جىنو مىللىتى

جىنو مىللىتى

جىنولار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننادىكى جىڭخۇڭ ناھىيىسىنىڭ جىنولوكې يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جىنو مىللىتى
چەتئەلچە نامى The Jino ethnic minority
خەنزۇچە نامى 基诺族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىنو مىللىتىرىۋايەت قىلىنىشچە، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە شۇ پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى جۇڭې لياڭ(تەخەللۇسى كۇڭ مىڭ) جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ يۈننەنگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قوشۇنى ئىچىدىكى جەڭگە ماھىر باتۇر بىر قوشۇن جەڭدە قىيىنچىلىق تارتىپ سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ قوشۇن چوڭ قوشۇنغا يېتىشىۋالغاندا، كۇڭ مىڭ ھەزرەت ئۇلارنى ھەربىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا بىر خالتا چاي ئۇرۇقى بېرىپ، ئۇلارنى چاي دەرىخى ئۆستۈرۈپ جېنىنى بېقىشنى، ئۆزىنىڭ باش كىيىمىنىڭ شەكلى بويىچە ئۆي سېلىشنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قوشۇن جىنۇشەن تېغىدا قالىدۇ ۋە جىنو مىللىتىنىڭ ئەجدادىغا ئايلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، جىنولار يەنىلا جۇڭې لياڭ ھەزرەتنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيدۇ، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا نەزىر-تاۋاپ قىلغاندا «كۇڭ مىڭ ھەزرەت» دەپ توۋلايدۇ. 

جىنولار يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننادىكى جىڭخۇڭ ناھىيىسىنىڭ جىنولوكې يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

جىنو مىللىتىجىنو ئەرلىرى پاختا رەختتىن تىكىلگەن ياقىسىز ئاق چاپان كىيىدۇ، كىيىمنىڭ دۈمبە تەرىپىگە يۇمىلاق ۋە رەڭلىك نۇر ھالقىلىرىنىڭ سۈرىتىنى كەشتىلىۋالىدۇ، پاختا رەختتىن تىكىلگەن ئاق تامبال كىيىدۇ. ئاياللىرى ئۇچى ئۇچلۇق قالپاق كىيىدۇ، ئۇچىسىغا يەتتە خىل رەڭلىك بېزەكلەر بىلەن قاپلانغان قىسقا كوپتا كىيىدۇ، مەيدىسى تەرەپتە بەدەنگە ھىم كېلىدىغان ئۈچ قىرلىق يانچۇق بولىدۇ. ئايىغىغا ئاق، قارا رەڭلىك يوللۇق قىسقا يوپكا كىيىدۇ.

 جىنولارنىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق بايرىمى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، «تېماۋجې» دەپ ئاتىلىدۇ، بايرامنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى ئاقساقاللار بەلگىلەيدۇ. ناۋادا باش ئاقساقالنىڭ ئۆيىدىكى خاس چوڭ دۇمباق چېلىنسا، يېڭى يىل باشلانغانلىقى جاكارلانغان بولىدۇ. پۈتكۈل كەنتتىكىلەر ئاقساقالنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، بايرامنى تەبرىكلەيدۇ. 

جىنولاردا ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان بولۇپ، ساكرامېنتالىزمغا ئىشىنىدۇ. ئادەم ئۆلسە، يالغۇز دەرەخنى كولاپ مېيىت ساندۇقى ياسايدۇ، مېيىتنى يەرلىككە دەپنە قىلىدۇ. تۇپراق بېشى قالدۇرمايدۇ. 

جىنوزۇ ئەرلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، كالا ئۆلتۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلىدۇ، كالا گۆشىنى بۆلۈشۈپ يەيدۇ، ئاتا-ئانىلىرى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە پۈتۈن يۈرۈش دېھقانچىلىق سايمىنى ۋە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ھەدىيە قىلىدۇ. كۆپچىلىك كېچىچە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۇلار قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئەمگەك تەشكىلاتى «بولې» غا قاتنىشىدۇ ھەمدە مۇھەببەتلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.

جىنو مىللىتىنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق. ئىلگىرى ئۇلار ياغاچقا ۋە بامبۇكقا بەلگە ئويۇش ئارقىلىق ئىش-ۋەقەلەرنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى مول بولغان رىۋايەت ۋە ھېكايىلىرى بار. 

جىنو مىللىتى «جىنو» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تاغىسىنىڭ ئەۋلادى ياكى تاغىسىغا ھۆرمەت قىلىدىغان مىللەت دېگەنلىك بولىدۇ. مىلادىيە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا جىنو مىللىتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا تۇراتتى، ھەربىر يېزا جامەسى بىر كەنت ئىدى، يەرلەرنىڭ ھەممىسى كەنتكە تەۋە ئىدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ. ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى تەڭ تەقسىم قىلىدۇ. جىنولار ئۆرتەپ-تىلغاپ تېرىقچىلىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، چىلگە شال، قوناق ۋە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. بانان، بېھى قاتارلىق مېۋىلەر كۆپ چىقىدۇ. جىنولار پۇئېر چېيى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭق چىقارغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جىنولار ئىپتىدائىي كوممۇنا جەمئىيىتىدىن بىۋاسىتە سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش تېز يۈكسەلدى، تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#