ئەنگلىيە

ئەنگلىيە

ئەنگلىيە بولسا بۈيۈك برىتانىيە ئارىلىدىكى ئەنگلىيە، ۋېرش بىلەن شوتلاندىيە ، ئىرېلاندىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى شىمالىي ئىرېلاندىيە ۋە بىر قاتار قوشۇمچە ئاراللارنىڭ ئورتاق تەشكىللەنگەن غەربىي ياۋروپادىكى بىر ئارال دۆلىتى . 

ئۇيغۇرچە نامى بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى ئەنگلىيە 联合王国(United Kingdom)
پايتەختى لوندون
نوپۇسى 64 مىليون447 مىڭ (2014-يىلى)
يەر مەيدانى 244 مىڭ 100 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 大不列颠及北爱尔兰联合王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ئىنگىلىز تىلى
نوپۇس زىچلىقى 255.6 / كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ،
ئىنگىلىزچە نامى The United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيە ئەنگلىيەنىڭ تولۇق نامى «بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىUnited Kingdom of Great Britain and Northern Ireland » بولۇپ، قىسقارتىلىپ «بىرلەشمە پادىشاھلىقUnited Kingdom » دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەنگلىيە بولسا بۈيۈك برىتانىيە ئارىلىدىكى ئەنگلىيە، ۋېرش بىلەن شوتلاندىيە ، ئىرېلاندىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمى شىمالىي ئېرلاندىيە ۋە بىر قاتار قوشۇمچە ئاراللارنىڭ ئورتاق تەشكىللەنگەن غەربىي ياۋروپادىكى بىر ئارال دۆلىتى. بىر يۈكسەك تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت . ياۋروپادىكى تۆت چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى.

ئەنگلىيە ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋالىس ۋە شىمالى ئىرلاندىيەدىن ئىبارەت تۆت يېرىم ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ، ئەنگلىيە پۈتۈن بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ %80 دىن ئارتۇق  نوپۇسىنى تەشكىل قىلغاچقا ۋە تارىختىن بۇيان ئەنگلىيە  بىرلەشمە پادىشاھلىقنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەچكە بۈيۈك برىتانىيە ئادەتتە  «ئەنگلىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئەنگلىيە ياۋروپانىڭ غەربىدىگە يېقىن بولغان ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقان ئاراللار توپى بولۇپ، ئۇ شىمالىي دېڭىز، دوۋېر بوغۇزى (پا دى كال بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئەنگلىيە بوغۇزى (لامانشى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ.  تەبىئىي جەھەتتىن چوڭ برىتانىيە ئارىلى، ئېرلاندىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئەتراپىدىكى گېبرىد، ئوركىن، شوتلاند تاقىم ئاراللىرى، مايىن ئارىلى ۋە فرانسىيەگە يېقىن نورماند دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان جېرسى ۋە گۇەرىنسەي قاتارلىق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ برىتانىيە ئارىلى ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، ۋالىستىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. فىرانسىيەدىن ئەنگلىيەگە تۇتاشقان 35كىلومېتىرلىق دېڭىز ئاستى قاتناش تونېلى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ھالىتىگە خاتىمە بەردى. 

پايتەختى لوندون 

ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۆلەت بويىچە بىرىنچى چوڭ پورت. دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. لوندون تېمىزا دەرسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا، دېڭىزدىن 88 كىلومېتىر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئورۇن ئالغان. تېمىزا دەرياسىنى بويلاپ شەھەر ئىچىگە ئوكيان پاراخوتلىرى كىرەلەيدۇ، دەريانىڭ 50 كىلومېتىر لىنىيىسىدە پاراخوت توختاش ئورۇنلىرى بار، «چوڭ لوندون» شەھەر ئىچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 32 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليون 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي يەر مەيدانى 1605 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئىچى ئاھالىسى 6 مىليون 765 مىڭدىن ئاشىدۇ(1984) .

ئەنگلىيە جايلاشقان بىرىتانىيە يېرىم ئارىلى ئەسلىدە كىلىت خەلقىگە تەۋە بولغان بىرىتان، ۋالىس ۋە شوتلاندلارنىڭ ماكانى بولۇپ، كىلىتلار مىلادىدىن ئىلگىرىلا ياۋروپادا گىرىك، نورمانلار بىلەن بىر قاتاردا ئۈچ خىل مۇستەقىل مەدەنىيەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن مۇستەقىل مەدەنىيەت تىپىدىكى تۈركۈم ئىدى. مىلادىدىن  بۇرۇنقى 55-يىلى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبىنى ئىشغال قىلىشى ۋە كېيىن رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خىىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇ رايونغا خىرىستان دىنى يېتىپ كەلدى. كېيىن مىلادى 5-ئەسىردە گېرمان تىل ئائىلىسىدىكى ئانگىلو-ساكسونلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىن ئۇلۇغ برىتانىيە ئاراللىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى يەرلىك كىلىتلارنىڭ ئاسمىلاتسىيەلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى. قالدى كىلىت مىللەتلىرى تۈركۈملەپ يوقىتىلدى ياكى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرىتانىيە تىل-مەدەنىيەت جەھەتلەردە ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن باغلىنىپ ئەنگلىيە دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى . ئەنگلىيە دېگەن نام ئەنە شۇ ئانگىلو ساكسونلارنىڭ نامىدىن ئېلىنغان . ئەنگلىيىدە مىلادى 7 - ئەسىردە فېئوداللىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردە ئەسلىدە شىمالى ياۋروپادىكى نورۋىگىيەدىن كەلگەن نورمانلارنىڭ، فىرانسىيەدىكى يېرىم ئارال رايونىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ مەجبۇرى كېنەز بولۇۋالغان نورماندىيە كېنەزلىكىنىڭ ئەۋلادى، ئاللىبۇرۇن فىرانسۇزلىشىپ كەتكەن ۋىليام ئېنگىلاند رايونىنى بويسۇندۇرۇپ نورماندىيە ۋە ئېنگىلاندنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ نورماندىيەنى تالىشىش ئۇرۇشى 300يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ ئاخىرى نورماندىيەلىكلەرنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئەنگىلىزغا ئايلىنىپ ئەتكەن خان جەمەتىنىڭ نورماندىيەدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختاتتى.  15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كاپىتالىزمنىڭ ئېلېمېنتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئەنگلىيە ھىلە مىكىر ئىشلىتىپ ۋالىس ۋە شوتلاندىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ بىرىتانىيە ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈردى.  كېيىن ئېرلاندىيەگە ھۇجۇم قىلىپ يېرىمىدىن كۆپ ئىرلاندىيەلىكنى قىرغىن قىلىش بەدىلىگە ئۆزىگە قوشۇۋالدى. ئاتاقتا بىرلەشمە پادىشاھلىق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتتە بىرىتانى ۋە ئىرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ پۈتكۈل ئەمەلى ھوقۇقى ئەنگلىيەنىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. 1640 - يىلدىن 1660 - يىلغىچە بولغان بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئەنگلىيەدە كاپىتالىزم تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلاپ ئامېرىكا، ئافرىقا، ئاسىيا، ئوكىئانىيە قىتئەلىرىدە زور زىمىننى بىر-بىرلەپ بېسىۋېلىپ 19 - ئەسىرگە كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مۇستەملىكىلىرىنىڭ مەيدانى ئۆز زىمىنىدىن 150 ھەسسە ئوشۇق بولۇپ، بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى زېمىنى شىمالى ۋە شەرقى يېرىم شارغا، شەرقى ۋە غەربى يېرىم شارغا تارقالغانلىقتىن «كۈن پاتماس ئىمپىرىيە» دەپمۇ ئاتالغان.

 ئەنگلىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 1870 - يىلدىن 1890 - يىلغىچە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كېيىن چىققان ئامېرىكا، گېرمانىيىلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىمۇ تەۋرىنىشكە باشلىغان. 1921 - يىلى ئەنگلىيە ئېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىدىكى 26 ۋىلايەتنى ئامالسىز ئاپتونوم فېدىراتسىيە دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئېرلاندىيەنىڭ جەنۇبى قىسمى مۇستەقىل بولغان. دۆلەت نامىنىمۇ «بۈيۈك برىتانىيە ۋە ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى» دىن «بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى» غا ئۆزگەرتكەن.

ئەنگلىيەئەنگلىيە ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز - ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە . ئەنگلىيە تەرىپىدىن غەرب شامىلى كۆپىيىدۇ، يىل بويى ئىللىق ۋە نەم ، تۆت پەسلى سوغۇق ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس . مۆتىدىل بەلۋاغ يوپۇرماق تاشلايدىغان كەڭ يۇپۇرماقلىق ئورمان بەلۋىغى بار. ئادەتتە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 32 ، ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 10 - تىن تۆۋەن ، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 7 ℃ ~ 1 - ،  يىللىق ئوتتۇرىچە يېغىن مىقدارى 1000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ . شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000 مىللىمېتىر ئېشىپ كېتىدۇ. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسمدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 800 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ . ھەر يىلى 2-3-ئايلار  ئەڭ قۇرغاق ، 10 - ئايدىن كېلەر يىلى 1-ئايغىچە ئەڭ نەم . ئەنگلىيەنىڭ غەربىي شىمالى تاغلىق، ئېگىزلىك، شەرقىي جەنۇبى تۈزلەڭلىك . ئەنگلىيە يىل بويى غەرب شامىلى ۋە دېڭىز - ئوكيان تەسىرىگە ئۇچراپ، ھاۋاسى يىل بويى ئىللىق ۋە نەم ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدۇ .

ئەنگلىيەنىڭ ئاھالىسى 64 مىليون 447 مىڭدىن ئاشىدۇ ، ئاھالىنىڭ %83 نى ئىنگلىزلار، %8.6 نى  شوتلاندىيلىكلەر ، %4.9 نى ۋالىسلار، %3 نى ئېرىشلار، %2 نى قارا تەنلىكلەر، %3 نى ھىندى-پاكىستانلىقلار، %2.7 نى باشقا كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدۇ.  ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ۋالىستىكى %26 ئاھالە ۋالىس تىلىدا (كىلىت تىلىدا)، شوتلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى 70 مىڭغا يېقىن ئاھالە شوتلاند يەنى گىل تىلىدا، شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى 100 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئىرىش تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ھەر قايسى كۆچمەن مىللەتلەر ئاساسەن دىگۈدەك ئۆز تىلىنى قوللىنالايدۇ.

ئاھالىنىڭ %71.6 ى ئانگىلىكان دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا، %3 ى ئىسلام دىنىغا، %1 ى ھىندى دىنىغا  ئېتىقاد قىلىدۇ. 

ئەنگلىيەنىڭ پۇل بىرلىكى  فوند بولۇپ ، گەرچە ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ ئەمما ياۋرو ئىشلىتىش ۋاقتى بىر نەچچە قېتىملىق ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇشتا كېيىنگە سۈرۈلدى. ئەنگلىيەنىڭ پۇلى فوند بىر قەدەر قىممىتى يۇقىرى پۇل بولۇپ، 2002-يىلى 0.667 فوند = بىر دوللار ،  2004-يىلى 0.546 فوند = بىر دوللار ،  2002-يىلى 0.541 فوند = بىر دوللار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى

ئەنگلىيە ك‹‹米››شەكىللىك بايراق ،بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرىپى ئاق ،ئوتتۇرىسى قىزىل كىرېسىت بەلگىسى ئېنگىلاندنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينت گىئورگىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئۆز ئارا قايچىلاشقان ئاق رەڭلىك كىرېسىت شوتلاندىيەنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى سايىنت ئاندرېۋغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .قايچىلاشقان قىزىل كىرېسىت ئېرلاندىيەنىڭ مۇھاپىزەت ئىلاھى ساينت پاترلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . 

دۆلەت گېربى

ئەنگلىيە دەل ئوتتۇرىسى قالقانسىمان گېرب ،ئۈچ دانە ئالتۇن رەڭلىك شىر ئېنگلاندنىڭ سىمۋولى ،قىزىل شىر شوتلاندىيەنىڭ سىمۋولى ،ئالتۇن تارىلىق چىلتار ئېرلاندىيەنىڭ سىمۋولى ،قالقانسىمان گېربنىڭ ئوڭ سول تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك شىر بىلەن بىر مۈڭگۈزلۈك ھايۋان بولۇپ ،ئەتراپىغا فىرانسۇز يېزىقىدا ‹‹يامانلىققا يامانلىق ››دېگەن خەتلەر يېزىلغان .تۆۋەن تەرىپىگە ئېسىلغان ئوردېنلىق لېنتا ‹‹ئىلاھىم ماڭا ھوقۇق ئىنئام قىلغان ››دېگەن خەتلەر بىلەن بېزەلگەن . 

ئەنگلىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت. 2006-يىلى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 2 تىرلىيۇن 346 مىلىيارد دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 31 مىڭ 800 دوللار توغرا كەلگەن. 2006-يىلى دۇنيادا نېفىت باھاسى قاتارلىق ئەنگلىيەگە پايدىلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىنىڭ باھاسى ئۆسكەنلىكتىن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىسادى %2.8 ئۆسكەن.  ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، جۇڭگودىن قالسىلا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %1 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن، %18 سانائەت بىلەن، %80 مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 

    2006-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىسى 33 مىلىيۇن 600 مىڭ، يانپون ئىشلەتكۈچىسى 69 مىلىيۇن 657 مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 33 مىلىيۇن 534 مىڭ بولغان.

كان مەھسۇلاتى 

ئەنگلىيە ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ، ئىسسىز كۆمۈر زاپىسى 122 مىليارد توننا . تۆمۈر زاپىسى تەخمىنەن 3 مىليارد 800 مىليون توننا . غەربىي كورنۋال يېرىم ئارىلىدا قەلەي كانى بار. ئەنگلىيە شىمالىي دېڭىز قۇرۇقلۇق بوسۇغىسىدىكى نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 10 ~ 4 مىليارد توننا . تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 8600 ~ 25850 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىدا . 

ئورمانلىقى  

2011-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 3 مىليون 80 مىڭ گېكتار، زىمىنىدىكى كۆلىمى % 12.6 نى ئىگىلەيدۇ . 

سۇ بايلىقى 

ئەنگلىيەئەنگلىيە كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارى تەخمىنەن1590 مىليون كۇب مېتىر. ئەنگلىيە سانائەتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش ، پايدىلىنىش ئاساسلىق شەھەر ۋە يېزا خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن سۇ ئىشلىتىش ، سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىچكى دەريا سۇ ترانسپورتى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ۋە سۇ ئۈستى ساياھىتى قاتارلىقلار بار . ئەنگلىيە يىللىق ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 115.11 مىليون كۇب مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تاتلىق سۇ % 3.74 نى ئىگىلەيدۇ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ % 0.3 نى ئىگىلىگەن، باشقا سانائەت قاتارلىق سۇ % 52.4 نى ئىگىلگەن.

ھايۋانات بايلىقى 

ئەنگلىيە ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك بايلىقى مول ، 2007 - يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋان ، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش پىلانى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان، 2007 - يىلىغا قەدەر ، ئەنگلىيىدە 1149 يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات ، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قوغداش ھەرىكەت پىلانى» ئىچىدە كىرگۈزۈلگەن.[0] 

ئەنگىلىيە15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت رەھبەرلىكىدە دېڭدىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تۇرغۇزغان . 17-، 18-ئەسىرلەردە يەنە كەينى -كەينىدىن بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلاش ئەنگلىيە ئەڭ دەسلەپكى كاپىتالىستىك دۆلەتكە ئايلانغان . 19-ئەسىردە ئەنگلىيە ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار سانائەتلەشكەن دۆلەتكە ئايلانغان . سانەئەتنىڭ تەرەققىياتى كەڭ بازار بىلەن خام ئەشيا مەنبەسىگە مۇھتاج ئىدى . شۇڭا ئەنگلىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇلغان تاجاۋۇزنى كۈچەيتىپ ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى كۆپلەپ تالان -تاراج قىلىشقا باشلىغان . 1914-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيە چەت ئەللەردىكى مۇستەملىكىسى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ ، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى ئەنگلىيە يەر مەيدانىنىڭ 140 ھەسسسىدىن ئاشقان . بۇنداق ھەيۋەتلىك مۇستەملىك ئىمپېرىيىسى بەش قىتئەنى ھالقىغان بولۇپ ، قۇياش نۇرى ھەر سائەت ، ھەر مىنۇتتا ئەنگىلىيلىيىنىڭ مۇستەملىك زېمىنلىرىغا نۇر چېچىپ تۇراتتى . بىر كۈننىڭ ئىچىدە بەزى يەرلەردە كۈن كۆرۈلسە ، بەزى جايلاردا تېخى كۈن پاتمايتتى ، شۇڭا ئەنگلىيە « كۈن پاتماس ئىمپېرىيە » دەپ نام ئالغان .[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#