توغراق تېرەك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توغراق تېرەك مەيلى غول قىسمى بولسۇن ياكى شاخلىرى بولسۇن ياكى غازاڭلىرى بولسۇن ئاق تېرەككە ئوخشىمايدۇ. غولىنىڭ قوۋزىقى ئاق تېرەكنىڭ قوۋزىقىنىڭ رەڭگىدىن سەل قارامتۇل بولىدۇ. غازاڭلىرىمۇ ئاق تېرەكنىڭ غازاڭلىرىدىن چوڭ، ئالقانسىمان، رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ. ئاق تېرەكتەك تۈز ئۆسمەيدۇ. ئەتراپتىكى دەرەخلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەگىرى ئۆسىدۇ، شاخلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەمما شاخلىرى ئاق تېرەكتەكنىڭ شاخلىرىدەك چۈرۈك بولمايدۇ. غولىمۇ ئاق تېرەكنىڭ ياغىچىدىن قاتتىقراق كېلىدۇ. غازىڭى چوڭ، ئالقانچىلىك كېلىدۇ. تىكىپ 20 يىل ئەتراپىدا ئوبدان ياغاچ بولىدۇ.
توغراق تېرەكنىڭ ياغىچىنى ئۆيگە لىم قىلىشقا، ئۆي جاھازىلىرى ياساشقا بولىدۇ. بۇ خىل تېرەك كۆپىنچە يول بويلىرىدا مەنزىرە دەرىخى ئورنىدا تىكىلىدۇ. غازاڭلىرى چوڭ بولغاچقا ياز كۈنلىرىدىكى سايىسىمۇ چوڭ، سالقىنداشقا ماس كىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.