چايكا

چايكا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دېڭىز قۇشى بولۇپ ، دېڭىز بويلىرى ، دېڭىز پورتلىرىدا ، بېلىق ۋە راكلار مول بولغان بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ . 

ئۇيغۇرچە نامى چايكا
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى چايكا ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى پلوۋېر قۇشى تۈركۈمى
تۈرى چايكا
كەنجى سىنىپى ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چايكاچايكا تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. بېشى ۋە بوينى قېنىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، ئارقا قىسمى قارا قوڭۇر رەڭدە؛ كۆز ئەتراپى ئاق رەڭلىك پەيلىك؛ تۆۋەنكى دۈمبە، مۈرە، بەل ۋە ئىككى قانات پەيلىرى، ئۇچۇش پەيلىرى ۋە ئىچكى تەرەپ پەيلىرىنىڭ ھەممىسى مەرۋايىت كۈل رەڭ، پەي ئۇچى ئاق، يۇقىرىقى دۈمبە، سىرتقى تەرەپ چوڭ قىسقا پەيلەر (قۇشنىڭ) ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەممىسى ئاق رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان. دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى ئاق رەڭلىك، ئىچكى-تاشقى پەينىڭ تۈكچىللىرى گىرۋىكى ۋە ئۇچى قارا رەڭلىك، ئۇچۇش پەيلىرى قارا رەڭلىك سىرتقى گىرۋىكى تەدرىجىي ئاز، ئىچكى گىرۋەك ۋە پەيلىرىنىڭ ئۇچى قارا رەڭلىك؛ ئاغزى توق قىزىل، ئالدى ئۇچى قارا رەڭلىك؛ پۇت ۋە بارماقلىرى توق قىزىل، قىش بولغاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

چايكاسىدنېي قىزىل تۇمشۇق چايكا قىزىل تۇمشۇق چايكا؛

ئامېرىكا ئاق چايكىسى ، Larus smithsonianus چوڭ ئاق باش چايكا؛

ئاندرسى چايكىسى ، Larus serranus؛

ئەرمىنىيە ، چايكىسى ، Larus armenicus چوڭ ئاق باش چايكا؛

يەر ئوتتۇرا دېڭىز چايكىسى ، Larus audouinii؛

ئالا قۇيرۇق چايكىسى ، Larus belcheri؛

يېڭى زېللاندىيە قارا تۇمشۇق چايكا ، Larus bulleri؛

قىزىل تۇمشۇق بېلىقچى چايكا ، Larus ridibundus؛

قارا قۇيرۇق چايكا ، Larus crassirostris؛

بېئاۋ چايكا ، Larus philadelphia؛

قوڭۇر باش بېلىق ئالغۇچ چايكا ، Larus brunnicephalus؛

قوڭۇر باش چايكا ، Larus maculipennis؛

كالىفورنىيە چايكىسى ، Larus californicus؛

سېرىق پاچاق چايكا ، Larus cachinnans چوڭ ئاق باش چايكا؛

چايكا ، دېڭىز چايكىسى Larus canus؛

ماگېللان چايكىسى ، Larus scoresbii؛

توقۇمىچى قىز چايكىسى ، Larus vegae چوڭ ئاق باش چايكا؛

فرېئۇند چايكىسى ، Larus pipixcan؛

شىمالىي قۇتۇپ چايكىسى ، Larus hyperboreus چوڭ ئاق باش چايكا؛

كۈل رەڭ چايكا ، Larus glaucescens چوڭ ئاق باش چايكا؛

چوڭ قارا دۈمبىلىك چايكا ، Larus marinus چوڭ ئاق باش چايكا؛

بېلىقچى چايكا ، Larus ichthyaetus؛

كۈلرەڭ چايكا ، Larus modestus؛

سۇر باش تۇمۇچۇق چايكا ، Larus cirrocephalus؛

ھارىڭتون چايكىسى ، Larus hartlaubii؛

قىزىل تۇمشۇق كۈل رەڭ چايكا ، Larus heermanni؛

چايكا ، Larus argentatus چوڭ ئاق باش چايكا؛

ئىسلاندىيە چايكىسى ، Larus glaucoides چوڭ ئاق باش چايكا؛

قۇتۇپ چايكىسى ، ئاق چايكا ، Pagophila eburnea؛

قارا دۈمبە چايكا ، Larus dominicanus  ، چوڭ ئاق باش چايكا؛

ئۈچ پەنجىلىك چايكا ، Rissa tridactyla؛

قىزىل پاچاق ئۈچ پەنجىلىك چايكا ، Rissa brevirostris؛

كۈلۈپى چايكا ، Larus atricilla؛

تاش چايكا ، Larus fuliginosus؛

كىچىك قارا دۈمبىلىك چايكا ، Larus fuscus ، چوڭ ئاق باش چايكا؛

كىچىك چايكا ، Larus minutus؛

يەر ئىچى چايكىسى  ، Larus melanocephalus؛

ئاتلانتىك ئوكيان چايكىسى ، Larus atlanticus؛

تىنچ ئوكيان چايكىسى ، Larus pacificus؛

يېڭى زېلاندىيە قىزىل تۇمشۇق چايكىسى ، Larus scopulinus؛

قارا باش چايكا ، Larus relictus؛

ھالقىسىمان تۇمشۇقلۇق چايكا ، Larus delawarensis؛

شىنا قۇيرۇقلۇق چايكا ، Rhodostethia rosea؛

ئاچا قۇيرۇق چايكا ، Xema sabini؛

قارا تۇمشۇق چايكا ، Larus saundersi؛

ئاۋسترالىيە ئاق چايكىسى ، Larus novaehollandiae؛

كۈل رەڭ چايكا ، Larus schistisagus چوڭ ئاق باش چايكا؛

ئىنچىكە تۇمشۇق چايكا ، Larus genei؛

ئاق چايكا ، Larus hemprichii؛

قارا قۇيرۇق چايكا ، Creagrus furcatus؛

تەيى ئاق چايكىسى ، Larus thayeri، چوڭ ئاق باش چايكا؛

غەربىي ئامېرىكا چايكا ، Larus occidentalis0 ، چوڭ ئاق باش چايكا؛

ئاق پۇتلۇق چايكا ، Larus leucophthalmus؛

سېرىق پۇت چايكا ، Larus livens ، چوڭ ئاق باش چايكا؛

سېرىق پاچاق چايكا ، Larus michahellis ، چوڭ ئاق باش چايكا؛


چايكاچايكا قۇشلار سىنىپى چايكىسىمانلار ئەترىتى چايكا ئائىلىسى قۇش بۇلۇپ، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق ، كۆل ، دەريا بويلىرىدىمۇ توپلىشىپ ياشايدۇ.   دېڭىز - ئوكيان قىرغاقلىرىنى ماكانلىشىش ئورنى، بېلىق،  راك ، قىسقۇچپاقا ، قۇلۇلە قاتارلىقلارنى يېمەكلىك قىلىدۇ. 

چايكا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دېڭىز قۇشى بولۇپ ، دېڭىز بويلىرى ، دېڭىز پورتلىرىدا ، بېلىق ۋە راكلار مول بولغان بېلىقچىلىق مەيدانلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ . چايكا چاتقاللارغا ئۇۋا ياسايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك . چايكا راك ۋە بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلغاندىن باشقا ، يەنە كېمە - پاراخوتلاردىن كىشىلەر تاشلىۋەتكەن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، شۇڭا ئۇنىڭ يەنە « دېڭىز پورتى تازلىقچىسى » دېگەن نامىمۇ بار .

ئادەتتە قەيەردە چايكا بولسا شۇ يەردە بېلىق بولىدۇ . پاراخوت نەگە تور تاشلاپ بېلىق تۇتسا ، شۇ يەردە چايكا پەيدا بولىدۇ . [1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    25%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    25%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#