مايلىق تېرە ياللۇغى

مايلىق تېرە ياللۇغى

مايلىق تېرە ياللۇغى، تېرىدىن ياغ تەپچىش ئاساسىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل سوزۇلما تېرە ياللۇغى.

غەرب تېبابىتى نامى مايلىق تېرە ياللۇغى
تونۇش نامى zhi yi xing pi yan
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق
خەنزۇچە نامى 脂溢性皮炎
كېسەللىك ئورنى تىرە
تەۋە بۆلۈم تىرە كىسەللىكلىرى بۆلۈم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مايلىق تېرە ياللۇغى1. بەلغىمى شىرىن (تاتلىق بەلغەم) تەسىرىدىن بولىدۇ.

بۇ بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە سويۇق قان خىلىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان خىلىت بولۇپ، بەدەندە بۇ خىل نورمالسىز بەلغەم خىلىتى شەكىللەنگەندە نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىيي فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ زىيادە سۇيۇقلۇقى بىلەن تېرە قوشۇمچىلىرىغا تەسىر قىلىپ تېرە ماي بەزلىرىنىڭ قۇۋۋىتى دافئەسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، تېرە ماي بەزلىرىنىڭ كۆپلەپ ماي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق كۆپ ماي تېرىدىن بىراقلا سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي يەرلىك ئورۇندا تۇرۇپ قېلىپ ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قۇۋۋىتى نەفسانى ۋە قۇۋۋىتى تەبىئىي ئاجىزلىشىپ تېرە ماي بەزلىرىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشتىن پەيدا بولىدۇ.

3. تېرە تازىلىقىنىڭ ناچار بولۇشى، ھاراق ئىچىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئامىللاردىن پەيدا بولىدۇ.

4. تۇغما خاراكتېرلىك تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ماي ئاجىرىتىپ چىقىرىش يۇقىرى بولغۇچىلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ.

مايلىق تېرە ياللۇغىچوڭلاردا ۋە بوۋاقلاردا كۆپ بولىدۇ. زەخىملىنىش ھەمىشە سىممېترىك ھالدا تېرە ياغ بەزلىرى نىسبەتەن كۆپ بولغان ئورۇنلاردا يۈز بېرىدۇ، يەنى باش، قاش ياكى قاپاق، بۇرۇن − كالپۇك ئېرىقچىسى، قۇلاق كەينى، قولتۇق، تۆش سۆڭەك ئالدى، تاغاق ئارىلىق رايونلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا دەسلەپتە پارچە − پارچە ياكى توپ − توپ بولۇپ تۈك خالتىلىق دۆڭچە ئەسۋە چىقىدۇ. ئاندىن كېيىن بىرلىشىپ سۇلۇق ئىششىقلىق سۇس سېرىق قىزىل رەڭلىك داغقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئۈستىدە مايلىق تەڭگە قاسىراق ياكى قاقاچ بولىدۇ. چېگرىسى ئېنىق، ئادەتتە سۇلۇق قاپارتقۇ بولمايدۇ. لېكىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، شەلۋەرەپ سىرغىما سۇيۇقلۇق چىقىپ ھۆل تەمرەتكىدەك ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ياكى قوشۇمچە يۇقۇملىنىدۇ. پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ قىزىرىپ كېپەكلىشىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ياغ تەپچىيدىغان تېرە قىزىرىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. قىچىشىدۇ، چوڭلاردا ھەمىشە باش تەپچىش خاراكتېرلىك چېچى چۈشىدۇ.

تېرە ياغ بەزلىرى كۆپرەك ئورۇنلارغا چىقىش ئالاھىدىلىكى بار. سۇلۇق ئىششىقلىق سۇس سېرىق قىزىل رەڭلىك داغ بولىدىغانلىقى تۆپىدە مايلىق تەڭگە قاسىراق ياكى قاقاچ بولىدىغانلىقى، ياغ تەپچىش، چاچ چۈشۈش قوشۇلۇپ كېلىش، قىچىشىش قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

مايلىق تېرە ياللۇغى1. تەڭگىسىمان تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. تەڭگىسىمان تەمرەتكە كۈمۈش رەڭلىك تەڭگىسىمان قاسىراقچىلار بولۇش، قاسىراقنى تاتىلىىغاندا كۈل رەڭ پارقىراق نېپىز پەردە بولۇش، پەردىنى سويۇۋەتكەندىن كېيىن، قان توچكىلىرى كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

2. ھۆل تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھۆل تەمرەتكىنىڭ تېرىدىكى زەخىملىرى كۆپ شەكىللىك بولۇپ، دائىم دېگۈدەك سۇلۇق قاپارتقۇ ۋە ساقىتمىلار بولىدۇ. چېگرىسى ئېنىق بولمايدۇ.

كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ بەدەننى تەنقىيە قىلىش، تېرە قىلقان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، تىنچلاندۇرۇش، سىرتىدىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

ماددىنى تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە قانلىق بەلغەمگە قارىتا خاس بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل ئۈچۈن، ئايارەج پەيقىرا ئىشلىتىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ.

تېرە قىلقان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىترىفىل شاھتەررە، ھەببى شىپا، مائۇلئۇسول، مەجۈنى مەسىھا قاتارلىقلارنى مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاپ بېرىلىدۇ.

سىرتىدىن ياللۇغ قايتۇرۇپ توسالغۇلارنى ئېچىش مەقسىتىدە، يىلمان قارا چاي دەملەنمىسى بىلەن كۈنىگە بىر قېتىم پۈتۈن بەدەن يۇيۇلىدۇ ياكى بىر گرام زەمچىنى بىر لىتىر سۇدا ئېرىتىپ سوۋۇتۇپ سىرتىدىن يۇيۇلىدۇ.

ئەگەر تېرە زەخىملەنسە ياكى يىرىڭلىق مۇدۇر پەيدا بولسا 20 گرام زەمچىنى چالا سوقۇپ 600 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ سىرتىدىن سۈركىلىدۇ. شاھتەررە، قارا ھېلىلە، چۆبچىن 21 گرامدىن، موم 15 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئەمەن 21 گرامدىن، ئانار پوستى 10 گرام قاتارلىقلارنى قاينىتىپ سىرتىدىن يۇيۇلىدۇ.

مايلىق يېمەكلىكلەر، ئاچچىق − چۈچۈك يېمەكلىكلەر، ھەددىدىن ئارتۇق تاتلىق يېمەكلىكلەر، ھاراق، تاماكا قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش، روھىي جىددىيلىكنى يوقىتىش، سىرتتىن مايلىق سوپۇنلارنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش. تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=937

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#