لېئوۋېنخوك

لېئوۋېنخوك

باكتېرىيەنى كەشپ قىلغان لېئوۋېنخوك 1632-يىلى گوللاندىيە نىڭ دېرفوتتا بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بولۇش بىلەن ئۆتكەن.لېئوۋېنخوكنىڭ مىكروسكوپقا قاراش ھەۋىسى ئۇنىڭ باكتېرىيىنى بايقىشىغا سەۋەبچى بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لېئوۋېنخوك
باشقا نامى Antony van leeuwenhoek
يۇرتى گوللاندىيەنىڭ دېرفوت
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1723-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 安东·列文虎克
دۆلەت تەۋەلىكى گوللاندىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1632-يىلى
كەسپى بىئولوگىيە ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لېئوۋېنخوكباكتېرىيەنى كەشپ قىلغان لېئوۋېنخوك 1632-يىلى گوللاندىيە نىڭ دېرفوتتا بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بولۇش بىلەن ئۆتكەن.

لېئوۋېنخوكنىڭ مىكروسكوپقا قاراش ھەۋىسى ئۇنىڭ باكتېرىيەنى بايقىشىغا سەۋەبچى بولغان. گەرچە مىكروسكوپنى ئۇنىڭدىن بىر ئەۋلاد بۇرۇنقى كىشىلەر كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق، لېئوۋېنخوك تەييار مىكروسكوپنى ئىشلەتمەي، ئۆز قولى بىلەن فوكۇس ئارىلىقى تېخىمۇ قىسقا لىنزا ياساپ چىقىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بارلىق مىكروسكوپلاردىن تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقتى. ئۇ ياسىغان، 270 ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدىغان لىنزا تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلانماقتا؛ ئۇنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى لىنزىلارنى ياساپ چىققانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل ئىسپاتلار بار. 

لېئوۋېنخوك كۆزىتىش ئىقتدارى ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا ئۇ ناھايىتى ئىرادىلىك ئادەم ئىدى. ئۇ ئۆزى ياساپ چىققان ئېسىل لىنزىلار بىلەن ھەر خىل نەرسىلەرنى كۆزىتىدۇ. ئادەمنىڭ چېچىدىن يامغۇر سۈيى، قۇرت-قۇڭغۇز، مۇسكۇل تالالىرى، تېرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەر خىل ئۆرنەكلەرگىچە بىر ياقتىن كۆزىتىپ، بىر ياقتىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدۇ ۋە تەپسىلىي كۆزىتىش سۈرەتلىرىنى سىزىۋالىدۇ. 

لېئوۋېنخوك1673-يىلدىن باشلاپ، لېئوۋېنخوك ئەينى زاماندىكى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئاساس سالغۇچى تەشكىلاتى ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن خەت-ئالاقە قىلىشپ تۇرغان، گەرچە ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى چەكلىك بولسىمۇ (ئۇ پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، گوللاند تىلىدىن باشقا تىللارنى بىلمەيتتى)، بىراق، 1680-يىلى ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئەزالىقىغا تاللانغان ئۇندىن باشقا پارىژ پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. 

لېئوۋېنخوك ئىككى قېتىم ئۆيلىنىپ، ئالتە پەرزەنت كۆرگەن، بىراق نەۋرە كۆرمىگەن. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىمۇ خىزمەتنى توختاتمىغان. روسىيە ئىمپېراتورى پېتر Ⅰ، ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى قاتارلىق بىر مۇنچە چوڭ ئەربابلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى يۇقلاپ بارغان. 1723-يىلى ئۇ 90 يېشىدا گوللاندىيە نىڭ دېرفوتتا ۋاپات بولغان. 

لېئوۋېنخوك نۇرغۇن زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. ئۇ تۇنجى بولۇپ ھاشارات، ئىت ۋە ئادەم قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنى تەسۋىرلەپ ھىمانتىك ھۈجەيرە (قىزىل قان ھۈجەيرىسى) نى توغرا تەسۋىرلەپ بەرگەن. 

لېئوۋېنخوك ھەر خىل تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھاياتلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىپ چىققانىدى. ئالدىنقىلار بۇرۇن تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارنى تەبىئىي پەيدا بولغان دەپ قىياس قىلاتتى. لېئوۋېنخوك نۇرغۇن مىساللار ئارقىلىق بۇ تەلىماتقا دەرددىيە بەرگەن. ئۇ، پىتمۇ باشقا قاناتلىق ھاشاراتلارغا ئوخشاش ئوزۇقلىنىش، لىچىنكا ھالىتى قاتارلىق باسقۇچلاردىكى تولۇق كۆپىيىش جەريانىنى ئۆتكۈزىدۇ دېگەننى، چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. 

1674-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم باكتېرىيەنى كۆزىتىپ چىققانلىقى لېئوۋېنخوكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بايقىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆزىتىش تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايقاش ھېسابلىنىدۇ. 

لېئوۋېنخوكلېئوۋېنخوك سۇ تامچىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يېڭى بىر دۇنيانى بايقىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنداق ھاياتلىققا توشقان دۇنيانى ھېچكىممۇ قىياس قىلغان ئەمەس؛ ئۇ يەردە ياشاۋاتقان مىكروپلار ئادەمگە ئوخشاش تۆرىلىپ، ئۆلۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۆپەيمەكتە ئىدى. ئۇ سۇ قۇدۇقى، ساسلىق، يامغۇر سۈيى، ئادەمنىڭ شۆلگىيى ۋە ئۈچەي يولى قاتارلىق نۇرغۇن يەرلەردىكى مىكروپلارنى تەتقىق قىلىپ، ھەر خىل باكتېرىيلەرنى تەسۋىرلەپ چىقتى، ئۇلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى. 

لېئوۋېنخوكنىڭ بايقاشلىرىنىڭ تەتبىقلىنىشى يېقىنقى ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى يەنى پاستېر بارلىققا كەلگەندىن كېيىنكى ئىش. توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا 19-ئەسىردە مىكروسكوپ تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەندىن كېيىنكى ئىش. بىراق، بىز لېئوۋېنخوكنىڭ باكتېرىيەنى بايقىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. كېيىنكى ئالىملار ئۇنىڭ بايقىشى ئارقىلىق باكتېرىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

بەزىلەر لېئوۋېنخوكنىڭ بايقىشى ئۇنىڭ تەلەيلىك بولغانلىقىدىن بولغان دېيىشىدۇ، بۇنداق دېيىش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. شۇنى ئېسىمزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئۇ ناھايىتى جاپالىق ئىشلەش، چەكسىز سەۋرچانلىق كۆرسىتىش، ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق ئاندىن بۇ مىكروپلارنى بايقىغان؛ ئۇنداق سەۋر-تاقەت ۋە كۆزىتىش پەقەت ھەقىقىي ئالىملاردىلا بولىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ بايقىشى كارامەت ئەقىل پاراسەتنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ جەۋھىرى. 

باكتېرىيەنىڭ بايقىىشى بىرلا ئادەمگە مەنسۇپ، بۇنداق يەككە بايقاش كۆپ ئۇچرىمايدۇ، لېئوۋېنخوكنىڭ بايقىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇ مىكروپلارنى بايقىغان، مانا بۇلار كۈتۈلمىگەن بايقاشلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بايقاشلىرىنىڭ بىئولوگىيە تەتقىقاتىدا مۇھىم تەسىرى بارلىقىنى نەزەدە تۇتۇپ، مەن ئۇنى بۇ يۈز شەخس قاتارىغا كىرگۈزدۈم. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#