جاڭ جىجۇڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ جىجۇڭ (1969-1890)، يەنە بىر ئىسمى ۋىن بەي، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ زىشەن ناھىيەسىدىن. گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرالى، دىپلومات. سىياسىئون. ئۇ 1945-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋەقەسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قامالغان كوممونىستلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. 1946-يىلى شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ئۆلكە رەئىسى بولدى.
1946-يىلى شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا ئۆلكە رەئىسى بولدى. ئازادلىقتىن كېين جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۇەنجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
1945-يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ۋەقەسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قامالغان كوممونىستلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى.
1949-يىلى 9-ئايدا، بېيجىڭدىن گېنېرال تاۋسىيۆ ۋە رەئىس بۇرھان شەھىدى لەرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.