قوناق
قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى 3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى 40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى 3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى 40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، مېۋە باشىقى سۈپۈرگە شەكىللىك ياكى بولقا شەكىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. قىلتىرىقلىق مېۋىسى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قوڭۇر، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ.
قوناق ئادەتتە ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان، شورغا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قوناق ئادەتتە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تەركىبىدە تاتلىق شىرنىسى كۆپ بولىدىغىنى شېكەر قوناق (لۇجى) دېيىلىپ، شېكەر چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ غولى نىسبەتەن قىسقىراق، تەركىبىدە شېكەر شىرنىسى يوق بولىدىغىنى قوناق(گاۋلياڭ) دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا باشاقلىرى شالاڭ سۈپۈرگە قوناقتىن ئىبارەت.
قوناق ئېلىمىزدە 5000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال قونىقى خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، ئاسىيا «قىزىل گۈرۈچى» دېگەن نامى بار.
قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرمىقى ياكى مايسىسى تەركىبىدە ھىدروكسى سىئانوزىدلار بولۇپ، ھايۋانلار ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازاندا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروسئانىد كىسلاتاسى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرماق ياكى مايسىلىرى بىلەن ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.