يۇغۇر مىللىتى

يۇغۇر مىللىتى

يۇغۇر مىللىتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ. 1953-يىلى، ئۇلار «سېرىق ئۇيغۇر» نىڭ ئاھاڭىغا يېقىن كېلىدىغان «يۇغۇر» نى مىللەت نامى قىلىشنى قارار قىلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى يۇغۇر مىللىتى
نوپۇسى 14378 (2010-يىلى)
خەنزۇچە نامى 裕固族
چەتئەلچە نامى Yugu Race

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇغۇر مىللىتىرىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمدە غەربىي يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق يۇغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى يۇلغۇن ۋە سۆگەت ئۆسىدىغان جايغا كۆچۈپ بېرىشنى نىيەت قىلىپتۇ. ئۇلار نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق يول يۈرۈپ، خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشىپ، ئاخىر مەنزىلگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سۆگەت ئۆسكەن جايلاردا ماكانلىشىپ، تۈزلەڭلىكتىكى يۇغۇر مىللىتىگە؛ يەنە بىر قىسمى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇلغۇن ئۆسكەن جايلىرىغا ماكانلىشىپ، تاغلىق رايوندىكى يۇغۇر مىللىتىگە ئايلىنىپتۇ. بۇ رىۋايەتتە يۇغۇر مىللىتىنىڭ مەنبەسى ۋە تارىخىي كۆچۈش ئەھۋاللىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

يۇغۇر مىللىتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ. 1953-يىلى، ئۇلار «سېرىق ئۇيغۇر» نىڭ ئاھاڭىغا يېقىن كېلىدىغان «يۇغۇر» نى مىللەت نامى قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ مەنىسى خەنزۇ تىلىدا «باياشاتلىقنى مۇستەھكەملەش» دېگەنلىك بولىدۇ. يۇغۇر مىللىتى ئاساسلىقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە جيۇچۈەن شەھىرىنىڭ خۇاڭنىباۋ يۇغۇر يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

 ئىلگىرى ئۇلار گەنسۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرەتتى، قوشۇمچە ئوۋچىلىقمۇ قىلاتتى.

خۇاڭنىباۋ رايونىدىكى يۇغۇرلار دېھقانچىلىقنى ئاساس، ئائىلىۋى قوشۇمچە ئىگىلىكنى قوشۇمچە قىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىشلىرى خېلى تېز راۋاجلاندى، تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. 

يۇغۇر مىللىتىيۇغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادىتى بار. ئەرلەر كىگىز مالىخاي، ئۆرە ياقىلىق، سول پەشلىك ئۇزۇن تون كىيىپ، قىزغۇچ ياكى يېشىل بەلۋاغ باغلايدۇ، ئېگىز قونچلىق ئۆتۈك كىيىدۇ. قىز-ئاياللىرى رەسىدە بولۇپ يېشىغا يەتكەندە، چېچىنى ئۇششاق ئۆرۈپ، ئۈچ تال قىلىپ بوغۇپ، ئىككى تالنى مەيدىسىگە، بىر تالنى دۈمبىسى تەرەپكە ساڭگىلىتىۋالىدۇ، بېشىغا كاناي شەكىللىك ئاق كىگىز تەلپەك كىيىدىغان بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە ئىككى يول قارا جىيەك تۇتىدۇ، باش كىيىمىنىڭ ئۈستىدە قىزىل يىپتىن قىلىنغان چۇچىسى بولىدۇ، ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەكتەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا چاپان كىيىپ، بەلۋاغ باغلايدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېمەك-ئىچمەكتە سېرىقماي، زەنبا ۋە سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئاساس قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئاشلىق ۋە كۆكتات ئاساسىي يېمەكلىك قىلىنىدۇ. ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇلارغا پۈتۈن قوي ياكى قوينىڭ دۈمبە گۆشىنى سوۋغا قىلىدۇ. يۇغۇرلارنىڭ چاسا شەكىللىك چېدىرى ئالتە تال ياكى 10 تال تۈۋرۈك بىلەن تىرىلىپ، ئۈستى كىگىز بىلەن چۈمكىلىدىغان بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. 

يۇغۇرلارنىڭ تىلى بار، يېزىقى يوق، بىر قىسىم جايلاردا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. يۇغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، يۇغۇرلار توققۇز چوڭ ئىبادەتخانا سالغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىبادەتخانىلىرى بار ئىدى. ھازىر ئۇلار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    66.7%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#