ئىت ئۈزۈمى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، غەيرى تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلتىـنـى، قـۇرۇق ئىسسىـق، ھـۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشـەش، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارارەت پەسەيتىش، قان تازىلاش ۋە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.
مېۋىسـى ئالكالوئىـد يەنـى ئەنـگۇر شىـپـا ئىشقارى (Solanine)، سولاسوتىن (Solanine)، سولا مارگىن (Solanine) قاتارلىق كۆپ خىل ئالكالوئىتلار ۋە گىلىكوزىد شەكىللىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا (vitCa) لار ساپوتىن قاتارلىقلار بار.
ئىت ئۈزۈمى1. ئىت ئۈزۈمى5 گرام، ئىكىلىلمىلىك5 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى5 گرام، ھەمشىباھار ئۇرۇقى5 گرام دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناتما تەييارلاپ بەرسە سۈيدۈك يولىدىكى ئىششىق، ياللۇغقا شىپا بولىدۇ. ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىپ قىزىتما قايتۇرىدۇ.
2. كاكىنەچ، ئىت ئۈزۈمى، شاھەررە، ئوغرى تىكەن، تاۋۇز ئۇرۇقى10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە سۆزنەك ۋە سىزلامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. تەمىرى ھىندى10 گرام، ئەينۇلا، ئەنگور شىپا15 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. ئىت ئۈزۈمى، قىزىل گۈل، ئەپتىمۇن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ئۈچەي ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى، ھەر خىل سۇلۇق ئىشـشـىق، سـوزۇلـمـا كـانـاي يـالـلـۇغـى، ئۆتـكۈر بۆرەك ياللۇغى، گال ئاغرىقى، ئۈچەي ئىششىقى، قىچىشقاق، ئۆتكۈر قىزىتما، سەپراۋى تەپ، يۇقىرى قان بېسىم، سۆزنەك، سىزلام قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.