيە-كۇيبېشېۋ سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋولگا دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى. باش مەنبەسى كاما ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئوتتۇرا ئېقىمى ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىي باغرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، غول لىنىيە-كۇيبېشېۋ سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 2032 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 521700 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاساسىي تارماقلىرى بېلايا، ۋساتكالاردىن ئىبارەت. دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 3500 كۇب مېتىر بولىدۇ. سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، يۇقىرى ئېقىندىن تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. دەريانىڭ كېرچېۋىسكىدىن تۆۋەنكى 966 كىلومېتىر لىنىيىسىدە قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، يېرىمىدىن تۆۋەن قىسمىدا قەرەللىك ھ الدا موسكۋا، گوركى، ئاستراخان، ئوفا شەھەرلىرىگە پاساژىر پاراخوتى قاتنايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.