داكار
داكار سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، غەربىي ئافرىقا بويىچە مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، غەربىي ئافرىقا بويىچە مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى. داكار شەھىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز، ھاۋا قاتنىشىدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم. ئۇ غەربىي ئافرىقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۈسۈپ چىققان يېشىل تۇمشۇق يېرىم ئارىلى(پىر يېرىم ئارىلى) غا جايلاشقان بولۇپ، ياۋروپادىن جەنۇبىي ئامېرىكىلارغا بارىدىغان مۇھىم دېڭىز، ھاۋا قاتناش يولى. بۇ پورتنىڭ ئۈسكۈنلىرى خېلى زامانىۋى بولۇپ، يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننا يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. داكار پورتى 1861-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا چوڭ تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرىدىن 40 دىن ئارتۇقى كىرىپ توختىيالايدۇ. داكار خەلقئارا ئايرودرومى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغىلى بولىدۇ. داكار شەھىرىنىڭ ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ(1984) .
ئۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ياغ زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، بېلىق كونسېرۋا زاۋۇتى، بوياقچىلىق، كېمىسازلىق، خىمىيە، تاماكا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
داكار شەھىرى قۇرۇقلۇقتا تۆمۈريول ئارقىلىق شىمالدىكى سېن-لۇي شەھىرى، شەرقتە كىدىرا شەھىرى ئارقىلىق مالىنىڭ پايتەختى باماكۇلار بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مالى، ماۋرىتانىيىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرى داكار پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.