ئاغرىتماي تۇغۇش

ئاغرىتماي تۇغۇش

ئاغرىتماي تۇغۇش بولسا كىلىنىكىلىق تۇغۇت بۆلۈم تېببىي ساھەسىدىكى ئىلمىي سۆزلۈك بولۇپ ، ئادەتتە ئاغرىتماي تۇغۇش دەپ ئاتىلىدۇ . ئادەتتە ئاغرىقسىز بولسا پەقەت بىر خىل غايىۋى ھالەت ، تۇغۇتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنچىلىقى بىر قەدەر زور ، كىشىلەر ئادەتتە دائىم ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى يېنىكلىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاغرىتماي تۇغۇش
ئىنگىلىزچە نامى Anodyne Labor
ئىنگلىزچە باشقا نامى painlesslabour
خەنزۇچە نامى 镇痛分娩
خەنزۇچە باشقا نامى 无痛分娩
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاغرىتماي تۇغۇشتۇغۇتتا چوقۇم ئاغرىش» تۇغۇت مەزگىلىدىكى خۇشاللىق بىلەن ئاغرىشنىڭ بىرىكىشى بولۇپ، ئانا بالىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى بىلەن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۇغۇت ئاغرىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي ئىش بولۇپ قالدى. قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئانىلار ئۈن-تىنسىز ھالدا ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى، ئانىلارنىڭ بىخەتەر بولۇشى ھەم بەختلىك ھالدا تۇغۇشى ئۈچۈن، تۇغۇت خادىملىرى توختىماستىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىزدەندى. بىراق، تا ھازىرغىچە ئاددىي، بىخەتەر، قانائەتلىنەرلىك ئۇسۇل ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېپىلمىدى.

نۆۋەتتە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاغرىتمايدىغان تۇغۇش تۆۋەندىكىدەك چوڭ ئىككى تۈرگە ئومۇملىشىدۇ.

دورا ئىشلەتمەي ئاغرىقنى توختىتىش

1. دورا ئىشلەتمەي تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى توختىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى پىسخىكا جەھەتتە ياخشى بولۇپ، تۇغۇتتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى يوق قىلىش. تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزى ۋە ئۆيدىكىلىرى بىلەن قورساقنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇش ياكى ئىككى قول بىلەن بەلنى چىڭ بېسىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. بۇ خىل ئۇسۇل بالىياتقۇ ئېغىزىنى 11 سانتىمېتىردىن 13 سانتىمېتىرغىچە ئاچىدۇ. داۋاملىق ئاچسا، ئۈنۈمى يوق بولىدۇ. ئاغرىقنى توختىتىش ئۈچۈن دوختۇرلار ئوكۇل ئۇرۇپ، تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىپ، ئاغرىقنى يېنىكلىتىش كېرەك.

دورا بىلەن ئاغرىقىنى توختىتىش

ئاغرىتماي تۇغۇش2. دورا بىلەن تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى توختىتىشنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇلى ئارىسىدا، ئاغرىقنى مەست قىلىش ئارقىلىق ياكى پۈتۈن بەدەنگە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاغرىقنى يېنىكلىتىش بارا-بارا ئەمەلدىن قېلىۋاتىدۇ. نىسبەتەن كۆپ قوللىنىلىۋاتقىنى قاتتىق پەردە سىرتىدىن ئاغرىقنى توختىتىش ئۇسۇلى، يەنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ دۈمبە تەرىپى (ئومۇرتقا) نى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئارقىلىق مەست قىلىپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. فۇنكسىيە قىلىش تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن خەتىرى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەست قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى كونترول قىلسا بولىدۇ. ئاغرىق باشلانغان ۋاقىتتا، نىقاب بىلەن ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى توسۇپ، بالىياتقۇ تەۋرىگەن 20 ~ 30 سېكۇنت ئىچىدە نىقاب ئارقىلىق قاتتىق نەپەسلىنىپ، ئاندىن نىقابنى ئېلىۋېتىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاغرىقنى توختىتىشقا بولىدۇ، ھامىلىگە نىسبەتەن كىچىككىنە تەسىرى بار، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھامىلىدار ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئاغرىتماي تۇغۇش 

http://baike.baidu.com/view/2781475.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

ئاغرىتماي تۇغۇش

http://baike.baidu.com/view/38748.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#