كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى

كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەت ئىچكى سودا مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىپ ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
خەنزۇچە نامى 旧机动车交易管理办法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە كونا مال ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسى قىلغۇچى ئىككى ترەپنىڭ قانۇلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان كونا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش قاتناش رەسمىيەتلەر بېجىرىلگەن، براك قىلىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسىگە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قالغان ئاپتوموبىللار )جۈملىدىن موتسىكىلىتلار( ۋە ئالاھىدە ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوبوروتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش، قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان ئالاھىدە تاۋار ئوبوروتى بولغاچقا، ئۇنى تەستىقلانغان كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىدە ئوبوروت قىلىش شەرت.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

5-ماددا دۆلەتنىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىدا ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدىغان ۋە ساھەنى ئۆزى باشقۇرىدىغان تەشكىل ھېسابلىنىدىغان مەملىكەتلىك كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوبوروت ساھەسى جەمئىيىتىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كونا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىدا بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

2-باب كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى تەسىس قىلىش

7-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ زۆرۈر ماسلاشتۇرۇش رولىنى قوشۇمچە قىلىپ، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، كامسىيۇندا سېتىپ بېرىش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىش، ئىجارە بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، زاپچاس بىلەن تەمىنلەش، پەردەزلەش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق رولى بولغان ھەمدە خېرىدارلارغا ئىسىمنى يەڭگۈشلەش، نومۇر تاختىسى ئېلىپ بېرىش، سۇغۇرتىغا ئالغۇزۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدىنى كۆرسىتىدۇ.

8-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مەركىزى دەرىجىگە بۆلۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پرىنسىپ جەھەتتە ۋىلايەت دەرىجىدىن يۇقىرى ھەربىر شەھەردە بىر تەسىس قىلىنىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەر، پىلانى ئايرىم شەھەردىكى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، پىلانى ئايرىم شەھەرلىك تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

9-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى قۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىل ئوبوروت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھازىر بار كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا ئورۇنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

10-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى شەرت:

(1) رويىخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى بەش مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق؛

(2) مۇقىم سودا ئورنى بولۇش، ئۇنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىق؛

(3) كەسپىي باھا قويغۇچى خادىمى بولۇش؛

(4) ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، زاپچاس بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

(5) خېرىدارلارغا ئىسىمنى يەڭگۈشلەش، نومۇر تاختىسى ئېلىپ بېرىش، سۇغۇرتىغا ئالغۇزۇش باج پۇلىنى ۋاكالىتەن ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلالايدىغان بولۇش؛

(6) كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، كامسىيۇندا سېتىپ بېرىش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش ۋاكالىتەن سېتىش، ئىجارە بېرىش كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، پەردەزلەش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق رولى بولۇش.

11-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇش ھەمدە مۇشۇ چارىنىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىسپات-ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش شەرت. تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ 30 كۈن ئىچىدە نەتىجىسىدىن ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

12-ماددا تەستىقلانغان كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى نامىنىڭ ئالدىغا تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامىنى قويۇش شەرت.

13-ماددا ھەرقانداق ئورۇن تەستىقلاتماي تۇرۇپ، «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى» دېگەن نامنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

14-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىچكى سودا-سانائەت، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقتىكىلەر قاتناشقان «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنى باشقۇرۇش ھەيئىتى» قۇرۇشى شەرت. باشقۇرۇش ھەيئىتى قەرەللىك يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەندە مۇدىر ھەيئەت ئۇدۇللۇق يىغىن چاقىرسا بولىدۇ.

15-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى:

(1) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار فاڭجېن، سىياسەت ۋە نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش، شۇ مەركەزنىڭ نىزامنامىسى، باشقۇرۇش چارىسى ۋە تۈزۈمىنى قاراپ چىقىش؛

(2) مەركەزنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىش؛

(3) مەركەز مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشقا سۇنغان باشقا چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىش.

16-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى قانۇنىي ۋەكىلى، ئادرېسى، رويىخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغىنى ئۆزگەرتىش ۋە نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلاردا ئەسلى تەستىقلىغان ئورۇننىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

17-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنى تاقاشتا، تاقاش قارار قىلىنغان ياكى بېكىتىلگەن كۈنىدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، ئەسلى تەستىقلىغان ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ، تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى ئېنىقلىنىدۇ ھەمدە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ رويىخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ.

3-باب كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش

18-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويغۇچىلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ماڭغان مۇساپىسى، ئىشلىتىلگەن ۋاقتى، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىك، ئىش قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنىڭ ئەھۋالى، ئاساسىي زاپچاسلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى ۋە شۇ تىپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ھازىرقى جازا باھاسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش ئۆلچىمى»گە بىنائەن، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

19-ماددا «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا باھا قويۇش ئۆلچىمى»گە بىنائەن، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

19-ماددا «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويۇش ئۆلچىمى»نى تۈزۈپ چىقىشقا گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.

20-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا باھا قويغۇچىلارنى تەربىيىلەش ۋە سىناپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ، لاياقەتلىك بولغانلىرىغا «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويغۇچى» دېگەن گۇۋاھنامىنى بېرىدۇ.

21-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويغۇچىلار «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا باھا قويغۇچى» دېگەن گۇۋاھنامە ئېلىپ ئالدىن ئىشقا چىقىشى شەرت.

4-باب كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسى

22-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش، كامسيۇندا سېتىپ بېرىش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىش، ئىجارە بېرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

23-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كامسيۇندا سېتىپ بېرىپ ساتقۇچى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى بىلەن كېلىشىم تۈزۈشۈپ، ساتىدىغان كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەركەزنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە ۋە سېتىۋالغۇچى تېپىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىدىغان، مەركەز مەلۇم مىقداردا مەيدان ھەققى، مۇلازىمەت ھەققى ۋە ساقلاش ھەققى ئالىدىغان سودىنى كۆرسىتىدۇ.

24-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنىڭ خېرىدارلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ساتقۇچىلارنىڭ ئۇزۇن يول يۈرۈشى، ئۇزاق ۋاقىتنى سەرپ قىلىشى ۋە كۆپ قېتىم بازارغا كېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىپ ساتىدىغان تىجارىتىنى كۆرسىتىدۇ.

25-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن سېتىش خېرىدارلار مەيدانغا كىرىپ بىۋاسىتە سېتىش ياكى سېتىۋېلىش زۆرۈرىيىتى بولماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاكالىتەن ساتىدىغان ياكى سېتىۋالىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ.

26-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىجارە بېرىش كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى خېرىدارلارغا ئىجارە بېرىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ.

27-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىي كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاشكارا باھا تالاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ساتىدىغان تىجارەتنى كۆرسىتىدۇ.

28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىلنى ئىجارە بېرىشنى سىناق قىلىدىغان كارخانىلار ئىجارە مۇددىتى توشقان كونا ئاپتوموبىلنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

29-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىل ۋاكالەتچىلىك تۈزۈمىنى سىناق قىلىدىغان كارخانىلار يېڭىسىنى سېتىپ كونىسىنى يىغىۋالغان كونا ئاپتوموبىلنى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

30-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىلىشىشتىن ئىلگىرى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىخەتەرلىك، ئىش قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزىنىڭ كەسپىي خادىملىرى سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قالدۇرغان بولۇشى شەرت، شەرتكە توشىدىغان بولسا، سودىلىشىشقا رۇخسەت قىلىنسا بولىدۇ.

31-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى قىلىش ھوقۇقى بار كارخانىلار سودىدا ئىسىمنى يەڭگۈشلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئارخىپقا سودا دوكۇمېنتى، پۈتۈشۈش تالونى، دەسلەپكى تالون، تونۇشتۇرۇش، كىملىك نومۇرى، باھا قويغۇچى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشى لازىم.

32-ماددا كونا قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسى قىلىشتا، ساتقۇچى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى مەركىزىگە ئىدارە تونۇشتۇرۇشى ياكى ئىسپاتى (شەخس ساتىدىغانلار ئۆزىنىڭ كىملىكى)، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈش كىنىشكىسى، ئاپتوموبىل سېتىۋالغان دەسلەپكى تالونى، پۈتۈشۈش تالونى، سېتىۋېلىش قوشۇمچە ھەق دوكۇمېنتى، ئاپتوموبىل-كېمە ئىشلىتىش بېجى «تاپشۇرۇۋالغانلىق» بەلگىسى، يول ئاسراش ھەققى تاپشۇرغانلىق دوكۇمېنتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئىدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ياكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى ياكى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى قىلىش ھوقۇقى بار كارخانىلارنىڭ سودا دوكۇمېنتىغا ئاساسەن گۇۋاھنامىنى تەكشۈرىدۇ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارمىقى شۇنىڭغا ئاساسەن ئىسىمنى يەڭگۈشلەش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.

33-ماددا تۆۋەندىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سودىلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) براك قىلىۋېتىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(2) براك قىلىۋېتىش رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن بولسىمۇ، براك قىلىۋېتىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى بىر يىل ئىچىدە (بىر يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) براك قىلىۋېتىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(3) بىخەتەرلىك ۋە سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(4) زۆرۈر گۇۋاھنامە ۋە رەسمىيەتلەر بېجىرىلمىگەن ياكى گۇۋاھنامە، رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(5) ئوغرىلانغان ئاپتوموبىللار ۋە ئەتكەس ئاپتوموبىللار؛

(6) قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار؛

(7) دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، ئىمپورت قىلىنغان ۋە ئىمپورت قىلىنغان زاپچاس بىلەن قۇراشتۇرۇلغان يېڭى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(8) ئوڭ روللۇق كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

(9) دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى.

5-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

34-ماددا ھەر دەرىجىلىك تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى گ ب [1985] 65-نومۇرلۇق، (85) ب ب 439-نومۇرلۇق، س س ش [1998] 169-نومۇرلۇق، س س ش [1991] 340-نومۇرلۇق، پ س 2 [1990] 767-نومۇرلۇق، [1997] ئى س م 559-نومۇرلۇق ھۆججەتلەردىكى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا بازارلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئۆز مەسئۇلىيىتى ئادا قىلىپ، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى قىلىش ھوقۇقى بار كارخانىلارنى رويىخەتكە ئېلىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىسىنى ئەستايىدىل نازارەت قىلىپ، كىنىشكىنى تەكشۈرۈپ، ئىسىمنى يەڭگۈشلەش، نوپۇس يۆتكەش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز سودا يۈز بېرىشنى توسۇشى لازىم.

35-ماددا ھەر دەرىجىلىك تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى قىلىش ھوقۇقى بار كارخانىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى قىلىش ھوقۇقى بار كارخانىلار ئاكتىپ-پاسسىپ، جەدۋىلى، پايدا-زىيان جەدۋىلى، پايدا تەقسىمات جەدۋىلى ۋە چوڭ-كىچىك تىجارەت پائالىيەت خاتىرىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، يىللىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

36-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلار يىللىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولالمىغانلار ھېسابلىنىدۇ:

(1) مۇشۇ چارىنىڭ 33-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلار؛

(2)تىجارەت تەرتىپى قالايمىقان بولۇپ، سودىنى زادى كونترول قىلالماي دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىرلىرى؛

(3)ماتېرىياللارنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يوللىمىغانلار.

37-ماددا كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودا مەركىزى ۋە كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتى ھوقۇقى بار كارخانىلاردىن مۇشۇ چارىنىڭ 33-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز سودا قىلمىشىدىن بىرى بولغانلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دۆلەتنىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دۆلەتنىڭ تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە سودىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تارتىۋالىدۇ.

38-ماددا سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئالماي، كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارىتىنى ئۆز مەيلىچە قىلغانلارغا سودا-سانائەت مەمۇرىي تارمىقى كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغانلار قاتارىدا جازا بېرىدۇ.

39-ماددا دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىجارەت ئورنى تىجارەت قىلغان كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا سودا-سانائەت مەمۇرىي تارمىقى كىنىشكە تەكشۈرگەنلىك تامغىسى بېسىپ بەرمەيدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئىسىمنى يەڭگۈشلەش، نوپۇسىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەيدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

40-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، پىلانى ئايرىم شەھەرلىك تاۋار ئوبوروتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مۇشۇ چارىگە بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

41-ماددا بۇ چارىنى ئىزاھلاشقا دۆلەت ئىچكى سودا مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولىدۇ.

42-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#