غاز ئىنسانلارنىڭ كۆندۈرۈلگەن تۇنجى ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، كېلىش مەنبەسى ياۋا غاز ياكى كۈل رەڭ ياۋا غاز. دۆلىتمىزدىكى غازنىڭ كۆپىنچىسى ياۋا غاز، ياۋروپا تەرەپلەردىكى غاز بولسا كۈل رەڭ غاز.

ئۇيغۇرچە نامى غاز
ئىنگلىزچە نامى goose(复数geese)
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ياۋا غازسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ياۋا غاز ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى ئۆردەكلەر ئائىلىسى
تۈرى ياۋا غاز تۈرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غاز ئىنسانلارنىڭ كۆندۈرۈلگەن تۇنجى ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ، كېلىش مەنبەسى ياۋا غاز ياكى كۈل رەڭ ياۋا غاز. دۆلىتمىزدىكى غازنىڭ كۆپىنچىسى ياۋا غاز، غاز قۇشلار سىنىپى، ياۋا غازلار تارمىقىغا تەۋە؛ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆي قۇشلىرىغا تەۋە، غازنىڭ تېنى چوڭ، بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇقى ياپىلاق ھەم كەڭ، قۇيرۇقى كالتە، تېنى ئاق ياكى كۈل رەڭ بۇلۇپ، پېشانىسىدىكى ئەتلىك تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئەركەك غاز بىر قەدەر چوڭ، بوينى ئۇزۇن، پۇتىمۇ چوڭ، سۇ ئۈزۈش پەردىسى بار بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. 

 يېتىلگەن غاز بىر قەدەر چوڭ بۇلۇپ، پېشانىسىدە گۆش ئۆسمىسى بار، بوينى ئۇزۇن، ئاغزى ياپىلاق ھەم كەڭ، پۇتى ئېگىز، قۇيرۇقى قىسقا، پۇت بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بار، پەيلىرى ئاق ياكى كۈل رەڭ. 

سۇ ئۈزەلەيدۇ، ئاشلىق گۆش ۋە تۇخۇم يىيەلەيدۇ. ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان غاز چۈجىسى سېرىق ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بۇلۇپ، ئاغزى ياپىلاق، پۇت ئالىقىنى ۋە تۇمشۇقى قىزغۇچ سېرىق كېلىدۇ.

ئۆي غېزى ئوتخور ھايۋانلار بۇلۇپ، ئاساسلىق گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى، مايلىق تائاملارنى يېمەيدۇ، بېلىق كۆلچىكى ئىچىدىكى كىچىك بېلىقنى، راك لىچىنكىسى، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، يۈسۈن قاتارلىقلارنى يەيدۇ.

 قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا مەركەز «يۇقۇم ئاپىتگە جىددىي ماسلىشىش گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، يەنى ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۆردەك، غاز، كۈركە توخۇ، ئۆي توخۇسى، گۆش توخۇسى، تۇخۇم توخۇسى ۋە نەسىللىك توخۇ فېرمىسى قاتارلىقلارنى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇرۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ھەر 1000 تالنى بىر قىلىپ ھېساپلاش، ھەر كۈنى 4 دانە ئۆردەك، غاز، كۈركە توخۇ، ئۆي توخۇسى، گۆش توخۇسى، تۇخۇم توخۇسى، نەسىللىك توخۇ قاتارلىقلارنى ئېنىقلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، بولمىسا 5000 مىڭ يۈەندىن 10000 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قۇيۇش بېكىتلگەن. 

غازنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ياشاش ئادىتى ھەر خىل بولۇپ بەزىلىرى ئۆسۈملۈك، بەزىلىرى بېلىق يەيدۇ؛ بەزىلىرى پەقەت سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قالىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا سۇغا چۆكۈشكە ئۇستا. بەزىلىرىنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بەزىلىرى بولسا ماھىر ئەمەس، ئۇچۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قۇشلاردىن بىر نەچچە ئاق قۇ بار. مەسىلەن : سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ ۋە چوڭ ئاق قۇ بۇلۇپ، تەن شەكلى ئەڭ چوڭ ئۈزگۈچى قۇشلار، شۇنداقلا بەدىنى ئەڭ چوڭ بولغان ئۇچار قۇشلانىڭ بىرى. سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ ئەڭ گۈزەل قۇش بولۇپ، ياۋرۇپانىڭ باغچىلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن جۇڭگودا بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. 

ئۆي غېزىنىڭ ئەجدادى ياۋا غاز، تەخمىنەن ئۈچ-تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلار تەرپىدىن كۆندۈرۈلگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بېقىلىدۇ. غازنىڭ بېشى چوڭ، تۇمشۇقى ياپىلاق ھەم كەڭ، پېشانىسىدە گۆش ئۆسمىسى بولىدۇ. بوينى بەك ئۇزۇن، تېنى كەڭ، بەستلىك،، كۆكرەك قىسمى تولغان، قۇيرۇقى كالتە، پۇت پەردىسى بار. ئوت-چۆپ يەيدۇ، سوغۇققا چىدايدۇ، چىقىشقاقلىق ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۆسۈشى تېز، ئۆمرى باشقا ئۆي قۇشلىرىغا  قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن. بەدەن ئېغىرلىقى 4~15 كىلوگرامغىچە، كۆل قاتارلىق سۇ دائىرىسى ئەتراپىدا ياشايدۇ. سۇ ئۈزۈشكە ماھىر.

غاز بىلەن ئاق قۇنىڭ پەرقى: ئاق قۇ ياۋا غازلار تۈركۈمى ئۆردەك ئائىلىسىگە تەۋە، ياۋا غاز بولسا ئەڭ چوڭ سۇ قۇشى. 

 پالئوت

بىرىنچى، پالئوت جۇڭگودىكى غازنىڭ بىر خىل تۈرى، پېشانە ۋە يان مەڭزى گۆش ئۆسمىسى بار. بېشى چوڭ ھالەتتە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. پالئوت ئەسلىدە گۇاڭدۇڭ ناھىيەسىنىڭ كەنتىلىرىدە پەيدا بولغان، بېيجىڭ، خېيلوڭجياڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، شەنشى قاتارلىق 20 نەچچە ئۆلكلەرگە دېگۈدەك تارقالغان. پالئوتنىڭ تېنى چوڭ، گەۋدىسى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. باش پېشانىسنىڭ گۆش ئۆسمىسى تەرەققىي قىلىپ تۇمشۇقنى قاپلىغان، ئېڭەك ئاستى تەرەققىي قىلغان، يۇتقۇنچاق خالتىسى بويۇن قىسمىغا سوزۇلۇپ بارىدۇ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك. تۇمشۇقى قىسقا، جىسمى قاتتىق ھەم قارا، كۆز قاپىقى گەۋدىلىك، كۆپرەك سېرىق رەڭدە بولۇپ، رەڭدار قوڭۇر، پاقالچىكى يىرىك، بارماق كەڭلىكى سارغۇچ قىزىل بۇلۇپ، قارا داغلار بولىدۇ، تېرە ئاچ سېرىق ياكى سۈت رەڭ، تېنىدە يان تېرە قاتلىقى بار. پۈتۈن ئارقا پەي، ئالدىنقى كۆكرەك پەيلىرى ۋە قانات پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، بويۇن تەرىپىدىن تارتىپ ئارقىغىچە بويۇن ئارقا بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يال شەكىللىك قېنىق قوڭۇر رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان، پۈتۈن قورساق پەيلىرى ئاق ياكى كۈل رەڭ.

ئېمدېن غېزى

ئىككىنچى، ئېمدېن غېزى سابىق گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېمدېن شەھىرى ئەتراپىدىن چىققان. 19-ئەسىردە تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق نەسلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئېمدېن غېزى پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق پەيلەر بىلەن قاپلانغان، زىچ، بېشى چوڭ، ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، كۆزى كۆك رەڭلىك، تۇمشۇقى قىسقا ھەم توم بولۇپ، قىزغۇچ سېرىق، پارقىراق، بوينى ئۇزۇن، سەل يايسىمان، ئېڭەك ئاستىدا يۇتقۇنچاق خالتىسى بار. گەۋدىسى كەڭ، ئۇزۇن، كۆكرەك قىسمى سىلىق، پۇتى توم، قىسقا، قېنىق قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قورساق قىسمىدا بىر جۈپ قاتلاق ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. قۇيرۇق قىسمى بىر قەدەر ئۇزۇن، دۈمبە سىزىقى سەل ئېگىز، ئۆرە تۇرغاندا بەدەن قىياپىتى بىلەن يەر يۈزىگە 30 ~ 40 لۇق بۇلۇڭ ئېلىپ ئۆرە تۇرىدۇ. 

تۇلۇس غېزى

ئۈچىنچى، تۇلۇس غېزى يەنە موڭغۇلىيە غېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ غازنىڭ بىر خىل تۈرى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈل رەڭ غازنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن. ئەسلىدىكى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تۇلۇس شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا، ئاساسەن فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلىرگە تارقالغان. تۇلۇس غېزى تېنى چوڭ، بالاغەتكە يەتكەن، ئېغىر تىپتىكى غاز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بېشى چوڭ، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، بوينى توم، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇزۇنلۇقىتا، گەۋدىسى گورىزونتال ھالەت، كۆكرەك قىسمى كەڭ، چوڭقۇر، پۇتى قىسقا ھەم توم. ئېڭەك ئاستىدا تېرە ساڭگىلاش شەكىللەنگەن، يۇتقۇنچاق خالتىسى بار،  تۆۋەنكى قورساق قىسمىدا قۇرۇق بار، يۇتقۇنچاق خالتىسى بىلەن قورساق قىسمىدىكى قورۇق ئوخشاشلا تەرەققىي قىلغان. پەيلىرى كۈل رەڭ بولۇپ، ئۆسكەن ھەم قويۇق، باش قىسمى كۈل رەڭ ، بويۇن-دۈمبە قېنىق كۈلرەڭ، كۆكرەك قىسمى سۇس كۈل رەڭ، قورساق قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. قانات قىسىمىدىكى پەيلىرىدە توق كۈل رەڭ لېنتىغا ئوخشاش سۇس رەڭلىك جىيەك بار، قۇيرۇق پەيلىرى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك. تۇمشۇق تۇخۇم سېرىقى رەڭدە، پۇتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە، كۆزى ئوچۇق قوڭۇر ياكى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. 

ئوزۇقلۇق تەركىبى 

100 گرام غاز گۆشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : 

ئىسسىقلىق مىقدارى     (251.00 كىلوكالورىيە)؛

ئاقسىل                 (17.90 گىرام)؛ 

ياغ                    (19.90 گىرام)؛ 

خولېستېرىن             (74.00 مىللىگىرام)؛ 

ۋىتامىن                 (A 42.00 مىكرو گىرام)؛ 

ئورىزانىن                (0.07 مىللىگىرام)؛ 

رىبوفلاۋىن               (0.23 مىللىگىرام)؛ 

ۋىتامىن                 (E 0.22 مىللىگىرام)؛ 

كالتسىي                (4.00 مىللىگىرام )؛ 

فوسفور                  (144.00 مىللىگىرام)؛ 

كالىي                   (232.00 مىللىگىرام)؛ 

ناترىي                  (58.80 مىللىگىرام)؛

ماگنىي                  (18.00 مىللىگىرام)؛ 

تۆمۈر                    (3.80 مىللىگىرام)؛ 

سىنىك                   (1.36 مىللىگىرام)؛ 

سېلېن                    (17.68 مىكرو گىرام)؛ 

مىس                     (0.43 مىللىگىرام)؛ 

ئوزۇقلۇق ئانالىزى 

غاز گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، ۋىتامىن A،B گۇرۇپىسىدىكى ۋىتامىنلار، تاماكا كىسلاتاسى، شېكەر قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بۇلۇپ، مىكرو مىنېرال ماددىلارنىڭ ماي مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، غاز گۆشىدە ئوزۇقلۇق مول، ياغ مىقدارى تۆۋەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق. 

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غاز گۆشى يېشىل يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2002-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 21-ئەسىردىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلدىغان يېشىل يېمەكلىكنىڭ بىرى دەپ قارالغان. قۇۋۋەت تولۇقلاش ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاشقا پايدىلىق، يۆتەل توختۇتۇپ بەلغەم بوشتىدۇ. تېنى ئاجىز، قان يېتىشمەيدىغان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغان ئادەملەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. يەنە قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، ئاشقازاندا ھۆللۈك پەيدا قىلىش رولى بار. ئومۇمەن، دائىم ئۇسسايدىغان، كەم ماغدۇر بۇلدىغان، دېمى سىقىلدىغان، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالدىغان كىشلەرگە ماس كېلىدۇ، دائىم غاز شورپىسى ئىچىشكە ئادەتلەنسە، غاز گۆشى يېسە پايدىلىق، بۇنداق بولغاندا ياشانغانلار دىئابىت كېسىلى بار بىمارلارنىڭ تېنىگە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ، يەنە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلغىلى بۇلىدۇ، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، زىققا كېسىلى، بەلغەم دۆۋىلىنىپ  قېلىش قاتارلىقلارغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بۇ ۋاقىتا ئىستىمال قىلسا ناھايىتى ماس كېلىدۇھەم ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ. 

يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رولى 

غاز گۆشى  غاز گۆشى تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تەمى تاتلىق. دورىلىق ئورنى بولسا تال، ئۆپكە  قاتارلىق ئەزالارغا پايدا قىلىدۇ. قۇۋۋەتنى تولۇقلايدۇ.
 ئاشقازان تەشنالىقنى قاندۇرىدۇ، يۆتەل توختۇتۇپ بەلغەم بوشتىدۇ، قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
1. تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن، قان يېتىشمەيدىغان، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغان ئادەم  مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. 
2. قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، ئىللىق ئاشقازاندا ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ. ئومۇمەن، دائىم ئۇسسايدىغان، كەم ماغدۇر بۇلدىغان، دەم سىقىلدىغان، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالدىغان كىشلەر دائىم غاز شورپىسى ئىچىكەندە، غاز گۆشى يېگەندە ياشانغانلار دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ، بىمارغا  ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلغىلى بۇلىدۇ.
3. يەنە يۆتەل كېسلىنى داۋالىغىلى ۋە كېسەلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، بولۇپمۇ زۇكام ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك نەپەس يۇلى ياللۇغى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق كېسەلەرگە ئۈنۈملۈك شىپا قىلدۇ، ياشانغانلاردىكى ئىششىق كېسىلنى ياندۇرىدۇ.
4. ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، زىققا، بەلغەم كېسەلىكلىرىگە ياخشى ئۈنۈم بېرىپ مەنپەت قىلدۇ.
5. راك كېسلى، ئۆتكە تاش چۈشۈش قاتارلىق كېسەلەرگە شىپا بۇلىدۇ.

دورا بىلەن داۋالاش رولى 

ھازىرقى زامان فارماكولوگىيە تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، غاز قېنى تەركىبىدە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىلى بار بۇلۇپ ، قورساققا سۇ يىغىلىش راكىنى تورمۇزلاش نىسبىتى %40 تىن ئارتۇق، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. ئاق قان دانچىلىرى ئۆرلەپ كەتكەندە، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. غاز قېنى تەركىبىدە يەنە بىر خىل راكقا قارشى فاكتور بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممونت بەدەن سۇيۇقلۇقىدا ئىممۇنىتلىق ئانتىتېلا پەيدا قىلىدۇ. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ۋە ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، كۆپ ساندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ، بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. غاز قېنى تەركىبىدىكى ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىلى، راكقا قارشى فاكتور قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار ۋاسىتىچىلىك رول ئوينايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، راك كېسىلىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
غاز ئوزۇق قىلدىغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىرى، غازنىڭ ئوت-چۆپ ۋە يىرىك تالالارنى ھەزىم قىلىش نىسبىتى %40 ~ %50، شۇڭا «كۆك ئوت-چۆپلەر بىلەن چوڭىغان غاز» دېگەن نامى بار. بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ غازنىڭ مۇسكۇل ئاشقازان بېسىمى ئۆردەككە قارىغاندا چوڭ بۇلۇپ 0.5 ھەسسە ئاشقان، توخۇغا قارىغاندىمۇ بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرە پوستى ئۈنۈملۈك پارچىلىنىپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، غازنىڭ ھەزىم قىلىش يولىغا  قارىغاندا، تەن ئۇزۇنلۇقى 10 ھەم توخۇنىڭ ئاران يەتتە ھەسىسىچىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە غازنىڭ ئىنچىكە ئۈچيدىكى ئىشقارلىق مۇھىت تالا ئېرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا غازنىڭ ئوت- چۆپ ئارقىلىق ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئوت-چۆپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بۇنىڭغا ماسلىشىپ، يەم- خەشەك  ئوزۇقلۇقى، ۋە ئوت-چۆپ تېرىش غاز باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، غاز بېقىشتىكى ئومۇميۈزلۈك قولانغان ئۇسۇل بۇلۇپ قالغان.
مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، دەۋرىيلىكى قىسقا، ئۈنۈمى يۇقىرى، دېھقانلارنى بېيىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر ياخشى يولى. 
1. چۈجە بېقىش زىچلىقى ۋە نەملىك. 
2. چۆجىلەرنى چۆجىخانىغا ئەكىرگەندىن كېيىن تاللاش.
3. چۆجىلەرنى چۆجىخانىغا ئەكىرگەندىن كېيىن ئىچىدىغان سۇ ۋە ئوزۇقلۇق.
4. بېقىش ئۇسۇلى. 
5. يەم-خەشەك ۋە ئوت-چۆپ. 
6. يورۇقلۇق ۋە تېمپېراتۇرا. 
7. توپقا ئايرىلىش، سەھىيە ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش. 
8. قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش، چۈجىلىرىلەرنى بېقىش.  
9. ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش.

باشقۇرۇش

تېمپىراتۇرا؛
نەملىك؛

ئاچلىق ۋە سۇ كەمچىل بولۇش؛ 

زىيانلىق گاز؛

دورىدىن زەھەرلىنىش؛ 

بېسىلىش ۋە چاشقان ئاپىتى؛ 

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

كېسەللىك ئالامەتلىرى: غازنىڭ يۇقۇملىنىپ كېسەل بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، غازنىڭ ئوزۇقلۇقى ئازايغاندا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، بوغۇلىدۇ، بېشىنى چايقايدۇ، بۇرنىدىن سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، بۇرۇن سۇيۇقلۇقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كېسىلى بار غازلار كۈچلۈك بېشىنى چايقاپ قويدۇ، بەزىدە بېشى، پۇتى تىترەپ كېتىدۇ، ئۆلۈش ئالدىدا كېزىك كېسىلى، ئېغىر بولغاندا پۇت پالەچلىك كېسلى بۇلۇپ قالىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ماڭالمايدۇ.

داۋالاش : سۇلفادىئازىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىر قېتىمدا 1/2 پارچىدىن ئىچىلىدۇ، ھەر تۆت سائەتتىن كېيىن 1/4 پارچىدىن ئىچىلىدۇ. %20 سۇلفادىئازىننى 1 قېتىم مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلغاندا 1 مىللىلىتىر،  ھەر 4 سائەتتىن كېيىن 0.5 مىللىلىتىر قۇشۇپ ئوكۇل قىلىندۇ. 

ئالدىنى ئېلىش : غاز كېسەل بولغاندا ئايرىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك، قوتان ۋە سايمانلارنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش، غازبېقىلغان جاينى پاكىز تۇتۇش، داۋاملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.[0] 

باشقۇرۇش 

باشقۇرۇش 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#