گۈرۈچ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. گۈرۈچ (دورا )
  2. گۈرۈچ (زىرائەت)
دورا
گۈرۈچ

گۈرۈچ، كۆممىقوناق ۋە بۇغداي دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دانلىق زىرائەت دەپ قارىلىدۇ. گۈرۈچ _ ئاسىيا بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىن ئاساسلىق ئاشلىقتۇر. گۈرۈچ _ يۇمىلاق گۈرۈچ، سوقىچاق گۈرۈچ، نومى گۈرۈچ (يېپىشقاق گۈرۈچ) دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

دورا نامى گۈرۈچ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大米

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈرۈچ، كۆممىقوناق ۋە بۇغداي دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دانلىق زىرائەت دەپ قارىلىدۇ. گۈرۈچ _ ئاسىيا بولۇپمۇ جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىن ئاساسلىق ئاشلىقتۇر. گۈرۈچ _ يۇمىلاق گۈرۈچ، سوقىچاق گۈرۈچ، نومى گۈرۈچ (يېپىشقاق گۈرۈچ) دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ.

گۈرۈچ تەركىبىدە 7.8 گرام ئاقسىل، 1.2 گرام ياغ، 77 گرام قەنت، سەككىز مىللىگرام كالتسىي، 172 مىللىگرام فوسفور، 0.15 گرام ۋىتامىن B1،  0.05 مىللىگرام ۋىتامىنB2، 14 مىللىگرام PP بار.

ھەر 100 گرام گۈرۈچتىن 350 كىلوكالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.

1. ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچ: سۈزۈك، ئاق رەڭدە بولۇپ، پارقىراقلىققا ئىگە. چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى، تولغان، پۈتۈن بولۇپ، ئۇششاق دانچىلار ۋە ئارىلاشما ماددىلار بولمايدۇ. نورمال گۈرۈچ تەمىگە ئىگە، غەيرىي پۇراق يوق.

2. ئادەتتىكى گۈرۈچ: ئاق رەڭ ياكى ناھايىتى سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ناچار ياكى سۈزۈك ئەمەس. دانچىلار نىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى ئەمەس، تولۇش دەرىجىسى ناچار، ئۇششاق دانچىلار نىسبەتەن كۆپ. تەمسىز ياكى تەمى ياخشى ئەمەس.

3. سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۈرۈچ: بۇ خىل گۈرۈچنىڭ پارقىراقلىقى بولمايدۇ. ئادەتتە يېشىل، سېرىق، كۈل رەڭ ياكى قارا رەڭدە بولۇپ، كاللەكلىشىپ قالغان، كۆكىرىپ قالغان بولىدۇ. كىسلاتا پۇرىقى، ئاچچىق پۇراق ياكى غەيرىي پۇراقلار بولىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق.

ئوزۇق بولىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاشقازان، تالنى ئىللىتىپ مۆتىدىللەشتۈرىدۇ، مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

1. گۈرۈچنى ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچىشكىمۇ، ھوردا دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن قورۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

2. گۈرۈچ يۇغان سۇدا يۈزنى يۇيۇپ بەرسە، تېرىنى ئاقارتىدۇ، داغ چۈشۈرىدۇ.

3. گۈرۈچتىن 50 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيىگە غولپىيازدىن يەتتە تال، شېكەردىن 50 گرام سېلىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. گۈرۈچ ئۇنى، زاراڭزا چېچىكى، مېكيان پاچىقى كۈلى، قومۇش پۆپۈكى ۋە ئايال كىشىنىڭ چېچىنىڭ كۈلىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ كۆيۈككە چاپسا، كۆيۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

1. گۈرۈچ تامىقى ئېتىشتە گۈرۈچنى يۇيۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. گۈرۈچنى يۇيۇش قېتىم سانى قانچىكى كۆپ، سۇغا چىلاپ قويۇش ۋاقتى قانچىكى ئۇزاق بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خورىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا گۈرۈچنى يۇيۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.

2. گۈرۈچ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. گۈرۈچتە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار يېيىش مىقدارىنى كونترول قىلىشى كېرەك. گۈرۈچ ئاشقازان يارىسى، ئۈچەي توسۇلۇش ۋە پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارغا زىيانلىق بولۇپ، ياغدا قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا، بۇ خىل زىيانلىق تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

گۈرۈچنى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا ساقلاش كېرەك، نەم جايلاردا ساقلاشقا بولمايدۇ.

گۈرۈچتە قۇرت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كاۋاۋىچىن ياكى بەدىياننى كىچىك خالتىغا قاچىلاپ، گۈرۈچ خالتىسىغا سېلىپ قويسا، ئىچىدىكى قۇرتلار سىرتقا قاچىدۇ. سىرتىدىكى قۇرتلارنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#