تىلوسما گۈلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تىلوسما گۈلى ئاجىز پېلەكسىمان چاتقاللىق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ كىچىك شاخلىق تۈكچىلەربىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ئېچىلىپ، تەدىرىجىي قېنىقلىشىدۇ. ئېچىلغاندىن كىيىن كېچىدە دەممۇ دەم قويۇق خۇش پۇراق چاچىدۇ، شامال ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنى دىماغلارغا ئۇرۇپ كىشىنى مەستىخۇش قىلىدۇ. كونا شاخلىرىنىڭ رەڭگى تەدرىجىي كۈل رەڭ، قوڭۇر رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ.
تىلوسما گۈلىئاساسەن سۇبتروپىك بەلۋاغ ۋە ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ رايون ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ. ئەتىيازدا كۈن ئىللىغاندا شاخ يوپۇرماقلىرىدىن بىخى ياكى گۈل بىخى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئورمانلىق ياكى چاتقاللىق ئارسىدا ئىسسىق نەملىكنى، شامال ئۆتۈشچانلىقى ياخشى، قۇرغاق كىلىماتنى ياخشى كۆرىدۇ. قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ھۆلچىلىككە، سوغوققا چىدامسىز بۇلۇپ قىش پەسلىدە يوپۇرماق تاشلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆسۈشتىن توختايدۇ؛ [0]
كەچ كىرگەندە كۈچلۈك خۇش پۇراق چىقىرىش سەۋەبى
تىلوسما گۈلىئۆسۈمۈكلەرنىڭ كۈندۈزى ئېچىلغانلىرى كۆپ، لېكىن تىلوسما گۈلى كەچ كىرگەندىلا ئاندىن كۈچلۈك خۇش پۇراق چاچىدۇ؟
بىزگە مەلۇمكى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىشى كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ئېچىلىش، چاڭلىشىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىرى ئۇنى ھاشاراتلارغا، مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەك، پەرۋانە قاتارلىقلارغا تايىنىش ئارقىلىق ئورۇندايدۇ. تىلوسما گۈلى كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان پەرۋانە ئارقىلىق گۈل چاڭلىرىنى تارقىتىدۇ. تىلوسما گۈلى كېچىسى دەممۇ دەم كۈچلۈك خۇش پۇراق تارقىتىپ، پەرۋانىنى كېلىپ يوقلاپ ئۆتۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۇنى «ۋاستىچى» قىلىدۇ.
بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، تىلوسما گۈلىنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى كۈندۈزى ئېچىلىدىغان باشقا گۈللەرنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى كۈندۈزى ئاپتاپ كۆرگەندىن كېيىن، گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى پارغا ئايلىنىدىغان ماي (ياغلىق شىرنە) تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ئارقىسىدا ھاۋا تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېزلا پارغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى پۇرىغاندىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدۇ، ئەمما تىلوسما گۈلى باشقا گۈللەرگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇ كۈندۈزى ناھايىتى ئاجىز پۇراق چىقىرىدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە گەرچە ئاپتاپ كۆرمىسىمۇ خۇش پۇرىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى نەملىك مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەملىك قانچە يۇقىرى بولسا ھاۋا تۆشۈكچىلىرىمۇ شۇنچە چوڭ ئېچىلىدۇ. كېچىدە ھاۋانىڭ نەملىكى كۈندۈزدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا تىلوسما گۈلىنىڭ ھاۋا تۆشۈكچىلىرى كەچقۇرۇن چوڭ ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدىن پارغا ئايلىنىدىغان خۇش پۇراق مايمۇ كۆپ بولىدۇ، تارقالغان خۇش پۇراقمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.