ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى

مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى (ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى بولۇش بىلەن بىرگە ئامىرىكىدىكى زور ئاخبارات - ئۇچۇرلارنى ماسلاشتۇرىدىغان باش ئورگان ) ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ، شىركەت ۋە شەخىسلەر ، سىياسىي ، مەدەنىيەت تىخنىكا قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدا ئاخبارات توپلاش، ئىگىلەنگەن ئاخبارات ئۇچۇرلارنى ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت .

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى
ئىنگىلىزچە نامى Central Intelligence Agency
خادىم سانى 25000 ئادەم
قىسقارتىلغان نامى CIA
خەنزۇچە نامى 美国中央情报局
باش ئورگان ئورنى ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شىتاتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1947-يىلى9-ئاي
ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاخبارات توپلاش، جاسۇسلۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى (ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە جاسۇسلۇققا قارشى ئورگىنى بولۇش بىلەن برگە ئامىرىكىدىكى زور ئاخبارات - ئۇچۇرلارنى ماسلاشتۇرىدىغان باش ئورگان ) ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ، شىركەت ۋە شەخىسلەر ، سىياسىي ، مەدەنىيەت تىخنىكا قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدا ئاخبارات توپلاش ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ ئىگىلەنگەن ئاخبارات ئۇچۇرلارنى ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت .ئامىرىكامەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يەنە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامىرىكىغا تەھدىد شەكىللەندۈرگەن (مەسىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى) ئامىرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان سالغان گىۋاتىمالادىكى ئابېنس ۋە چىلىدىكى ئاللېند قاتارلىق دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن چوڭ كۆلەمدىكى ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. باش شىتابى ۋىرگېنىيە شىتاتىنىڭ لاڭلى شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان . بىر قىسىم كىشىلەر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى دائىم يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، مەخپىي ھالدا دۇشمەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھەركەتلەرنى ئىلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن كۇبا زۇڭتۇڭى فىدىل كاستىرو . ئەمما بۇ توغرىسىدا قايىل قىلارلىق ئازراقمۇ دەلىل ئىسپات يوق. مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئېقتىدارى ئەنگىلىيدىكى ھەربىي ئشلار 6. باشقارمىسى ۋە ئىسرائىلىيدىكى مۇساد قا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 

ئامىرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە پائالىيتى ئاساسەن دىگۈدەك يۈشۈرۈن...بۇ تەرىپى فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ..

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئەڭ دەسلەپ مۇستەقىللىق ئۇرۇش يىللىرىدا جورج ۋاشىنگتون زۇڭتۇڭ كىلىپ چىقىدىغان ئىختىلاپ زىددىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان . دەسلەپتە ئامىرىكا ئاخبارات ئورگىنى ئىستىراتىگىيە مۇلازىمەت ئىدارىسى دەپ ئاتالغان . 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ تەشكىلات ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.ھالبۇكى ، تىرومىن زۇڭتۇڭ ئۇزاققا قالماي ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىن كەلگەن <<تاغدەك>> دۆۋلىشىپ كەتكەن ئاخبارات-دوكلاتلارنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. شۇنداق قىلىپ دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى ، ھەركەت ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. 1947-يىلى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى مەركىزى ئاخبارات گۇرۇپپىسىنىڭ ئورنىنى ئىلىپ ، زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىكى مۇستەقىل بىر ئورگانغا ئايلاندى. باش شىتابى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ لاڭلى شەھىرىگە تەسىس قىلىندى. ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا نۇرغۇنلىغان ئىشخانىسى ۋە 20000 ئارتۇق ياللانما خادىمى بار بولۇپ يىللىق خىراجىتى سەككىز مىليارد دوللار ئەتراپىدا......

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ئۇچۇر-ئاخباراتلانى ئانالىز قىلىشنى شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، مەخپى خادىملار ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش ۋە يۇشۇرۇنچە ھەركەت ئىلىپ بارىدىغان مۇھىم ئورگان. مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئامىرىكا ئاخبارات ئۇچۇر خىزمىتىدىكى بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئورگانغا تۆت بۆلۈم ئورگان تەسس قىلىنغا بولۇپ ، ھەربىر بۆلۈمگە بىردىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبەر مەسئۇل بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا باش تەپتىش ئىشخانىسى،باش نازارەتچى ئىشخانىسى، خادىم تولۇقلاش ئىشخانىسى ، كادىرلار ئىشخانىسى ، سىياسىي ۋە پىلان مۇدىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالتە ئىشخانا تەسىس قىلىنغان . ۋە تۆت تارماق بۆلۈم بولسا، باشقۇرۇش بۆلىمى ، ھەركەت بۆلىمى ، تىخنىكا بۆلىمى ، ئۇچۇر-ئاخبارات بۆلىمى قاتارلىقلاردۇر. باشقۇرۇرش بۆلىمىگە يەنە ئالاقە،ئارقا سەپ ، بىخەتەرلىك ، مالىيە، داۋالىنىش مۇلازىمىتى ،خادىملار،چىنىقىش ۋە تەلىم-تەربىيە ، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلىمى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان . 

ھەركەت بۆلىمگە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش، يۇشۇرۇن ھەركەت قىلىش ، مەركىزى قوغداش بۆلىمى ،باھالاش،پىلانلاش ۋە لايىھەلەش بۆلىمى تەسىس قىلىنغا بولۇپ تەخمىنەن 6000 مىڭدىن ئارتۇق ياللانما خادىم خىزمەت قىلىدۇ. 

ئۇچۇر-ئاخبارات بۆلىمىگە بولسا، باشقۇرۇش ئانالىز قىلىش بۆلىمى ،قورال-ياراغ كونترول قىلىش ئاخبارات بۆلىمى ، ئۇچۇرتوپلاش ئىھتىياجى -باھالاش بۆلىمى ، بەش دانە رايونلۇق ئىشخانا ۋە ئاساسىي فۇنكىسيە ئىشخانىسى ،ئۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىل بىر مەركەز تەسس قىلىنغان .

تىخنىكا بۆلىمى 1962. يىلى قۇرۇلغان بولۇپ دەسلەپتە تەتقىقات ئورنى دەپ ئاتالغان.

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى يەنە كەڭ دائېرلىك يەر شارى خاراكتىرلىك مەخپى ئاڭلاش پونكىتى. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل رادىئو-تىلېۋىزىيە ئەسلىھەسى ، ھاۋا لىنىيەسى ، ئالەم بوشلۇقى سۇنئىي ھەمراسى ، ئالاھىدە قىسىملارنى تەربىيلەش بازىسى ، كۆپ مېقداردىكى جاسۇس ، ئالاھىدە ھەركەت خادىمى ، ئۇچۇر تىخنىكا خادىملىرىغا ئىگە. 

2006 يىلى 5. ئاينىڭ 26 كۈنى ، ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 78 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى ، 15 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرىشى نەتىجىسىدە ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ھاۋا ئارمىيە ئادمىرالى مەيكىل خايدىننى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا نامزات كۆرسەتتى.

مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا ئامىرىكا دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىكى بىسۋاستە رەھبەرلىك قىلىدۇ. زۇڭتۇڭ ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچۇر-ئاخباراتلاردىكى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.ئىدارە مەسئۇلى بولسا ئامىرىكىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە دۆلەتلىك ئۇچۇر-ئاخبارات كومتىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشىلاش،زۇڭتۇڭنىڭ قارار چىقىرىدىغان ئىشلار ئۈچۈن بىرىنجى قول ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالغان . 

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى:

1. يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدىكى تىخنىكا ۋاستىسىنى ئىشقا سىلىپ ،چەت دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار، ئېقتىساد، مەدەنىيەت ، تىخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئاخباراتلىرىنى توپلا پ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىدۇ.

2. زۇڭتۇنىڭ قارارنامە چىقىرىشى ئۈچۈن توپلىغان ئۇچۇر ئاخباراتلارنى تەھلىل قىلىش،مۆلچەرلەش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ، باشقا دۆلەتلەردە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇچۇر - ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بولسا يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مەلۇم كەسپنىڭ مۇتەخەىسسلىرىدى ئىبارەت.مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلما، خادىم،خىراجەت ۋە پائالىيەتلىرى قاتتىق مەخپىي تۇتۇلىدۇ.ھەتتا دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ ئارلىشىش ھوقوقى يوق.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#