لوس ئانگېلېس
لوس ئانگېلېس ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، نيۇ يورك، چېكاگودىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لوس ئانگېلېس ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، نيۇ يورك، چېكاگودىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر، ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ(1980) . بۇ شەھەردە ئامېرىكا بويىچە مېكسىكىلىقلار بىلەن نېگىرلارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى، بۇلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، ياپونلۇقلار، فىلىپپىنلىقلار خېلى كۆپ. لوس ئانگېلېس شەھىرى 1781-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى تەدرىجىىي كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ شۇ رايوننىڭ مۇھىم سودا مەركىزىگە ئايلانغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى كالىفورنىيىدە ئالتۇن كاننىڭ تېپىلىشى، شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يولنىڭ قۇرۇلۇشى، نېفىت كانلىرىنىڭ ئېچىلىشى، پاناما قانىلىنىڭ قېزىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان.
ھازىرقى لوس ئانگېلېس شەھىرى ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاق رايون بويىچە ئەمەس، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لوس ئانگېلېس شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپى رايونلىرى ئامېرىكا بويىچە ئايروپىلان سانائىتى بىلەن ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ مۇھىم مەكرىزى. بۇنىڭدىن باشقا ھەربىي قورال-ياراغ سانائىتى، نازۇك ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، ئالىي سۈپەتلىك مېتال مەھسۇلاتلار سانائىتى، ئېلېكترون ئەسۋابلار سانائىتى، نېفىت ئايرىش، خىمىيە، پولات-تۆمۈر، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئامېرىكا بويىچە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
لوس ئانگېلېس شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ھوللىۋود دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق كىنو تېلېۋىزىيە سانائىتىنىڭ مەركىزى. بۇ جايدا 1865-يىلى قۇرۇلغان ئاتاقلىق لوس ئانگېلېس داشۆسى، 1919-يىلى قۇرۇلغان كالىفونىيە داشۆسىنىڭ لوس ئانگېلېس شۆبىسى، 1891-يىلى قۇرۇلغان سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەبىئەت، تارىخىي مۇزېي، گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، گۈزەل سەنئەت مۇزېيى، مۇزىكا سەنئەت مەركىزى قاتارلىق مەدەىيەت ئورۇنلىرى بار. لوس ئانگېلېس شەھەر ئەتراپىدا يەنە ئاتاقلىق ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى، خەلقئارا ئايرودومى قاتارلىق ئورۇنلار بار. لوس ئانگېلېستىكى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.