خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش

خادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەش

خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش2000 يىل ئىلگىرىلا گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا كىشىلەر سۇ ئازگىلى، ئۆرۈلگەن تام، جىراغا ئوخشاش توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەندە بىر تال ئۇزۇن خادىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى خادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەش
خەنزۇچە نامى 撑杆跳高

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەش1866 -يىلى ئىنگلاندتا تۇنجى نۆۋەتلىك خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىنگلاند ماھىرى ۋىليام ياغاچ خادىدا 3.05 مېتىرلىق رېكورتنى ياراتقان. ئەينى ۋاقىتتا تەنھەرىكەتچىلەر قوشۇمچە يۈگۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانماي. تۆمۈر ئارىلىق خادا ئۇچىنى يەرگە سانجىپ، خادا بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىپ ئاندىن توغرا بالداقتىن ئۆتكەن، كېيىن خەتەرلىك بولغانلىقتىن چەكلەنگەن.

خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى تەنھەرىكەتچى ئىشلەتكەن خادا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خادىنىڭ يېڭىلىنىپ تەرەققىي قىلىنىشى بۇ تۈرنىڭ ھەرىكەت نەتىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەڭ دەسلەپ ئىشلىتىلگىنى ياغاچ خادا بولۇپ، ئېغىرلىقى 6-8 كىلوگرام كەلگەن، بۇنداق خادا تاكى 1906-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئامېرىكىلىق ساموسا ياراتقان  78.3 مېتىر بولغان. 1905-يىلى ياۋروپالىقلار جۇڭگو ۋە ياپونىيىدىن بامبۇك ئېكسپورت قىلغان. بامبۇك ياغاچ خادىدىن يەڭگىل، ئېلاستىكلىقى ياخشى بولغاچقا، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش نەتىجىسىنى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگەن. 1912-يىلى ئامېرىكىلىق ۋارايت بامبۇك خادىدا 02.4 مېتىردىن ئۆتۈپ، خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان، شۇنىڭدىن كېيىن 10 ئادەم 16 قېتىم بامبۇك خادىدا دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1942-يىلى بولۇپ، نەتىجىسى 77.4 مېتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بامبۇك خادىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئاياغلاشقان.

1930-يىلىدىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پولات خادا ۋە ئاليۇمىنلىق قېتىشما خادا بارلىققا كەلگەن، ئەمما مېتال خادىنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغان، نەتىجىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئاستا بولغان. پەقەت ئىككى قېتىملا دۇنيا رېكورتى بۇزۇلغان؛ بىر قېتىمىدا 78.4 مېتىر، يەنە بىر قېتىمىدا 80.4 مېتىر بولغان. 60-يىللارغا كەلگەندە، بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئەينەك تالالىق خادا بارلىققا كەلگەن، مانا بۇ، نۆۋەتتە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان «نىلون خادا» دۇر. بۇ خىل خادىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام، ئېلاستىكلىقى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، «ئېلاستىكلىق خادا» دەپمۇ ئاتالماقتا. شۇنىڭدىن كېيىن، خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەشنىڭ نەتىجىسى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

 1963-يىلى ئامېرىكىلىق سېتنبىك08.5 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن تۇنجى بولۇپ بەش مېتىرلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن. 80-يىللارغا كەلگەندە، دۇنيادا خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش چولپان دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئاۋۋال فرانسىيە تەنھەرىكەتچىسى ۋېنلون ئۈچ يىل ئىچىدە دۇنيا رېكورتىنى72.5 مېتىردىن83.5 مېتىرغا كۆتۈرگەن. كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ماھىرى بوبكا دۇنيا رېكورتىنى83.5 مېتىردىن13.6 مېتىرغا كۆتۈرگەن. ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ سەۋىيىگە يېقىنلىشالمايۋاتىدۇ.

خادىغا تاينىپ ئېگىزگە سەكرەشنۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش رېكورتى62.5 مېتىر بولۇپ، فۇجيەن تەنھەرىكەتچىسى لياۋ شۆرېن ساقلاپ كەلمەكتە، بۇ ھەم ئاسىيانىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#