دۇبەيدىكى غەلىتە قۇرۇلۇشلار
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دۇبەي غەلىتە ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلۋاتىدۇ. شام سارىيى، پالما ئارىلى،
دۇبەي مۇنارى، ئانارا بىناسى، بېكەت، ئالماس ئۈزۈك مېھمانخانىسى، دۇنيا ئارىلى، دۇبەي سەيلىسى، يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيى قاتارلىقلار بۇلۇپ، بۇلار دۇبەي خۇددى ھەشەمەتلىك لايىھەلەرنىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا ئوخشايدۇ. دۇبەي ئارخېتىكتورلارنىڭ جەننىتى.
دۇنيا ئارىلى
دۇنيا ئارىلىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى يەتتە چوڭ قىتئەنى ياساپ چىقىش ئىدى. لېكىن دۇبەيلىكلەر بۇنداق چوڭ ئارالنى سېتىۋالالايدىغان ئادەم يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، يەتتە قىتئەنىڭ لايىھەسىنى 300 كىچىك سۈنئىي ئارال لايىھەسىگە ئۆزگەرتىپ، دۇنيادىكى چوڭ قىتئەلەرنىڭ شەكلىدىكى سۈنئىي تاقىم ئارالنى ياساپ چىقتى.
يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيى
يەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيىيەلكەنلىك كېمە مېھمانسارىيىنى ئەرەبلەر ھەشەمىتىنىڭ سىمۋولى، دۇبەينىڭ بەلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بۇ مېھمانسارايغا كىرسىڭىز خۇددى ئالاۋىدىننىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرگەندەك بولىسىز. بۇ مېھمانساراينىڭ ھەشەمىتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.