ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرى ئۆتكۈر ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، ئېغىرلىرىدا شوك بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى لەبلەبىيە شەدىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ
خەنزۇچە نامى 急性胰腺炎
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ئۆت باش كانىلى ياكى ئاشقازان ئاستى بەز كانالچىسىنىڭ توسۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت تاش كېسىلىدىكى تاشلار ئۆت باش كانىلىغا كەپلىشىپ قالغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي چۆگۈن قورساق قىسمىغا قويۇلۇشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت باش كانىلىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاپ ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدە ئاكتىپلىشىدۇ. نەتىجىدە ئاكتىپلاشقان ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى تەتۈرىگە يېنىپ ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.ھەرخىل پارازىت قۇرتلارنىڭ ئۆت باش كانىلىغا كەپلىشىۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

پارازىت قۇرتلار ئۆت باش كانىلىغا كەپلىشىۋالغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئون ئىككى بارماق ئۈچەي چۆگۈن قورساق قىسمىغا قويۇلۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاشقازان ئاستى بەز كانىلىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاش بىلەن بىرگە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدىن ئاكتىپلىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۆت باش كانىلى توسۇلغاچقا، ئاكتىپلاشقان ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ 21 بارماق ئۈچەي چۆگۈن قورساق قىسمىغا قويۇلۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەينىگە يېنىپ، ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى ئۆتكۈر غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆت كانىلى ياللۇغى سەۋەبى كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆت كانىلى ياللۇغلانغاندا ئۆت كانىلىدا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئۆت كانىلى تارىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆت باش كانىلىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاش بىلەن بىرگە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى ئاكتىپلىشىپ كەينىگە يېنىپ ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئون ئىككى بارماق ئۈچەي چۆگۈن قورساق قىسمىدا يارا شەكىللەنگەندە ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇلۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۆت باش كانىلىنىڭ بېسىمى يۇقىرىلاش بىلەن بىرگە ئاشقازان ئاستى بەز كانىلىمۇ تارىيىپ، ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدە ئاكتىپلىشىپ كەينىگە يېنىپ ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

مايلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە كۆپ ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجراتما ئاجرىتىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئاشقازان ئاستى بەز كانىلى بېسىمى ئېشىپ پۈۋەكچىلەر يېرىلىپ، ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقى توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن ئاكتىپلىشىپ ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6.باشقا كېسلەلىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، ئۆت خالتا ياللۇغى، كېزىك قاتارلىق كېسەللىكلەردە ياللۇغلۇق سىرغىتما ماددىلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئاشقازان ئاستى بېزىگە بارغاندا ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى1.قورساق ئاغرىش بولىدۇ. زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېگەندىن كېيىن ياكى ھاراق ئىچىپ 2~1 سائەتتىن كېيىن تۇيۇقسىز سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ياكى ئوتتۇرا قورساق قىسمىدا داۋاملىشىش خاراكتېردىكى پىچاقتا تىلغاندەك ياكى بىگىز سانجىلغاندەك قاتتىق ئاغرىق بولۇپ، ئاغرىق سول تەرەپ بەل ۋە تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ.

2. كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش بولىدۇ. دائىم قورساق ئاغرىش بىلەن بىرگە رېفلېكىسلىق ھالدا كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش بولىدۇ. قۇسۇق تەركىبىدە ائشقازاندىكى تاماق قالدۇقلىرى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقى بولىدۇ. ئۆت يولى سازاڭ مەددە كېسەللىكلىرىدە قۇسۇق تەركىبىدە سازاڭ مەددە بولىدۇ، قۇسقاندىن كېيىن ئاغرىق يېنىكلەيدۇ.

3. قىزىتما بولىدۇ. كۆپىنچە ئوتتۇرىھال قىزىتما بولۇپ، ئادەتتۈ 38-39℃ ئەتراپىدا بولىدۇ. 5~3 كۈندىن كېيىن تەدرىجىي نورماللىشىدۇ.

4. قان سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك شوك، قورساق بوشلۇقىدىكى ياللۇغ ئوچىقىدىن سىرغىپ چىققان ماددىلارنىڭ ئىچىدىكى قان تومۇرنى كېڭەيتكۈچى فېرمېنتلار تەسىرىدىن قان تومۇر كېڭىيىپ قان سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، شوكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. يۇقىرى ئالامەتلەردىن باشقا چىرايى تاتىرىدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، مۈچىلەر سوۋۇپ، ھوشسىزلىنىدۇ. يۇقىرى قورساق ئوتتۇرا قىسمى ياكى سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىنى باسقاندا قاتتىق ئاغرىيدۇ، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىدۇ، بەزىلەر ئۆت تېشى سەۋەبىدىن ياكى چوڭايغان ئاشقازان ئاستى بەز ئۆت كانىلىنى بېسىۋېلىش سەۋەبىدىن سېرىقلىق چۈشىدۇ.

ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاكتىپلىقى بولمايدۇ. كۆپىنچە يۇقۇملىنىشلىق كېسەللىكلەرنىڭ سىرغىتما ماددىلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان بەز توقۇلما ئارىلىق سۇيۇقلۇقىغا يولۇققاندا ئاندىن ئاكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆت باش كانىلى ياكى ئاشقازان ئاستى بەز كانىلى توسۇلغاندا ئاكتىپلىققا ئىگە بولغان سۇيۇقلۇق كەينىگە يېنىپ، ئاشقازان ئاستى بەز شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ ياللۇغلاندرۇۇشى بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزى چوڭىيىپ قېتىشىش، ئارىلىق ماددىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق ۋە ياللۇغلۇق ھۈجەيرىلەر يامراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋاقتىدا جىددىي چاەر قىلىنسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلمىسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ سوزۇلما ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى، قەنت سىيىش كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىشىش، ھەزىم يولى قاناش، ئاشقازان ئاستى بەز مەنبەلىك مېڭە كېسىلى، ئۆپكە ياللۇغى، بۆرەك زەئىپلىشىش، توسۇلۇشلۇق ۋېنا ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن 

 سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ياكى قورساق ئوتتۇرا قىسمى قاتتىق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، شوك بولۇش، قورساق مۇسكۇللىرى جىددىيلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ھەر خىل يۇقۇملۇق خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە ئۆت كانىلى كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

 قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن

 1.  قان زەردابىدىكى كراخمال فېرمېنتىنى ئۆلچەش: كېسەل قوزغىلىپ 12~8 سائەتتىن باشلاپ يۇقىرىلاپ، 48~24 سائەتتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، تەخمىنەن بەش كۈندىن كېيىن نورماللىشىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى كەڭ دائىرىلىك نېكروزلانغان ۋاقىتتا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى چەكلەنگەنلىك سەۋەبىدىن ئەكسىچە قان زەردابىدىكى كراخمال فېرمېنتى نورماللىشىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ.

 2 . سۈيدۈكتىكى كراخمال فېرمېنتىنى ئۆلچەش: ئادەتتە كېسەل باشلىنىپ 24~12 سائەتتىن كېيىن سۈيدۈكتە كراخمال فېرمېنتىنى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۆرەك خىزمىتى نورمال بولۇپ، 128 بىرلىكتىن ئېشىپ كەتسە ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغىدا 256 بىرلىكتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 3. قان زەردابىدىكى ماي فېرمېنتىنى ئۆلچەش: كېسەل قوزغىلىپ 4~3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئادەتتە1.5 بىرلىك پىرسەنتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

4 قان رايى: ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ 10000-20000mm3 گە يېتىدۇ. نىتروفىل 80پىرسەنتتىن يۇقىرى بولىدۇ.

5. قاندىكى ئېلېكترولىتلارنى تەكشۈرۈش: كېسەل قوزغىلىپ 6-كۈنى قاندىكى كالتسىي يۇقىرىلايدۇ.

6. قان قەنتى ۋە سۈيدۈكتىكى قەنتنى ئۆلچەش: قان قەنتى يۇقىرى بولىدۇ. سۈيدۈكتىكى قەنتنى ئۆلچىگەندە مۇسپىي بولىدۇ.

 . 7 ىتپلىق ئاۋازدىن تېز دولقۇندا تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ چوڭايغانلىقى، ياللۇغلىنىپ ۋە خالتىلىق ئىششىق شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1. ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن پەرقلەندۈرۈش؛

ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىكى ئىلگىرى يۈرەك سانجىقى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، قان زەردابىدىكى كراخمان فېرمېنتىنى تەكشۈرگەندە نورمال بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ھەزىم قىلىش خاركتېرلىك يارا تېشىلىش، ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت تاش كېسىلى، ئۆت كانىلى كېسەللىكلىرى، ئۈچەي توسۇلۇش قاتارلىقلاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۇ كېسەل بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، جىددىي تەدبىر قوللانمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. شۇڭا دەرھال ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=815

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=815

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#