كۈز
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۈز پەسلى تۆت پەسىلنىڭ بىرى بولغان ياز ۋە قىش پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەسلىدۇر. خازان، يىغىم مەزگىلى دېگەندەك ناملىرىمۇ بار. شىمالىي يېرىم شاردا مىزان، ئوغۇز ۋە ئوغلاق؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا بولسا نورۇز، ئۈمىد ۋە باھار ئايلىرى كۈز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.
مېتېئورولوگىيە مەنىدىن ئايرىلغاندا، شىمالى ئىللىق كىلمات كۈز پەسلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى (كۈزگى تېرىم) ~ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى (كىچىك قار)؛ جەنۇبىي مۆتىدىل بەلۋاغدىكى كۈز پەسلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى (شىمالىي يېرىم شاردا يامغۇر سۈيى) ~ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى (شىمالىي يېرىم شاردا سەرەتان ئىسىقى ).
كۈندۈز قىسقىراپ، كېچە ئۇزىرايدۇ. قۇياش، بالدۇر پاتىدۇ. ھاۋالار نىسبەتەن سوغۇق ۋە كۈننىڭ تەپتى ئاز. سالقىن، يامغۇر-يېشىنلىق ۋە شاماللىق كۈنلەر كۆپىيىپ، قىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
دەل-دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى سارغايىپ تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەر (قارىغاي قاتارلىقلار) ياپراق تاشلىمايدۇ. گۈللەر تېخىمۇ ئاز ئېچىلىشقا ۋە ئەتراپتىكى ئوت چۆپ، چىمەنلەر قۇرۇشقا باشلايدۇ.
باش كۈز قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 135 گرادۇس بولۇپ، 8-ئاينىڭ 7-9 كۈنلىرى.
كۈزگى تېرىم قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 150 گرادۇس بولۇپ، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالدى-كەينى، بۇ تومۇز ئىسسىقى، ھۆل-يېغىن مىقدارى تەدرىجىي ئازلايىدۇ.
ئاق شەبنەم قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 165 گرادۇس بولۇپ، 9-ئاينىڭ 7-9 كۈنلىرى.
كۈزلۈك كۈن تەڭلىكى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 180 گرادۇس بولۇپ، 9-ئاينىڭ 23-24 كۈنلىرى.
سۇغۇق شەبنەم قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 185 گرادۇس بولۇپ، 10-ئاينىڭ 8-9 كۈنلىرى.
قىراۋ چۈشۈكى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 200 گرادۇس بولۇپ، 10-ئاينىڭ 23-24 كۈنلىرى.
دېھقانلار كالىندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى: تاۋۇز چاغىنى؛
دېھقانلار كالىندارى بويىچە 9-ئاينىڭ 9-كۈنى: چۇڭياڭ بايرىمى؛
مىلادىيە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى: دۆلەت بايرىمى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.