ئۇيغۇرچە نامى قايلور يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 526 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海楼乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون شايار ناھىيەسى
نوپۇسى 22528

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قايلور يېزىسىقايلور يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان. قايلور يېزىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك يېزىسى، شايار ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شايار ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېزا رايونى ئىچىدىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتر، شايار ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا، ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، دەريا شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تەدرىجىي كېڭىيىدۇ. غەرب ۋە غەربىي شىمالى يېڭىمەھەللە بازىرى بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي شىمالى نۇرباغ يېزىسى، شايار بازىرى، قىزىلبايراق بازىرى، تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى، تويبولدى بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 526 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 22528 ئادەم. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 97 مىڭ مو، شەھەرگە قاراشلىق 25 مەمۇرىي كەنت، 80 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 15 پونكىتى (ئورۇن)،  20 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بار.

قايلور يېزىسىقاراشلىق 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : قايلور كەنتى، دۈشەنبە بازار كەنتى، بىدىلىك ئوي كەنتى، توقاي كەنتى، نورۇزقۇم كەنتى، كۆكبويۇن كەنتى، ياقابۇلاق كەنتى، تاللىق باغ كەنتى، ئاقبەل كەنتى، دۆڭلىمە كەنتى، ئىتتىپاق كەنتى، قاشباغ كەنتى، ئاغدۆڭ كەنتى، ئىگەرچى كەنتى، چوغتېرەك كەنتى، قاتار جىگدە كەنتى، داۋاقۇم كەنتى، ئويماتقوتان كەنتى، گۈزەلبوستان كەنتى، توما كەنتى، قىزىلتام كەنتى، قۇمباغ كەنتى، قۇلماقگۈل كەنتى. 

قايلور يېزىسىقايلور يېزىسى كۆلەملەشكەن لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق ئۆزگىچە بايلىققا  ئىگە. قايلور پولۇسى، ئۆزىگە خاس گۆش مەھسۇلاتلىرى ۋە ھۈنەر-سەنئىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، توقسۇ-شايار تاشيولى ئەتراپىغا جايلاشقان تەبىئىي توغراق، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، مەززىلىك بېلىق كاۋىپى ۋە مېۋىلىك باغ قاتارلىقلار نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#