خې لۇڭ  (1896-1969-يىللار) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خې لۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1969-يىل 6-ئاي
خەنزۇچە ئىسمى 贺龙
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1896-يىل
كەسپى ھەربىي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خې لۇڭ  (1896-1969-يىللار)  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭجى دېگەن يېرىدىن. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇرۇشۇپ ئويناشقا ئامراق چوڭ بولغان. 1916-يىلى، ئىككى قىڭراقنى كۆتۈرۈپ، 20 دىن ئارتۇق دېھقاننى باشلاپ باماۋشى تۇزچىلىق ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 12 تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. 1926-يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، مىللىي ئىنقىلاب ئارمىيەسى 9-جۈنىنىڭ شىجاڭى، 12-جۈنىنىڭ جۈنجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 

1927-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار بىلەن بىللە «1-ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن. يىل ئاخىرىدا، خۇڭخۇ رايونىغا بېرىپ ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي بازا قۇرغان. جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، خۇنەن-خۇبېي ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، قىزىل ئارمىيە 2-جۈنتۇەنىنىڭ باش كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1934-يىلى قوشۇننى باشلاپ گۇيجۇنىڭ شەرقىدە رېن بىشى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ 6-جۈنتۇەنى بىلەن ئۇچرىشىپ، خۇنەن-خۇبېي-سىچۇەن-گۇيجۇ ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان ھەمدە قىزىل ئارمىيە 2-، 6-جۈنتۈەنىنىڭ قوماندانى بولغان. 1935-يىلى دۇنياغا مەشھۇر 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتنىشىپ، 2-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان. جاڭ گوتاۋ بۆلگۈنچى گۇرۇھىنىڭ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيەنى پارچىلىۋېتىش ھەرىكىتىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، قىزىل 2-، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ بىرلىكتە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

1937-يىلى ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، خې لۇڭ  8-ئارمىيە 120-شىسىنىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ ئۇدۇل دۈشمەن ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەنشى-سۈييۇەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرغان. كېيىن يەنە قوشۇنىنى باشلاپ ئوتتۇرا شەنشى تۈزلەڭلىكىگە بېرىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، سەنشى، سۈييۈەندىن ئىبارەت بەش ئۆلكە بىرلەشمە مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بولغان. خې لۇڭ كۆپ قېتىم ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 1939-يىلى 4-ئايدىكى چىخۇي ئۇرۇشىدا، ياپونىيە ئارمىيە سى ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ زەھەرلىك گاز بومبىسى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، خې لۇڭ قوماندانلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، 700 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. شۇ يىلى9-ئايدىكى چېنجۇاڭ ئۇرۇشىدا، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقاتقان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خې لۇڭ غەربىي شىمال ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سۈپىتىدە قوشۇننى باشلاپ غەربىي شىمالدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ھارماي-تالماي جاپالىق جەڭ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن. 

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ غەربىي جەنۇب ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەن نىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، 1969-يىلى 6-ئايدا ئۇۋالچىلىق ئىچىدە ۋاپات بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1832.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#