يې جيەنيىڭ

يې جيەنيىڭ

يې جيەنيىڭ (1897-1986-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مېيشيەن ناھىيەسىدىن. ئىلگىرىلا سۈن جۇڭشەن گە ئەگىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرىپ، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. 1934-يىلى كۈزدە، قىزىل ئارمىيە 1-زۇڭدۈينىڭ قوماندانلىقى، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يې جيەنيىڭ
باشقا نامى 叶宜伟、字沧白
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1986-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 叶剑英
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1897-يىلى
كەسپى سىياسىيون ، ھەربىي ئالىم ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يې جيەنيىڭيې جيەنيىڭ (1897-1986-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مېيشيەن ناھىيەسىدىن. ئىلگىرىلا سۈن جۇڭشەن گە ئەگىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرىپ، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. 1934-يىلى كۈزدە، قىزىل ئارمىيە 1-زۇڭدۈينىڭ قوماندانلىقى، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، 25 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان. 1935-يىلى 8-ئايدا، جاڭ گوتاۋنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى «قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلماقچى» بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال بۇ ئىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەخپىي دوكلات قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى تېزدىن خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالغان. ماۋ زېدۇڭ بىر قېتىم ئۆزىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: «ئەگەر يې جيەنيىڭ بولمىغان بولسا، بۇمۇ بولمىغان بولاتتى» دېگەن.

يې جيەنيىڭياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، يې جيەنيىڭ 8-ئارمىيىنىڭ سەنمۇجاڭلىقىغا تەيىنلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قا قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، يې جيەنيىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئارمىيە يۆتكەش باشقارمىسىدا ئىشلىگەن. ئىچكى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، يەنئەنگە قايتىپ كەلگەن. 1949-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەمدىلا ئازاد قىلىنغان بېيپىڭ (بېيجىڭ) شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى كۈزدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي جۇڭگو رايونلۇق بيۇروسىنىڭ 1-شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قوشۇننى باشلاپ جەنۇبىي جۇڭگوغا يۈرۈش قىلىپ، گۇاڭجۇنى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن يەنە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ خەينەن ئارىلىنى ئىشغال قىلغان. 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يې جيەنيىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى، ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1955-يىلى ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانى بېرىلگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئۇ لىن بياۋ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. 1976-يىلى 10-ئايدا، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نى بىراقلا تارمار قىلىپ، ئون يىل داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 

يې جيەنيىڭ جەڭگاھلاردا باتۇر سەركەردە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مول بىلىمگە ئىگە، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر شائىر بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئۆلىما سەركەردە» دەپ تەرىپلەشكەن. 1986-يىل 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#