سودا بانكىسى قانۇنى

سودا بانكىسى قانۇنى

1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى «غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى .

ئۇيغۇرچە نامى سودا بانكىسى قانۇنى
خەنزۇچە نامى 商业银行法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سودا بانكىسى قانۇنى(1995-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6-يىغىنىنىڭ «» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى «غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن سودا بانكىسى، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار ۋە باشقا مۇئامىلىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەئىتىنى قوغداش، سودا بانكىسىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كرېدىت مۈلكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سودا بانكىسىنىڭ ساغلام يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ساقلاش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سودا بانكىسى مۇشۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» بويىچە قۇرۇلغان، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىش، قەرز پۇل بېرىش، راسچوت قىلىشقا ئوخشاش كەسىپلەرنى يولغا قويغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا سودا بانكىسى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنىڭ بىر قىسمى ھەممىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ: 

(1) جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىش؛

(2) قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىش؛

(3) ئىچكى-تاشقى راسچوت قىلىش؛

(4) ۋېكسېل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە دېسكونت قىلىش؛ 

(5) پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىش؛ 

(6) ھۆكۈمەت زايومىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش، ۋاكالىتەن تېگىشىپ بېرىش ۋە سېتىش؛

(7) ھۆكۈمەت زايومى ۋە پۇل مۇئامىلە زايومىنى ئېلىش-سېتىش؛ 

(8) كەسىپداشلار ئارا مەبلەغ ئۆتنە قىلىش؛ 

(9) تاشقى پېرېۋوتنى ئېلىش-سېتىش، ۋاكالىتەن ئېلىش-سېتىش؛ 

(10) بانكا كارتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(11) كرېدىت گۇۋاھنامىسى مۇلازىمىتى قىلىش ۋە كېپىل بولۇش؛ 

(12) پۇلنى ۋاكالىتەن كىرىم-چىقىم قىلىش ۋە سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش؛

(13) ساقلاش ساندۇقى بېرىش؛ 

(14) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەستىقلىغان باشقا كەسىپلەرنى يولغا قويۇش. 

تىجارەت دائىرىسى سودا بانكىسىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ. 

سودا بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، پېرېۋوت راسچوت قىلىش، پېرېۋوت سېتىش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ. 

4-ماددا سودا بانكىسى بىخەتەر، ئوبوروتلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشنى تىجارەت پرىنسىپى قىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ، خەۋپ-خەتەرنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئۆزىنى-ئۆزى چەكلەپ تۇرىدۇ. 

سودا بانكىسى كەسىپنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. 

قانۇنىي ئىگە بولغان سودا بانكىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى بىلەن مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ. 

5-ماددا سودا بانكىسى مۇئامىلىدارلار بىلەن بولغان كەسپىي مۇئامىلىدە باراۋەر، ئىختىيارىي، ئادىل ۋە سەمىمىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 

6-ماددا سودا بانكىسى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراتماسلىقى لازىم. 

7-ماددا سودا بانكىسى كرېدىت كەسپىدە، قەرز ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، كېپىللىك ئېلىشى، قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

سودا بانكىسىنىڭ قەرز ئالغۇچىدىن قەرەلى توشقان قەرز پۇلنىڭ قانۇن بويىچە دىرىنى قايتۇرۇۋېلىشى ۋە ئۆسۈمىنى ئېلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. 

8-ماددا سودا بانكىسى كەسپىنى يولغا قويۇشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. 

9-ماددا سودا بانكىسى كەسپىنى يولغا قويۇشتا، ئادىل رىقابەتلىشىش پرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى، ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك. 

10-ماددا سودا بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن، ئالاقىدار كەسىپلىرىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماق ياكى ئاپپاراتلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

2-باب سودا بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى 

11-ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا ئوخشاش سودا بانكىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئۆز نامىدا «بانكا» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

12-ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك: 

(1) مۇشۇ قانۇندىكى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن بولۇش؛ 

(3) ۋەزىپىسىگە لايىق كەسپىي بىلىمگە ۋە كەسپىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مۇدىر، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى بولۇش؛ 

(4) مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش؛ 

(5) تەلەپكە ئۇيغۇن تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەسلىھەلىرى بولۇش.

سودا بانكىسى قۇرۇشتا، يەنە باشقا ئېھتىيات شەرتلەرنىمۇ ھازىرلاش كېرەك. 

13-ماددا مەملىكەتلىك سودا بانكىسى قۇرىدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بىر مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. شەھەر سودا بانكىسى قۇرۇدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ، يېزا سودا بانكىسى قۇرىدىغانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 50 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال نەق تاپشۇرۇلغان كاپىتال بولۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ئېھتىيات بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تەلىپى بويىچە تەڭشىسە بولىدۇ، لېكىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن چەكتىن تۆۋەنلىتىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

14-ماددا سودا بانكىسى قۇرۇشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم: 

(1) ئىلتىماس. ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان سودا بانكىسىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى، رويخەتتىكى كاپىتالى، كەسىپ دائىرىسى قاتارلىقلار يېزىلىشى لازىم؛ 

(2) مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى؛

(3) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تاپشۇرۇشنى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 

15-ماددا سودا بانكىسى قۇرۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشتە، مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچى رەسمىي ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇشى ھەم تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك: 

(1) نىزامنامە لايىھىسى؛ 

(2) تەيىنلىنىدىغان مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ 

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەبلەغ تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ مەبلەغ تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى؛

(4) پايچىلار ئىسىملىكى ۋە ئۇلار قوشقان مەبلەغ سوممىسى، پاي؛

(5) ئىلكىدىكى پېيى رويخەتتىكى كاپىتالنىڭ %5 دىن ئاشىدىغان پايچىلارنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى ئىسپاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى؛ 

(6) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛

(7) تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەسلىھەلەرگە دائىر ماتېرىياللار؛

(8) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار. 

16-ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىغا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ، سودا بانكىسى شۇ ئىجازەتنامىگە ئاساسەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ. 

17-ماددا سودا بانكىسىنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تەشكىلىي ئاپپاراتىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

18-ماددا دۆلەتنىڭ شېرىكسىز سودا بانكىسىدا نازارەتچىلىك ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. نازارەتچىلىك ھەيئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

نازارەتچىلىك ھەيئىتى دۆلەتنىڭ شېرىكسىز سودا بانكىسىنىڭ كرېدىت مۈلكىنىڭ سۈپىتى، ئاكتىپ-پاسسىپ نىسبىتى، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش-ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋالى، شۇنىڭدەك يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى نىزامنامىگە خىلاپ قىلمىشلىرى ۋە بانكىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. 

19-ماددا سودا بانكىسى كەسىپ ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچى-سىرتىدا شۆبە-تارماق ئاپپارات قۇرسا بولىدۇ. شۆبە-تارماق ئاپپارات قۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش شەرت. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار مەمۇرىي رايون بويىچە قۇرۇلمايدۇ.

سودا بانكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە شۆبە-تارماق ئاپپارات قۇرغاندا، ئۇنىڭغا بەلگىلىمە بويىچە تىجارەت كۆلىمىگە لايىق تىجارەت مەبلىغى ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك. شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارغا ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان تىجارەت ئومۇمىي مەبلىغى باش بانكا ئومۇمىي كاپىتالىنىڭ %60 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

20-ماددا سودا بانكىسىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشتا، ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ھۆججەت، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى لازىم: 

(1) ئىلتىماس. ئۇنىڭغا قۇرۇلىدىغان شۆبە-تارماق ئاپپاراتنىڭ نامى، تىجارەت مەبلىغى، كەسىپ دائىرىسى، باش بانكا ۋە شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار تۇرۇشلۇق جاي قاتارلىقلار يېزىلىشى كېرەك؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى؛ 

(3) تەيىنلىنىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ 

(4) تىجارەت فاڭجېنى ۋە پىلانى؛ 

(5) تىجارەت سورۇنى، بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە كەسپكە ئالاقىدار باشقا ئەسلىھەلەرگە دائىر ماتېرىياللار؛ 

(6) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ھۆججەت، ماتېرىياللار.

21-ماددا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ، شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار شۇ ئىجازەتنامىگە ئاساسەن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالىدۇ.

22-ماددا سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىدا بانكا بويىچە بىر تۇتاش ھېسابات قىلىدىغان، بىر تۇتاش مەبلەغ يۆتكەيدىغان، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇلىدىغان مالىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 

سودا بانكىسىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمايدۇ، كەسپىنى باش بانكا بەرگە ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ، ئۇنىڭ ھەق-تەلەپ جاۋابكارلىقىنى باش بانكا ئۈستىگە ئالىدۇ. 

23-ماددا بانكا تەستىق بىلەن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنى ۋە ئۇنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئېلان قىلىدۇ. 

سودا بانكىسى ۋە ئۇنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئالتە ئايدىن ئاشقىچە ئىش باشلىمىسا ياكى ئىشنى باشلاپ قويۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۇدا ئالتە ئايدىن ئارتۇق توختىتىپ قويسا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ، باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئۇنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەم ئېلان چىقىرىدۇ. 

24-ماددا سودا بانكىسىدا تۆۋەندىكى ئۆزگىرىشلەردىن بىرى بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك: 

(1) نامىنى ئۆزگەرتسە؛ 

(2) رويخەتتىكى كاپىتالنى ئۆزگەرتسە؛ 

(3) باش بانكا شۆبە-تارماق بانكىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزگەرتسە؛ 

(4) كەسىپ دائىرىسىى تەڭشىسە؛ 

(5) ئومۇمىي كاپىتال ياكى ئومۇمىي پاينىڭ %5 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پايچىلار ئۆزگەرگەن بولسا؛ 

(6) نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولسا؛ 

(7) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى بەلگىلىگەن باشقا ئۆزگىرىشلەر بولسا.

مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى ئالماشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكشۈرتۈش كېرەك. 

25-ماددا سودا بانكىسى ئايرىۋېتىش ۋە قوشۇۋېتىشتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

سودا بانكىسىنى ئايرىۋېتىش ۋە قوشۇۋېتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش لازىم. 

26-ماددا سودا بانكىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلىتىشى لازىم. تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

27-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلار سودا بانكىسىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ: 

(1) خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش، ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ياكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى بۇزۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، جىنايى جازاغا تارتىلغان ياكى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار؛ 

(2) ياخشى باشقۇرۇلماي ۋەيران بولۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلانغان شىركەت، كارخانىنىڭ مۇدىرى ياكى زاۋۇت باشلىقى، دىرېكتورى بولغانلار ھەم شۇ شىركەت، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىدا شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلار؛

(3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان شىركەت، كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى بولغانلار ھەم شەخسىي جاۋابكارلىقى بولغانلار؛ 

(4) شەخسىي قەرزى كۆپرەك بولۇپ، قەرەلى توشسىمۇ تولۇق قايتۇرمىغانلار. 

28-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس سودا بانكىسىدىن سېتىۋالىدىغان پاي ئومۇمىي پاي سوممىسىنىڭ %5 ىدىن ئېشپ كەتسە، ئاۋۋال گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك. 

3-باب پۇل ئامانەت قويغۇچىنى قوغداش

29-ماددا سودا بانكىسى شەخسىي پۇل ئامانەت كەسپىدە، ئامانەت پۇلنى ئىختىيارىي قويۇش، ئەركىن ئېلىش، ئۆسۈم بېرىش، ئامانەت قويغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلشى كېرەك.

سودا بانكىسى شەخسلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، توڭلىتىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكلىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

30-ماددا سودا بانكىسى ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۈرۈشتۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىپ قويۇش، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

31-ماددا سودا بانكىسى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى-چېكى بويىچە بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. 

32-ماددا سودا بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تاپشۇرىدۇ، چىقىم ئېھتىيات فوندىنى تولۇق قالدۇرىدۇ.

33-ماددا سودا بانكىسى ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشنى كەينىگە سۆرەشكە، رەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

4-باب قەرز پۇل كەسپى ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي قائىدىسى 

34-ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل كەسپىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت كەسىپ سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يولغا قويىدۇ.

35-ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل بېرىشتە، پۇل قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى ئىشلىتىش ئورنى، قايتۇرۇش ئىقتىدارى، قايتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى لازىم. 

سودا بانكىسى پۇل قەرز بېرىشتە، تەكشۈرۈش بىلەن قەرز بېرىشنى ئايرىش، دەرىجە بويىچە تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى لازىم.

36-ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل بېرىشتە، قەرز ئالغۇچى كېپىل تېپىشى لازىم. سودا بانكىسى كاپالەتچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى، رەنە بۇيۇمى، گۆرۈ بۇيۇمىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە قىممىتى شۇنىڭدەك رەنە ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقىنىڭ ئىشقا ئېشىش مۇمكىنلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى لازىم. 

سودا بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە باھا بېرىشى ئارقىلىق قەرز ئالغۇچىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ھەقىقەتەن قەرز قايتۇرالايدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلسە، كېپىل تاپمىسىمۇ بولىدۇ. 

37-ماددا سودا بانكىسى پۇل قەرز بىرىشتە، قەرز ئالغۇچى بىلەن يازما توختام تۈزۈشى لازىم. توختامىدا قەرز پۇلنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش ئورنى، سوممىسى، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش قەرەلى، قايتۇرۇش ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپ زۆرۈر تاپقان باشقا ئىشلارنى پۈتۈشۈشى كېرەك.

38-ماددا سودا بانكىسى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكىگە قاراپ بېكىتىدۇ. 

39-ماددا سودا بانكىسى قەرز بېرىشتە تۆۋەندىكى ئاكتىپ-پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم: 

(1) كاپىتالنىڭ تولۇقلىنىش نىسبىتى %8 تىن تۆۋەن بولماسلىق؛ 

(2) قەرز پۇل قالدۇقى بىلەن ئامانەت پۇل قالدۇقىنىڭ نىسبىتى %75 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛

(3) تۇراقسىز ئاكتىپ قالدۇقى بىلەن تۇراقسىز پاسسىپ قالدۇقىنىڭ نىسبىتى %25 تىن تۆۋەن بولماسلىق؛

(4) بىر قەرز ئالغۇچىغا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇقى بىلەن سودا بانكىسىنىڭ كاپىتال قالدۇقى نىسبىتى %10 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ 

(5) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئاكتىپ-پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلىرى. 

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ ئاكتىپ-پاسسىپ نىسبىتى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

40-ماددا سودا بانكىسى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز بەرسە بولمايدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە كېپىللىك قەرز بېرىشنىڭ شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىلارنىڭ شۇ خىلدىكى قەرز ئېلىش شەرتىدىن كەڭ قىلىۋەتسە بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: 

(1) سودا بانكىسىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىلىرى، باشقۇرغۇچلىرى، كرېدىت كەسپىي خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛

(2) ئالدىنقى تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر مەبلەغ سالغان ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار. 

41-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سودا بانكىسىنى قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپىشقا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. سودا بانكىسى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپشىقا زورلاش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

42-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قەرەلىدە قايتۇرۇشى كېرەك.

قەرز ئالغۇچى كېپىللىك قەرزىنى قەرەلى توشقاندا قايتۇرمىسا، سودا بانكىسى قانۇن بويىچە كاپالەتچىدىن قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى كېپىللىك بۇيۇمى بىلەن ئالدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. سودا بانكىسى رەنە ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى پاي ھوقۇقىنى شۇنىڭغا ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

قەرز ئالغۇچىلاردىن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنى قەرەلى توشقاندا قايتۇرمىغانلىرى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

43-ماددا سودا بانكىسىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ھاۋالە مەبلەغ سېلىشىغا ۋە ئاكسىيە تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئۆزى ئىشلەتمەيدىغان كۆچمەس مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشىغا ياكى بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن باشقا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ۋە كارخانىغا مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

44-ماددا سودا بانكىسى ۋېكسىل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش، پېرېۋوت قىلىش، ھاۋالە بويىچە كىرىم قىلىشقا ئوخشاش راسچوت كەسپىنى يولغا قويغاندا، بەلگىلەنگەن قەرەل بويىچە نەقلەشتۈرۈشى، كىرىم-چىقىمنى ھېسابقا كىرگۈزۈشى، تالون، چەكلەرنى بېسىپ قويماسلىقى ياكى چەكلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. نەقلەشتۈرۈش، كىرىم-چىقىمنى ھېسابقا كىرگۈزۈش قەرەلىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 

45-ماددا سودا بانكىسى پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىشتا ياكى چېگرا سىرتىدىن قەرز ئېلىشتا، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارىدكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلىتىشى لازىم. 

46-ماددا كەسىپداشلار ئارا ئۆتنە ئېلىشتا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رېئايە قىلىش كېرەك. ئۆتنە ئالغان مەبلەغدىن پايدىلىنىپ تۇراقلىق مۈلۈك ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش ياكى مەبلەغ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

ئۆتنە بېرىلىدىغان مەبلەغ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى تولۇق تاپشۇرۇلغان، چىقىم ئېھتىيات فوندى تولۇق قالدۇرۇلغان ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ قەرەلى توشقان قەرز پۇل قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مەبلەغ بىلەنلا چەكلىىدۇ. ئۆتنە ئېلىنغان مەبلەغ ۋېكسىل راسچوتىنىڭ كېمىنى تولدۇرۇش، بانكىلار ئارا پېرېۋوت پەرقىنى تولۇقلاش ۋە ۋاقىتلىق ئوبوروت مەبلىغى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. 

47-ماددا سودا بانكىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈۋېلىشىغا ياكى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئامانەت پۇل قوبۇل قىلىشىغا، قەرز تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

48-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ئورنىدىن بىرىنى ئۆز ئالدىغان تاللاپ، كۈندىلىك مېمورىئال راسچوت ۋە نەق پۇل كىرىم-چىقىم ئىشلىرى بېجىرىلىدىغان بىر ئاساسىي ھېساب ئاچسا بولىدۇ، ئىككىدىن ئارتۇق ئاساسىي ھېساب ئاچسا بولمايدۇ. 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئورۇنلارنىڭ مەبلىغىنى شەخسىي نامىدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

49-ماددا سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ۋاقتى مۇئامىلىدارلارغا قۇلايلىق بولۇشى ھەمدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك. سودا بانكىسى ئېلان قىلغان تىجارەت ۋاقتىدا تىجارەت قىلىدۇ. تىجارەتنى ئۆز مەيلىچە توختىتىشقا ياكى تىجارەت ۋاقتىنى ئۆز مەيلىچە قىسقارتىشقا بولمايدۇ.

50-ماددا سودا بانكىسى ئىش بېجىرگەندە، مۇلازىمەت قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىش تەقسىماتى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ. 

51-ماددا سودا بانكىسى مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، كەسىپ توختامى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ساقلىشى لازىم.

52-ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ۋە كەسىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك: 

(1) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پارا سوراش، پارا ئېلىش ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل ناملار بىلەن ئۈستەك ۋە رەسمىيەت ھەققى ئېلىش؛ 

(2) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز بانكىسىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ بەلىغىگە خىيانەت قىلىش، مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛ 

(3) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇغقانلىرى، دوستلىرىغا شەخسىي غەرەز بىلەن قەرز پۇل بېرىش ياكى كېپىل بولۇش؛

(4) باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش؛ 

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزامغا ۋە كەسىپ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىش. 

53-ماددا سودا بانكىسى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5-باب مالىيە-بوغالتىرلىق

54-ماددا سودا بانكىسى قانۇن بويىچە ۋە دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرگەن بوغالتىرلىق تۈزۈمى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ مالىيە-بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 

55-ماددا سودا بانكىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ كەسپىي پائالىيىتى ۋە مالىيە ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەمدە ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈشى، يىللىق مالىيە بوغالتىرلىق دوكلاتى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا، جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقىغا ۋاقتىدا يوللىشى لازىم. سودا بانكىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگن بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرىدىن باشقا ئايرىم ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان سودا بانكىسىنىڭ تەشكىلىي شەكلى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە دېگەندەك ئۇيغۇن كەلمىسە، ئەسلىدىكى بەلگىلىمە داۋاملىق تەتبىقلانسا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاش ۋاقتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

56-ماددا سودا بانكىسى ھەر بىر بوغالتىرىيە يىلى ئاخىرلىشىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدىنقى بىر يىللىق تىجارەت نەتىجىسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى لازىم. 

57-ماددا سودا بانكىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابتا تۇرۇپ قالغان قەرز تەييارلىق فوندى ئاجرىتىپ، تۇرۇپ قالغان ھېسابنى كۆتۈرۈۋېتىشى لازىم. 

58-ماددا سودا بانكىسىنىڭ بوغالىتىرىيە يىلى مىلادى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. 

6-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

59-ماددا سودا بانكىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۆزىنىڭ كەسىپ قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىشى، خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش ۋە ئىچكى جەھەتتە كونترول قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 

60-ماددا سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇلى، قەرز پۇلى، راسچوتى، تۇرۇپ قالغان ھېساباتلىرىنى تەتپتىش قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 

سودا بانكىسى ئۆزىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىنى دائىم تەپتىش قىلىشى، تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىشى لازىم.

61-ماددا سودا بانكىسى ئاكتىپ-پاسسىپ جەدۋىلى، پايدا جەدۋىلى شۇنىڭدەك باشقا مالىيە-بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ماتېرىياللىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىغا بەلگىلىمە بويىچە يوللىشى لازىم. 

62-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 3-، 4-، 5-بابلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇلى، قەرز پۇلى، راسچوتى ۋە تۇرۇپ قالغان ھېساباتلىرىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشتا، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلغۇچىلار قانۇنلۇق گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. سودا بانكىسى مالىيە-بوغلتىرلىق ماتېرىيالى، كەسىپ توختامى ۋە تىجارەت باشقۇرۇشقا دائىر ئۇچۇرلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەلىپى بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. 

جۇڭگو خەلق بانكىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى» نىڭ 23-، 34-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سودا بانكىسىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

63-ماددا سودا بانكىسى ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەپتىشلىكى ۋە نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى لازىم. 

7-باب ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش 

64-ماددا سودا بانكىسىدا كرېدىت كرىزىسى كۆرۈلۈپ ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى تۇغۇلۇپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكەندە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى شۇ بانكىنى ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ. ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سودا بانكىسىغا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، سودا بانكىسىنىڭ نورمال تىجارەت ئقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۆتكۈزۈۋېلىنغان سودا بانكىسىنىڭ ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزۈۋېلىنىش تۈپەيلىدىن ئۆزگەرمەيدۇ. 

65-ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ ھەمدە تەشكىللەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك:

(1) ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان سودا بانكىسىنىڭ نامى؛ 

(2) ئۆتكۈزۈۋېلىش سەۋەبى؛ 

(3) ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات؛ 

(5) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى. 

66-ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارى يولغا قويۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلىنىدۇ. 

ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تەشكىلات سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلانغان كۈندىن ئېتىبارەن يۈرگۈزىدۇ.

67-ماددا ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۆھلەتنى ئۇزارتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتىنى ئۇزاق بولغاندىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. 

68-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆتكۈزۈۋېلىش ئاخىرلىشىدۇ:

(1) ئۆتكۈزۈۋېلىش قارارىدا بەلگىلەنگن مۆھلەت توشقان بولسا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قارار قىلىپ ئۇزارتقان ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقان بولسا؛ 

(2) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقىچە شۇ سودا بانكىسىنىڭ نورمال تىجارەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن بولسا؛ 

(3) ئۆتكۈزۈۋېلىش مۆھلىتى توشقىچە شۇ سودا بانكىسىنىڭ قۇشۇۋېلىنغان ياكى ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بويىچە جاكارلانغان بولسا.

69-ماددا سودا بانكىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىشكە ياكى شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن تارقىتىۋېتىشكە توغرا كەلگەنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە تارقىتىۋېتىش سەۋەبى ۋە بېرىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قاتارلىق قەرز ئۈزۈش پىلانىنى قوشۇپ يوللىشى لازىم. سودا بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تەستىقلىغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلىدۇ. 

سودا بانكىلىرىدىن تارقىتىۋېتىلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېسابات ئېنىقلاپ، قايتۇرۇش پىلانى بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرۇشى لازىم. گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ھېسابات ئېنىقلاش جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ. 

70-ماددا سودا بانكىلىرىدى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىرىنىڭ ھېساباتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ئېنىقلىشى، ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى قاتارلىق قەرزنى قايتۇرۇش پىلانى بويىچە ۋاقتىدا قايتۇرغۇزۇشى لازىم. 

71-ماددا سودا بانكىسى قەرەلى توشقان قەرزنى قايتۇرالمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى قانۇن بويىچە جاكارلايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى سودا بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەشكىللەپ ھېسابات ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ھېساب ئېنىقلايدۇ. 

ۋەيران بولغان سودا بانكىسىنىڭ ھېساباتنى ئېنىقلىغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش خىراجىتى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نېىس مائاشى، ئەمگەك سۇغۇرتىسى خىراجىتىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئامانەت پۇلىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ئاۋۋال بېرىۋېتىش لازىم.

72-ماددا سودا بانكىسى تارقىتىۋېتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغاندا تاقىۋېتىلىدۇ. 

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

73-ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ياكى باشقا مۇئامىلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى ئۆسۈم بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش جاۋابكارلىقى ۋە باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلشى كېرەك: 

(1) ئامانەت پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى بېرىشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرگەنلەر، بەرمىگەنلەر؛ 

(2) ۋېكسىل چىقىمىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق راسچوت كەسپىگە دائىر ۋېكسىلىنى نەقلەشتۈرۈپ بەرمىگەنلەر، كىرىم-چىقىمنى ھېساىقا كىرگۈزمىگەنلەر، تالون-چەكلەرنى بېسىپ قويغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چەكنى قايتۇرۋەتكەنلەر؛

(3) شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز سۈرۈشتۈرگەن، توڭلىتىپ قويغان، تۇتۇپ قېلىپ ئاغدۇرۇپ بەرمىگەنلەر؛ 

(4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا ياكى باشقا مۇئامىلىدارلارغا زىيان سالىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

74-ماددا سودا بانكىسىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليۇن يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارنى ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلارنى قۇرسا؛ 

(2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئاپپاراتلارنى ئايرىۋەتسە، قوشۇۋەتسە ياكى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلارنى تەستىقلىتىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا؛ 

(3) ئۆسۈم نىسبىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆستۈرۈۋالسا ياكى تۆۋەنلەتسە، شۇنىڭدەك باشقا ناتوغرا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئامانەت پۇل قوبۇل قىلسا، قەرز پۇل بەرسە؛ (4) تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرسە، ئارىيەت بەرسە؛ 

(5) تەستىقلاتماي تۇرۇپ تاشقى پېرېۋوتنى ئالسا، ساتسا ياكى ۋاكالىتەن ئالسا، ساتسا؛ 

(6) تەستىقلاتماي تۇرۇپ ھۆكۈمەت زايومىنى ئالسا، ساتسا ياكى پۇل مۇئامىلە زايومى تارقاتسا، ئالسا، ساتسا؛ 

(7) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاۋالە مەبلەغ كەسپى ۋە ئاكسىيە تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاسا، ئۆزى ئىشلەيتمەيدىغان كۆچمەس مۈلۈككە ياكى بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ۋە كارخانىلارغا مەبلەغ سالسا؛

(8) مۇناسىۋەتلىك كىشىلىرىگە ئىناۋەتلىك قەرز بەرسە ياكى كېپىللىك قەرز بېرىش شەرتىنى باشقا قەرز ئالغۇچىنىڭ شۇ خىلدىكى قەرز ئېلىش شەرتىدىن كەڭ قويۇۋەتسە. 

75-ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 002 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:(1) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(2) ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلى بەرگەنلەر؛ 

(3) كاپىتال تولۇقلاش نىسبىتى، ئامانەت قەرز نىسبىتى، مۈلۈكنىڭ ئوبوروت نىسبىتى، ئوخشاش بەلگىلىمىگە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئاكتىپ-پاسسىپ نىسبىتى بويىچە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلار. 

76-ماددا سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىلىيون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرى ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىش ھەققىدە گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ پېرېۋوت راسچوت قىلغان، ساتقانلار؛ 

(2) تەستىقلاتماي تۇرۇپ پۇل مۇئامىلە زايومىنى بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا تارقاتقان، ئالغان، ساتقان ياكى چېگرا سىرتىدىن پۇل قەرز ئالغانلار؛

(3) كەسىپداشلار ئارا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتنە-يېرىم قىلىشقانلار. 

77-سودا بانكىلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغان ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە جۇڭگو خەلق بانكىسى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشىنى رەت قىلسا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلسا؛ 

(2) ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى بەرسە؛ 

(3) ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن نىسبەت بويىچە تاپشۇرۇشتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن نىسبەتنى قايرىپ قويسا. 

78-ماددا سودا بانكىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 73-ماددىسىدىن 77-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلەرنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

79-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنىغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ئۆز نامىدا «بانكا» دېگەن سۆزنى تەستىقسىز ئىشلەتكەنلەر؛ 

(2) سودا بانكىسى پاي ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %5 ىدىن كۆپرەكىنى تەستىقسىز سېتىۋالغانلار؛ 

(3) ئورۇننىڭ مەبلىغىنى شەخسىي نامدا ھېساب ئېچىپ ئامانەت قويغانلار. 

80-ماددا سودا بانكىلىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىىرنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

سودا بانكىلىرىدىن جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئالاقىدار ھۆججەت، ماتېرىياللارنى يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

81-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ تەستىقسىز ئۆز ئالدىغا سودا بانكىسى قۇرغان ياكى جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يول ياكى باشقا يوللار بىلەن قوبۇل قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە شۇنداق بانكىلارنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

سودا بانكىسىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

82-ماددا قەرز ئالغۇچىلار قەرزنى ئالدامچلىق ۋاستىسى بىلەن ئېلىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

83-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 81-، 82-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

84-ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەر خىل ناملار بىلەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن قەرز پۇل بېرىپ ياكى كېپىل تېپىپ زىيان پەيدا قىلغانلىرىنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

85-ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، شۇ بانكىنىڭ ياكى مۇئامىلىدارلارنىڭ مەبلىغىنى خىيانەت قىلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ، ئىگىلىۋېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋبكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ. 

86-ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

بەلگىلىمىگە خىلاپ تۇغقانلىرىغا، دوستلىرىغا شەخسىي غەرەز بىلەن قەرز بېرىپ ياكى كېپىل بولۇپ زىيان پەيدا قىلغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

87-ماددا سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا ئىتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

88-ماددا ئورۇنلار ياكى شەخسلەر سودا بانكىسىنى قەرز بېرىشكە ياكى كېپىل تېپىشقا زورلىسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلار ياكى شەخسكە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

سودا بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىن ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ زورلىشى بىلەن قەرز بەرگەن ياكى كېپىل تېپىپ بەرگەنلىرىگە ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ زىيان پەيدا قىلغانلىرى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

89-ماددا سودا بانكىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈپ، مەلۇم مۇددەتكىچە ھەتتا ئۆمۈر بويى ئېلىپ تاشلىسا، بىۋاستە جاۋابكار مۇدىرى، ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە ھەتتا ئۆمۈر بويى بانكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلىسە بولىدۇ.

سودا بانكىسىنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە توشمىسا، بىۋاستە جاۋابكار مۇدىر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

90-ماددا سودا بانكىسى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

91-ماددا مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇرۇلغان سودا بانكىسى قايتا تەستىقلىتىلمايدۇ. 

92-ماددا تاشقى مەبلەغ سودا بانكىسىغا، جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى سودا بانكىسىغا، چەت ئەل سودا بانكىسىنىڭ شۆبە-تارماقلىرىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

93-ماددا شەھەر ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ ۋە يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ پۇل ئامانەت كەسپى، قەرز پۇل كەسپى ۋە راسچوت كەسپىگە ئوخشاش كەسىپلەردە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

94-ماددا پوچتا كارخانىلىرى سودا بانكىسىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنى يولغا قويسا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 

95-ماددا بۇ قانۇن 1995-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#