ئەشمە كۆلى
ئەشمە كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى دىكى يېڭىئېرىق يېزىسى ۋە تامتوغراق يېزىسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 23 كىلومېتىر، قاتنىشى قولاي.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەكىللىنىشى
ئەشمە كۆلى ئاقسۇ دەرياسى نىڭ يەلپۈگۈچسىمان سىڭىش بەلبېغى، بۇلاق سۇلىرىنىڭ يىغىلىپ يىغىلىپ ئويمان ھاسىل قىلىشىدىن شەكىللەنگەن.
ئورنى
ئەشمە كۆلى ئاۋات ناھىيەسى دىكى يېڭىئېرىق يېزىسى ۋە تامتوغراق يېزىسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 23 كىلومېتىر، جۇغراپىيىلىك كوئوردېناتى E ''42'12°80؛ ''55'33°40 N، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1060 مېتىر.
كۆل يۈزى غەربىي شىمالدىن يۆنىلىشىدىكى سۇزۇنچاق ھىلال ئاي شەكىللىك يېيىلغان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 13 كىلومېتىر، كەڭلىكى 1 ~ 3 كىلومېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 9.3 كۋادىرات كىلومېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 7.5 مېتىر، ئوتتۇرچە چوڭقۇرلۇقى 2 مېتىر، سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 4.0 × 107 كۇب مېتىر. سەككىز كىچىك كۆللەرنىڭ باغلىنىشىدىن تەركىب تاپقان، سۈيى رەڭسىز، سۈزۈك، تاتلىق، مىنېراللىشىش دەرىجىسى تەخمىنەن 2g/L ~ 1؛ PH قىممىتى 8.
كۆل سۈيىنىڭ ياز پەسلىدىكى سۇ تېمپېراتۇرىسى ℃17، قىش پەسلىدە مۇز قاتىدۇ، قېلىنلىقى 40 سانتىمېتىر. كۆل رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃9.9، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃9-، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى ℃27.6- بولىدۇ، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراسى ℃23.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃40.7 ئارلىقىدا، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 60.8 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1896.5 مىللىمېتىر. ئاساسىي شامال يۆنىلىشى غەربىي شىمال يۆنىلىشتە، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى 20m/s. ھەر يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا، كۆل سۈيى مۇز تۇتۇشقا باشلاپ، كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېرىپ تۈگەيدۇ. 5-ئاينىڭ بېشىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئەڭ ياخشى ساياھەت پەسلى.
ئەشمە كۆلى ئاۋات ناھىيەسىدىكى مەنزىرىلىك جايلارنىڭ بىر بۇلۇپ، كۆلنىڭ سۈيى سۈزۈك، ساپ، سۇ يۈزىمۇ تىپتىنچ. سۇ مەنزىرىسى: كۆل قىرغاقلىرىدا ياۋا ئۆردەك، ئاققۇ، ياۋا غاز قاتارلىقلارلار ئەركىن ئۈزۈۋەتقان؛ كۆل سۈيى ئىچىدە رەڭدار قاسراقلىق بېلىقلار بار.
ئەشمە كۆل رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناھايىتى گۈزەل، سەيلە-ساياھەت، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش، سۇ ئۈزۈش، قۇمغا چۈشۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئەڭ ياخشى ساياھەت ئورنى.
ئەشمە كۆلى رايونىدا ئېچىپ پايدىلىنىۋاتقان، تۈرلۈك مۇلازىمەت، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى كۆپ بۇلۇپ، كۆل ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.