يىڭناسقۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يىڭناسقۇسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق سەۋدا ۋە قان خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماي، خام خىلىتنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە تازىلىققا قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
يىڭناسقۇ كۆپىنچە، قان خىلىتى ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئاچچىق-چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا ئارقا-ئارقىدىن ئىستېمال قىلىش، كەچتە يېتىشتىن ئىلگىرى دائىم تاماق يەپلا ئازراق ھەرىكەت قىلماي ئۇخلىغانلىقتىن بۇزۇق يەللەر پەيدا بولۇپ، كۆز گىرۋەكلىرىگە يامان تەسىر قىلغانلىقى، بەزى كىشىلەردە قاپاق ۋە كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي، پاسكىنا قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاش ۋە ھەرخىل چاڭ-توزانلار تۈپەيلىدىن كىرپىكلەر ئاستىدىكى تۈك خالتىلىرىغا جاراسىم (مىكروب) نىڭ كىرىشىدىن كۆز گىرۋەكلىرىگە پۇرچاقتەك قاپارتقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ پەيدا بولىدۇ. [0]
ئالامىتى: كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدە دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇش، ئازراق قىچىشىش، ئاغرىش، تەدرىجىي مۇدۇر دائىرىسى قىزىرىپ، ئاغرىق كۈچىيىپ، مۇدۇر ئۇچى ئاقىرىپ، يىرىڭ يىغىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
تاشقى يىڭناسقۇ: كۆپىنچە، كۆزنىڭ تۆۋەنكى گىرۋەكلىرىدە پەيدا بولىدۇ. كۆزنىڭ يۇقىرىقى گىرۋەكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپتە دائىرىلىك كىچىك قاتتىق مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ. ئازراق قىچىشىپ ئاغرىيدۇ. كېيىن قىزارغان ئىششىق دائىرىسى كېڭىيىپ باسسا ئاغرىيدۇ. بۇ يىرىڭ يىغىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قاپارتقۇ ئۇچلىرى ئاقىرىپ، باسسا مىلىقلىسا، يىرىڭنىڭ پىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش ئېغىرلاشسا، پۈتۈن قاپاققا تەسىر قىلىپ، قاپاق يىرىڭلىق ئىششىققا ئايلىنىدۇ ھەمدە قۇلاق ئالدى بەزلىرى يوغىناپ كېتىدۇ. يىرىڭ ئېغىز ئالغاندىن كېيىن قىزىللىق، ئىششىق، ئاغرىقلار ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ.
ئىچكى يىڭناسقۇ: ئالامەتلىرى تاشقى يىڭناسقۇ بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىدە بولغاچقا، يىرىڭ تۇتقاندىن كېيىن قاپاق ئىچكى پەردىسىدە سېرىق رەڭلىك يىرىڭ نۇقتىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. [0]
2-رېتسېپ
يىڭناسقۇتەركىبى: سەبرە سۇقۇترى، ئوسارە ئەپسەنتىن، مەستىكى رۇمى، غارىقۇن 10 گىرامدىن، ئاچچىقتاۋۇز، سوقمونىيا بەش گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 2 ~ 6 تالدىن ئاخشىمى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گىرام، تەمرى ھىندى 60 گىرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان، بىنەپشە، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، پۇنۇس 75 گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىچكى داۋاسى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى بەدەندىن تازىلاش، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مېڭىدىن تازىلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق سۈرگە دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. يىڭناسقۇ كۆپ چىقىپ ئادەت بولۇپ قالغانلارغا، ئەھۋالغا قاراپ مەتبۇخى ئەفتىمۇن ياكى مەتبۇخى ھېلىلە بېرىلىدۇ.
يىڭناسقۇتاشقى داۋاسى: (1) قايناق سۇدا قىزىتىلغان لۆڭگە بىلەن كۆزگە ھەر قېتىمدا 10~15 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. (2) كاسىنە، سەبرە، رۇسۇت، مامىسا، گىل ئەرمىنىنى ئېھتىياجغا لايىق ئېلىپ يىڭناسقۇ ئۈستىگە چېپىش كېرەك. يىرىڭ تولغاندا تازىلانغان تىغ بىلەن ئۇچىنى يېرىپ يىرىڭنى چىقىرىۋېتىپ، مۇۋاپىق كۆز مەلھەملىرىنى سۈركەپ قويۇش كېرەك؛ (3) يۇقىرىقى چارىلەر ئۈنۈم بەرمىسە، تازىلانغان تىخ بىلەن يىڭناسقۇ قېپى كېسىلىدۇ. ئازراق قان چىقىپ توختىغاندىن كېيىن سۇفۇپى ئەسفەر سېپىلىدۇ؛ (4) ئىچكى يىڭناسقۇ يىرىڭ تۇتۇپ پىشقاندىن كېيىن، يېرىپ يىرىڭ چىقىرۋېتىلىدۇ. يارغاندا يېرىڭلغان ئېغىز يولى كۆز جىيەكلىرىگە تىك قىلىپ كېسىلىدۇ. باشقا داۋالىرى يۇقىرىقىغا ئوخشاش. (5) يىڭناسقۇ كۆپ چىقىپ ئادەت بولۇپ قالغانلارغا، زۆرۈر تېپىلغاندا بەلگىلىك قان تومۇرلاردىن قان ئالسا بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش
ئاچچىق-چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم. كۆزنى قالايمىقان تۇتماسلىق ۋە يىڭناسقۇنى قالايمىقان سىقماسلىق كېرەك. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=32&id=196
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.