توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى

توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى 2010–يىلى 6–ئاينىڭ 3–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-نومۇرلۇق ئېلانى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区合同格式条款监督条例
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-نومۇرلۇق ئېلانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش نىزامى» 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق. 

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

1-ماددا بۇ نىزام توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار سودىسى تەرتىپى ۋە جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، توختاملاشقۇچىلارنىڭ سودىدىكى باراۋەر، ئادىل ئورنى ۋە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى قوللىنىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا، بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردا توختامنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى توختام تەييارلىغۇچى تەرەپنىڭ (تۆۋەندە توختام تەييارلىغۇچى دېيىلىدۇ) تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەمدە توختام تۈزگەندە قارشى تەرەپ بىلەن كېڭەشمىگەن توختام ماددىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

سودا ئېلانى، دۇكان ئېلانى، ئۇقتۇرۇش، بايانات، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، چۈشەندۈرمە، دوكومېنت، تالون قاتارلىقلاردىن چاقىرىق شەرتىگە ۋە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە بۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ باشقا ئالاقىدار تارماقلار توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئىشلەيدۇ.

5-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى توختاملاشقۇچىلارنى ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش،لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا، توختام ئىناۋەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

6-ماددا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى ئاممىباب، ئىخچام، چۈشىنىشلىك، يېزىشقا ئەپلىك بولۇشى كېرەك. مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئالاقىدار ساھە ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، توختام تەييارلىغۇچىنى دۆلەتنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تەييارلىغان، ئېلان قىلغان توختام ئۈلگە نۇسخىلىرىنى قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

7-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار توختام تەييارلىغۇچىنىڭ توختام ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ئالاقىدار ساھە ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى تەييارلاش ۋە قوللىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى ئۆز ئالدىغا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پائالھەمكارلىشىپ، توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى ماجىراسىغا ئائىت ئەرز-شىكايەتنى قانۇن بويىچە ئادىل، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

9-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئالاقىدار ساھە ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، ئالاقىدارلارنىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

10-ماددا توختام تەييارلىغۇچىنىڭ توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) نىشاننى ۋە سېتىش يوللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ياكى سېتىشقا ھۆددە قىلىمىز، مەھسۇلاتنى سېتىۋالىمىز دەپ يالغان ئېيتىپ، توختام تۈزۈۋېلىش؛

(2) سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ياكى باشقىلارنىڭ نامىنى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ، سۇيئىستېمال قىلىپ توختام تۈزۈش؛

(3) ساختا ئۇچۇر توقۇپ ياكى ساختا ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ، باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈۋېلىپ، ۋاسىتىچىلىك ھەققى، تۈر ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، سۈپەت كاپالەت پۇلى قاتارلىق پۇل-مالغا ئېرىشىۋېلىش؛

(4) ئادا قىلغىلى بولمايدىغان ماددىلارنى كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپنى توختامنى ئادا قىلالمايدىغان قىلىپ قويۇپ، پۇل-مالغا ئېرىشىۋېلىش؛

(5) جامائەت مەنپەئەتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

11-ماددا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدا تەييارلىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى يېنىكلىتىلىدىغان مەزمۇنلار بولسا، توختام تەييارلىغۇچى بۇنى توختام نۇسخىسىدا ئېنىق ئىپادىلىشى، ئوچۇق كۆرسىتىشى ھەمدە توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۇنى قارشى تەرەپنىڭ سەمىگە سېلىشى، قارشى تەرەپ سورىسا، شۇ ماددا-تارماقنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

تىجارەتچى قارشى تەرەپكە تەتبىقلىنىدىغان دۇكان-ساراي ئېلانى، ئۇقتۇرۇش، بايانات، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، چۈشەندۈرمە قاتارلىقلارنى تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە قويۇپ قويۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە مۇئەييەن قارشى تەرەپ ئادا قىلىدىغانلىرىنى ئۇلارغا ئالدىن چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

12-ماددا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدا توختام تەييارلىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى يېنىكلىتىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) قارشى تەرەپنى جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرۈش جاۋابكارلىقى؛

(2) قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىنى قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن زىيانغا ئۇچرىتىش جاۋابكارلىقى؛

(3) تەمىنلىگەن تاۋىرى ياكى قىلغان مۇلازىمىتى ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان كاپالەت جاۋابكارلىقى؛

(4) قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛

(5) قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا جاۋابكارلىق.

13-ماددا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدا قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىلىدىغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) خىلاپلىق پۇلى ياكى زىيان تۆلەم پۇلى مۇۋاپىق مىقداردىن ئېشىپ كېتىش؛

(2) توختام تەييارلىغۇچى ئۈستىگە ئالىدىغان تىجارەت خەۋپ-خەتىرى جاۋابكارلىقى؛

(3) قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان باشقا مەزمۇنلار.

14-ماددا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدا قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى يەكلەيدىغان تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

 (1) توختامنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛

 (2) خىلاپلىق پۇلى بېرىشنى ياكى زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛

 (3) توختامدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى تاللاش؛

 (4) توختامنى ئىزاھلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش؛

 (5) قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان باشقا ھوقۇقلار.

 15-ماددا تۆۋەندىكى توختاملاردىن ئەندىزىلىك ماددىلار كىرگۈزۈلىدىغانلىرىدا توختام تەييارلىغۇچى توختام نۇسخىسىنى كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن تىجارەت كىنىشكىسى بەرگەن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك؛ توختام تەييارلىغۇچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەرگەن بولسا، توختام نۇسخىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك:

 (1) ئۆينى سېتىش-سېتىۋېلىش، ئىجارە بېرىش-ئېلىش توختامى ۋە شۇنىڭغا دائىر ئارىچىلىق توختامى، ھاۋالە توختامى؛

 (2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش-سېتىۋېلىش، ئىجارە بېرىش توختامى؛

 (3) ئۆي-زېمىن خوجىلىق توختامى؛

 (4) توك، سۇ، پار، گاز بېرىش توختامى؛

 (5) داۋالاش مۇلازىمەت توختامى؛

 (6) مېھمانخانا، مېھمانساراي، ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت توختامى؛

 (7) سىملىق تېلېۋىزىيە، پوچتا-تېلېگراف توختامى؛

 (8) قەرز توختامى؛

 (9) تىرانسپورت توختامى؛

 (10) سودا سۇغۇرتىسى توختامى؛

 (11) ئۆي بېزەش، زىننەتلەش توختامى؛

 (12) سودا خاراكتېرلىك تەربىيەلەش توختامى؛

 (13) يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى؛

 (14) مۇشۇ نىزامنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا توختاملار.

تىجارەت كىنىشكىسى ئالمايدىغان ئاپپاراتلار قوللىنىدىغان توختام نۇسخىسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

16-ماددا توختام تەييارلىغۇچى قوللىنىۋاتقان توختامنىڭ نۇسخىسىنى ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتى، ئالاقىدار ساھە ئاپپاراتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان بولسا، قايتا ئەنگە ئالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

توختام تەييارلىغۇچى ئەنگە ئالدۇرۇلغان توختام نۇسخىسىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، قوللىنىشتىن بۇرۇن تۈزەتكەندىن كېيىنكى توختام نۇسخىسىنى قايتىدىن ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

17-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان توختام نۇسخىسىنى تەكشۈرگەندە، توختام نۇسخىسىنى مۇشۇ نىزامنىڭ 11–، 12–، 13–، 14-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارىسا، توختام تەييارلىغۇچىغا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى، توختام تەييارلىغۇچى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشى كېرەك.

18-ماددا توختام تەييارلىغۇچى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تۈزىتىش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا، تۈزىتىش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يازما بايانى ۋە ئاقلىنىش پىكرىنى بەرسىمۇ، ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توختام تەييارلىغۇچىنىڭ يازما بايانى ۋە ئاقلىنىش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

توختام تەييارلىغۇچى ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىسپات ئاڭلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە ئىسپات ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. ئىسپات ئاڭلاشقا ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ساھە تەشكىلاتى، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار، ئىستېمالچىلارنىڭ ۋەكىلىنى ئىسپات ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىشى كېرەك. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىسپات ئاڭلاش ئاخىرلىشىپ بەش كۈن ئىچىدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

19-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توختام تەييارلىغۇچىنىڭ بايانى، ئاقلىنىش پىكرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىسپات ئاڭلاپ بەرگەن يازما جاۋابىدا توختام تەييارلىغۇچىدىن توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يەنىلا تەلەپ قىلغان بولسا، توختام تەييارلىغۇچى يازما جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك.

20-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى دۆلەت مەنپەئەتى، جامائەت مەنپەئەتى ياكى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماققا ئەرز-شىكايەت قىلسا بولىدۇ. ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماقلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

21-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئەرز-شىكايەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، توختام تەييارلىغۇچى قوللانغان توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسى، 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەنگە ئالدۇرمىغانلىقىنى بايقىسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەنگە ئالدۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.

سودا ئېلانى، دۇكان ئېلانى، ئۇقتۇرۇش، بايانات، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، چۈشەندۈرمە، دوكومېنت، تالون قاتارلىقلار مۇشۇ نىزامنىڭ 11–، 12–، 13–، 14-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك. تۈزىتىش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولغانلىرى مۇشۇ نىزامنىڭ 18–، 19-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك.

22-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدارلار مەنپەئەتدارلار ۋە ئىسپات بەرگۈچىلەردىن قانۇن بويىچە سوئال سورىسا بولىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى، دوكومېنت، كەسپىي ھۆججەت-ئالاقە ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى سۈرۈشتۈرسە، ئالسا، كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر پائال ماسلىشىشى، ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى ئەينەن يەتكۈزۈشى كېرەك،ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يۆتكىۋەتمەسلىكى، يوشۇرۇۋالماسلىقى، يوق قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك. يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېلىش تەسكە توختايدىغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاۋۋال تىزىملاپ ساقلاپ قويسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

23-ماددا ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرى ئۈستىدە تالاش-تارتىش تۇغۇلغاندا كېڭىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، قانۇن بويىچە كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

24-ماددا مۇشۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، توختامنى ئەنگە ئالدۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى توختام نۇسخىسىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىنى رەت قىلغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتكىچە تۈزەتمىگەنلەرگە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

25-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز پايدا ئالغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

26-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

27-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملىرىغا ۋە باشقا جاۋابكارلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) توختامنىڭ ئەندىزىلىك ماددىلىرىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئالاقىدارلاردىن پۇل-مال سورىغان ياكى ئالغانلار؛

(3) خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئالاقىدارلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلار؛

(4) دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛

(5) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

28-ماددا بۇ نىزام 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن ھەمدە داۋاملىق قوللىنىۋاتقان، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇلىدىغان توختام نۇسخىسىنى مۇشۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/26/c_131553680_6.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#