ئاردا يېزىسى

ئاردا يېزىسى

ئاردا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى گە جايلاشقان، ۋىلايەت بويىچە بىردىنبىر خەنزۇ يېزىسى.

ئۇيغۇرچە نامى ئاردا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 61 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿尔达乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 3067 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاردا يېزىسىئاردا يېزىسى 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق يېزا بۇلۇپ قۇرۇلغان، يېزا كېيىنرەك قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن يېڭى ئاردا يېزىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى نىڭ شەھەر شىمالىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئۆلكە يولى 318 ـ لىنىيىسىگە 22 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، كۆلىمى 61 كۋادرات كىلومېتىر. قاتنىشى قولاي، پۈتۈن يېزىغا قاراشلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت بار، جەمئىي 953 ئائىلە، 3067 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2771 ئادەم، ۋىلايەت بويىچە بىردىنبىر خەنزۇ يېزىسى.  يەنى گەنخىزى سانائەت رايونى، چوڭ يانتۇلۇق سۇغىرىش رايونى، ئاقجىرا يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق تەرەققىيات رايونى. كۆلىمى چوڭ، نۇقتىسى كۆپ، لىنيە ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ بۇلۇش بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدىلىكى. 

ئاردا يېزىسىئاردا يېزىسى تارىخىي ۋە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچكە بۆلۈنگەن، يەنى، گەنخىزى سانائەت رايونى، چوڭ يانتۇلۇق سۇغىرىش رايونى، ئاقجىرا يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق تەرەققىيات رايونى.

يېزا ئىگىلىكى 

ئاردا يېزىسىپۈتۈن ئاردا يېزىسى بويىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 22 مىڭ مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، قىزىلچا، ئاپتاپپەرەس، مايلىق ئاپتاپپەرەس، ئالىقات، قارا گازىر قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. 1997-يىلى سىناق تەرىقىسىدە ئالقات ئۆستۈرۈلۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ يېزىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بۇلۇپ قالغان، تېرىلغۇ كۆلىمى 1200 مو، مو بېشى مەھسۇلاتى 150 كىلوگرام (قۇرۇق) ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 6550 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كالا، قوي، چوشقا بېقىشنى ئاساس، بورداقچىلىق قوشۇمچە  قىلىنىدۇ، يىللىق چىقىم قىلىنغان چارۋا 30 مىڭ تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 200 مىڭ. 

چوشقا باقمىچىلىقى 

ئاردا يېزىسى2008-يىلى ئاردا يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن يېزا باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چوشقا باقمىچىلىق سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرگەن، چوشقا بېقىش كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇلغان، ھازىرغىچە 192 كوپىراتىپ بار، يىللىق چىقىم قىلىنغان چوشقا 3000 تۇياق. ئاردا يېزىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە قارا گۆش تىپلىق چوشقا بورداش بازىسى بۇلۇپ قالغان.

ئاردا يېزىسىئاردا يېزىسى ئىلگىرى ۋىلايەت تەرىپىدىن «دېموكراتىك قانۇنچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى»، «تىنچ-ئامان قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ»، «ئىلغار كەنت» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 2009-يىللىق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بويىچە تۇنجى ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى بولۇپ باھالانغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#