ئاگاكى تاكىنارو

«ۋاسكىتبول ماھىرى»دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ بىرى.  ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. شوخوكو كوماندىسىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىنىڭ بىرى، كوماندا باشلىقى . 


ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاگاكى تاكىنارو
باشقا نامى あかぎ たけのり,Akagi Takenori
يۇرتى ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيىسى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەۋر يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 90
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赤木刚宪
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 5.10
بوي ئېگىزلىكى 197
قان تىپى Oتىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاراكتېر ئالاھىدىلىكى 

ئارتۇقچىلىقى: باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە يۇقىرى يېتەكلەش ئىقتىدارى بار . كوماندىنىڭ روھىي تۈۋرىكى ، ئۇلۇغۋار نىشانى بار .  ئاخىرىغا كەلمىگەن قەدەر ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلمايدۇ . مۇستەھكەم ئىرادىسى دەل ئۇنىڭ يارلانغان ھالەتتىمۇ مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى تولۇق  جارى قىلدۇرۇپ ، ئەڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشىنىڭ سەۋەبى . ئەلۋەتتە مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ شىنچى ماكىنىڭ مەن بىردىنبىر قايىل بولغان رەقىبىم دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن . تاكىنارونىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى .
كەمچىلىكى:ئۇ بەكلا دۇرۇس ، نىشانىنى ئەسەبىيلىك بىلەن قوغلىشىدۇ ، ھەمدە بۇ نىشاننى ئىستىكى بەك كۈچلۈك بولمىغان كوماندا ئەزالىرىغا تاڭىدۇ ،  ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئويلاپ باقمايلا ئېغىر مەشىق ئېلىپ باردى ، بۇ بەزى كوماندا ئەزالىرىنىڭ كوماندىدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى .  ھېلىمۇ كوگورونىڭ ياردىمى ھەمدە كوماندىدا قېلىپ قالغان ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇ ئۆزى بىلەن بىر نىيەتتە بولغان سەپداشلارنى تاپالىدى .

پېرسۇناژ ئىقتىدارى 

ھۇجۇم قىلىش

گار ئاستىدىكى ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى تەڭداشسىز دېيىشكە بولىدۇ ، لېكىن ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى يەككە ، توپ كىرگۈزۈش دائىرىسى سەل  تار .

مۇداپىئە قىلىش  

توپنى تارتىۋېلىش ھەم توپنى گارغا كىرگۈزۈشتىن توسۇشقا ماھىر . گاردىن يىراقلاشقاندا مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارى ئۇنچە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولمايدۇ .

ئۇ كوماندىنىڭ تۈۋرىكى ، ناھىيىدىكى بەش چوڭ  مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ بىرى ، كىچىكىدىن باشلاپلا مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە خوجا بولۇشنى نىشان قىلىپ كەلگەن .  تولۇق ئوتتۇرا دەۋرىدە گەرچە توپ ماھارىتى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ ياخشى سەپداش تاپالماي  ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن . كېيىن ساكوراگى ، مىتسۇئى ، مىياگى،رۇكاۋالارنىڭ كوماندىغا قوشۇلىشى بىلەن ،  ئارزۇسىغا بىرقەدەم بىر قەدەم يېققىنلاشقان .


تولۇقسىزدا

ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ۋاسكىتبولغا ئوتتەك قىزغىنلىقى بار ئىدى ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدى . 

تولۇقتا 

يېڭىلا شوخوكو كوماندىسىغا كىرگەندە ماھارىتىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا ھەرقانداق كىشىدىن بەكرەك تىرىشقان . لېكىن ياخشى سەپداش  بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ناھىيىلىك مۇسابىقىدىنمۇ ئۇتۇپ چىقالمىغان ، لېكىن تاكىنارونىڭ ئىقتىدارىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ . كوماندا باشلىقى بولغاندىن كېين  بەك مەسئۇلىيەتچانبولغانلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئەزالار كېتىپ قالىدۇ . 

رىئونان جېڭى

ساكوراگى ، رۇكاۋانىڭ كوماندىغا كىرىشى بىلەن ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىردىلا ئېشىپ ، ناھىيىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولغان رىئونان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ياخشى سەپداشلارنىڭ ياردىمى  بىلەن تالانتىنى قاتتىق جارى قىلدۇردى . گەرچە بىر نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تاكىنارونىڭ يېتەكلىشىدىكى شوخوكو ھەرگىز بۇرۇنقى شوخوكو ئەمەس ئىدى .

كاينان جېڭى 

ناھىيە بويىچە ئىككىنچى كۈچلۈك كوماندا شويو كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، كاينان كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە تاكىنارو تولىمۇ جەڭگىۋار  ئىدى ، مۇسابىقىدە پۇتى قايرىلىپ كەتسىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغن ئىدى . شىنچى ماكىنىڭ مەن بىردىنبىر قايىل بولغان رەقىبىم دېگەن باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى . لېكىن ئەپسۇز ، ئۇلار ئاخىرىدا يەنىلا ئىككى نومۇر بىلەن ئۇتتۇرۇپ  قويدى . 

رىئونان جېڭى2

مۇسابىقە باشلانغاندا ، تاكىنارو پۇتىدىن ئەنسىرەپ مۇسابىقىدە ماھارىتىنى ئۇنچە بەك ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى . شوخوكونىڭ نومرى ئارقىدا قېلىپ قالدى ، كېيىن ساكوراگى ئۇنى سەگىتىپ قويۇپ مۇسابىقىگە چۈشكەندىن كېيىن  ئاندىن ئۆز ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇردى . رىئونان كوماندىسىنى يېڭىپ ، مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشتى .

ۋاسكىتبول بىلەن خوشلىشىش 

مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ، تاكىنارو بارلىق كۈچىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش قارارىغا كەلدى .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#