چيەنلۇڭ

چيەنلۇڭ

چيەنلۇڭ ____ ئەيشىن كورو . خۇڭ لى 1711-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان ،1799- يىلى 2- ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالتىنچى پادىشاھى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن، 4-ئەۋلاد پادىشاھى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەيشىن كورو . خۇڭ لى
باشقا نامى چيەنلۇڭ خان، چىڭ گاۋزۇڭ خۇڭلى، چيەنلۇڭ پادىشاھ
مىللىتى مانجۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1711-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 爱新觉罗·弘历
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو ( چىڭ سۇلالىسى )
يۇرتى بېيجىڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1799-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيەنلۇڭچيەنلۇڭ ____ ئەيشىن كورو . خۇڭ لى 1711-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان ،1799- يىلى 2- ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالتىنچى پادىشاھى ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن، 4-ئەۋلاد پادىشاھى بولغان.يىل نامى « چيەنلۇڭ » بولۇپ، مەنىسى « ھاۋا رايى روناق تاپتى ».25 يېشىدا تەختكە ئولتۇرغان،60 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان،تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن يەنە ئۈچ يىل تۆت ئاي شاھىنشاھ بولغان، ئەمەلىي ھوقۇق يۈرگۈزگەن ۋاقتى 63 يىل تۆت ئاي، جۇڭگو تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ئالىي ھاكىمىيەت باشقۇرغان  پادىشاھ، شۇنداقلا جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پادىشاھ.

چيەنلۇڭچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەل ئىچىدە: ‹‹جېجياڭ خەينىڭدىكى چېن ئائىلىسىنىڭ ئوغلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولغان›› دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقالغان. بەزىلەر بۇ پادىشاھنى كاڭشى خاننىڭ ئىنىسى خۇڭلى دېگەن. ‹‹چىڭ سۇلالىسىگە ئائىت غەيرىي رەسمىي تارىخ كىتابلىرى›› ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى جىلدىدا: ‹‹گاۋ زۇڭ ۋە خەينىڭدىكى چېن جەمەتى›› دا يۇڭجېڭ خان راڭجېن شاھزادە بولغان چاغدا خەينىڭدىكى چېن ئائىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان. شۇ يىلى ئىككى ئائىلىدىكى ئاياللار ئوخشاش بىر ئاي، بىر كۈن، بىر ۋاقىتتا تەڭلا بوشانغان. راڭجېن ئادەم ئەۋەتىپ بوۋاقنى ئەكەلدۈرگەن، كېيىن راڭجېن بوۋاقنى چېن سۇلالىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندە، چېن ئائىلىسىدىكىلەر ئوغۇل بوۋاقنىڭ قىز بوۋاققا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، چېن ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقىلارغا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. كاڭشى خان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، راڭجېن تەختكە چىقىپ تېزلا چېن جەمەتىدىكىلەردىن بىر قانچە ئادەمنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ماتېرىياللاردا خەينىڭدىكى چېن جەمەتى قەسىرىدە بېغىشلىما يېزىلىپ ئىشىك بېشىغا توغرا ئېسىلغان ئىككى تاختا بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىگە ‹‹قۇياشقا باقار خانا››، يەنە بىرىگە ‹‹باھار نۇرى خانىسى›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان، بۇ خەتلەرنى پادىشاھ ئۆزى يېزىپ بەرگەن. ‹‹قۇياشقا باقار خانا›› دا ئوغلى ئاتا-ئانىسى قۇياشقا، ‹‹باھار نۇرى خانىسى›› دا ئاتا-ئانىنىڭ مېھرىبانلىقى باھار نۇرىغا ئوخشىتىلغان. بۇ ئىككى تاختىدىكى بېغىشلىمىنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ۋاپادار بولۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن، بۇنىڭدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئەل ئىچىدە تارقالغان سۆزلەرگە ئاز-تولا يىپ ئۇچى تېپىلىشى مۇمكىن. 

نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ئەل ئىچىدە تارقالغان سۆزلەرگە نىسبەتەن ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار: بىرىنچىدىن، يۇڭجېڭ خاننىڭ 10 شاھزادىسى، ئالتە مەلىكىسى بولغان، چيەنلۇڭ خان شاھزادىلەرنىڭ تۆتىنچىسى بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ئوغلىنى ئەكېلىپ تەخت ۋارىسى قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئىككىنچىدىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بىلەن خەينىڭدىكى چېن جەمەتىنىڭ مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي پادىشاھ بىلەن ۋەزىرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ. چيەنلۇڭ 22-يىلى چېن شىگۇەن باش مۇشاۋىرلىق سالاھىيىتى بىلەن پېنسىيەگە چىقىپ ئوردىغا پادىشاھ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن بارغان، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا 5000 سەر كۈمۈش ئىنئام قىلغان ھەمدە نەزمە تەقدىم قىلغان. فېئوداللىق جەمئىيەتتە بۇ ناھايىتى ئابرويلۇق ئىش بولغاچقا، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن پادىشاھ بىلەن ۋەزىرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى باشقا كىشىلەر بىلەن بولغا مۇناسىۋەتكە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ دەپ قارىغان. 

تارىخشۇناس مېڭ سېننىڭ بېغىشلىما يېزىلىپ ئىشىك بېشىغا توغرا ئېسىلغان ئىككى تاختا ھەققىدىكى دەلىللىشىگە قارىغاندا، چېڭ سۇلالىسى تارىخى تەتقىقات سارىيى تۈزگەن ‹‹چېن يۈەنلۇڭ تەزكىرىسى››دە خاتىرىلىنىشىچە، كاڭشىنىڭ 39-يلى 4-ئايدا ۋەزىر يۈەن لۇڭنىڭ يوللىغان مەلۇماتىدا ئاتىسىنىڭ يېشى 80 دىن ئاشقانلىقى، كاڭشى خاندىن بېغىشلىما يېزىپ  بېرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، كاڭشى خان ‹‹قۇياشقا باقار خانا›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغانلىقى دېيىلگەن. ‹‹خەينىڭ ئوبلاستى تەزكىرىسى›› دە خاتىرىلىنىشىچە، كاڭشىنىڭ 54-يىلى 6-ئايدا سۈەن خۇا چېن يۈەنلۇڭنىڭ بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىنىسى چېن يۈەنكۇننىڭ خوتۇنى خۇاڭ خانىم 41 يىل تۇل ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ‹‹پەزىلەتلىك ئايال›› دەپ بېغىشلىما يېزىپ تەغدىم قىلغان ۋە يەنە ‹‹باھار نۇرى خانىسى›› دېگەن  بېغىشلىما يېزىلگەن  تاختىنىمۇ  تەقدىم قىلغان. دېمەك، بېغىشلىما يېزىلىپ ئىشىك بېشىغا توغرا ئېسىلغان، ئىككى تاختىدىكى بېغىشلىمىلارنى كاڭشى خان قول ئاستىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يېزىپ بەرگەن، ئەل ئىچىدە تارقالغان سۆزلەر بىلەن ئالاقىسى يوق.

دەلىللەش، تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا، خەينىڭدىكى چېن ئائىلىسىنىڭ ئوغلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. بىراق، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس دېگەندەك، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاساسى بولمىسا نېمە سەۋەبتىن ئەل ئىچىگە تارقالغان؟ بۇ سوئالغا ھازىرغىچە جاۋاب تېپىلغىنى يوق.  [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#