سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى

سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى

سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى دائىرىسى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق بولغان ئۆزگىچە كىلاسسىك مەدەنىيەت باغچىسىدۇر.

ئۇيغۇرچە نامى سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
ئورنى سانجى شەھىرى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى
سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليون 500 مىڭ
خەنزۇچە نامى 昌吉人民公园
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
دەرىجىسى دۆلەتلىك 2A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 396 مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىسانجى شەھىرى خەلق باغچىسى خاراكتېرى جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئورنى بولۇپ، ئۇ بولسا شەھەر ئاھالىسىنىڭ سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، پەن-مەدەنىيەت تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سورۇن ۋە شەھەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى قانات يايدۇردىغان، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەتەردىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە يېشىللاشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. خەلق باغچىسى 1984-يىلى قۇرۇلغان، كۆلىمى 264 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر، سۇ دائىرىسى كۆلىمى 37 مىڭ 100 كىۋادرات مېتىر، يېشىللىق كۆلىمى 63 مىڭ كىۋادرات مېتىر، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئۇ سانجى ئوبلاستى تەۋەسىگە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال باغچا، شۇنداقلا سانجى شەھىرىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر بىر كونا شەھەر قۇرۇلۇشى مەنزىرە رايونى. خەلق باغچىسى شەھەر داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپ ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن تارىخىي يادىكارلىقلار بار، گۈزەل ۋە يېقىشلىق قورونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە زامانىۋى پۇراققا ئىگە.

خەلق باغچىسى پىلانىدا تارىخىي قەدىمىي شەھەر خارابىسى، كلاسسىك باغ-ئورمان ئالاھىدىلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپە ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى كىرىشتۈرۈپ، باغچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇسلۇبى ئارىلاشما شەكىلدە قوللىنىلغان.  

باغچىنىڭ بىر قانچە چوڭ رايونلىرى: 

ئالدى ئىشىك مەيدانى بولسا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن مەيدانى، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كۆڭۈل ئېچىش، يىغىلىش رايونى. 

خەلق باغچىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. باغچا 2003-يىلى دۆلەتلىك 2A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان.

سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىباغچا رايونى ئىچىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل، يېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان، 26 گېكتار سۈنئىي كۆل سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، كۆل بويىدىكى مەجنۇنتال ۋە چېچەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، سۈنئىي تاغ يەر شەكلى ئېگىز-پەس، قارىغاي بىلەن قاپلانغان؛ تاغ ئاستى شىپاڭ، ئۇزۇن كارىدور، كىچىك كۆۋرۈك بار. سايە ئارىسىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەت كىگىز ئۆيلەر، ھويلا-ئارام سەيلىگاھى كىشىلەرنىڭ خالىغانچە دالا تامىقى يىيىشگە بولىدىغان بۇلۇپ، غەم-ئەندىشىسىز يايلاق تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئون نەچچە كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى (جىددىي ئېقىن، سوقما ماشىنا، بالىلار مۇسابىقە ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار) دىن ھۇزۇرلىنىشقا بولىدىغان سەيلە-ساياھەت قىلىش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.

سانجى شەھەرلىك خەلق باغچىسىخەلق باغچىسى شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 396 مىڭ مو. 1984-يىلى مېۋىزارلىق بەرپا قىلغاندا سانجى شەھىرىدە ئارمىيە بىلەن خەلق ئورتاق تىرىشچانلىقىدا باغچىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، ئېگىزلىكى 15 مېتىر كېلىدىغان سۈنئىي تاغ ۋە 26240 كۋادرات مېتىر سۈنئىي كۆل ياسالغان بۇلۇپ، بۇنىڭ بىلەن باغچىنىڭ مەنزىرىسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. 2006-يىلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ باغچىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن خۇا گاڭ پورتى بېلىق تاماشا قىلىش سەيلىگاھ، يېڭى 30 مىڭ كۋادرات مېتىر چىم، ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىر كېلدىغان سۇ جىلغا، 2007-يىلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەنە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باغچىنى 2-قارارلىق ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان. 1 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، پۈتكەندىن كېيىن باغچا رايونى گۈزەل، مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل، بۇ شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال باغچىلار ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش غايىسى بولۇپ كەلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#