ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتى

ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتى

ئوۋچىلىق ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن شۇغۇللانغان ئەمگەك پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق ئەمگەك.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتى
خەنزۇچە نامى 维吾尔族有狩猎艺术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتىئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئەجدادلىرىمىز ئۇرۇپ-سوقۇپ ياسالغان تاش قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق قىلىپ ۋە ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ، بېقىپ ھايات كەچۈرگەن. ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارغا قارىغاندا، تارىم ۋادىسى بىلەن لوپنۇر رايونلىرىدا ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ بېقىش بىلەن ئوۋچىلىق كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باشلىنىپ، يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كەلگەندە تېز راۋاجلانغان ۋە دائىرە جەھەتتىن بىر قەدەر كېڭەيگەن. ئوۋچىلىق ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن شۇغۇللانغان ئەمگەك پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ۋە جاپالىق ئەمگەك. 

1985-يىلى 4-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق موزېينىڭ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى قۇرۇقتاغ ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىللىرى ئىچىدىكى مۆلچەر دەرياسى بويىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇندىن 6000-8000 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىغان زور كۆلەملىك قىيا تاش سۈرەتلىرىنى تاپقان. شۇ قاتاردا يەنە يۇرتىمىزدىكى 50 كە يىقىن ناھىيە ۋە تاغ-يايلاقلاردىكى 70 تىن كۆپرەك كۆپرەك ئورۇنلاردىن 90 دىن كۆپ قىياتاش رەسىملىرى نوقتىلىرى تېپىلغان ھەمدە مەزمۇنىنىڭ موللىقى بىلەن ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ قىياتاش رەسىملىرىدە قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئوۋچىلىق تۇرمۇش ئەمەلىيتىدىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبە-ساۋاقلىرى يەكۈنلىنىش بىلەن بىللە، جانلىق ۋە ئەپچىل ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكى ئىپادىلەنگەن. ئەنە شۇ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىياتاش سۈرەتلىرىدە ھايۋانلارنى ئاتلىق قوغلاۋاتقان، ئوقيا ئېتۋاتقان، ھەرخىل سانجىغۇچلارنى ھايۋانغا قارتىپ ئېتۋاتقان، كالتەك-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ ھايۋانلارنى ئۇرۇۋاتقان، ئات مىنگەن ئادەملەرنىڭ تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىپ ھايۋانلارنى قورشاۋاتقان كۆرنۈشلەر ئېنىق تەسۋىرلەنگەن، يەنە بەزى سۈرەتلەردە قۇيرۇقلۇق ۋە مۆڭگۈزلۈك ئادەملەرنىڭ قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنى تۇتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئوۋ غەنىيمەتلىرىگە ئىگە بولۇش-قەدىمكى زامان ئوۋچى ئەجدادلىرىمىزدا ئوۋدا چوقۇم غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا بۇ غەنىيمەتلەر قانداقتۇر بىرخىل «ئىلاھىي كۈچ-قۇدرەتنىڭ ۋەجىدىن قولغا كەلگەن» دەيدىغان «چوقۇنۇش»نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل ئىلاھىي قاراشلار قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىستېتىك تەپەككۇر تەرەققىياتىدىكى مۇرەككەپلىشىش جەريانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى تەدرىجى ھالدا دىنىي ئېتىقاد ئىدىيىلىرى-يەنى «تۇتېم» نى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقلەر كالا، بۈركۈت، ئېيىق ،بېلىق... قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تۇتېم قىلغان بولسا، تۈركىي خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بۆرە، تاغ تېكىسى، بۇغرا، يولۋاس، شىر، قارىچۇغا، شۇڭقار.... قاتارلىقلارنى ئۆزلىرىگە تۇتېم قىلغان. ئەجدادلىرىمىز مانا شۇنداق ھايۋانلارغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇرۇقداشلىق ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. 

ئۇيغۇرلاردا ئوۋچىلىق سەنئىتىئاساسلىق ئوۋ مەھسۇلاتلىرى «ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قۇلان، بۇغا، ئارقار،غۇلجا، ياۋا ئېشەك، ئىپا كىيىك، يۇرغا، قاپلان، تۈلكە، مولۇن، يىلپىز، جەرەن، بۆرە، سۈلەيسۈن، سۆسەر، ياۋا توشقان، ئۇلار، كەكلىك، قىرغاۋۇل، ياۋا غاز، ياۋا ئۆردەك، ھاڭغىرت، تۇرنا، قارچۇغا..... قاتارلىقلار» بولغانلىقى مەلۇم. 

بۇندىن 6000- 8000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدىغان ئالتۇنتاغدىكى قىياتاش سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق دەۋرىدە ئاساسەن تاش قوراللار، سانجىغۇچ قوراللاردىن، ئوقيا، ئارا، نەيزە قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن. كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەردە ئوقيانىڭ كەشىپ قىلىنىشى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى دەۋرنى تەتقىق قىلغان ئۇلۇغ ئۇستاز ئېنگىلىسنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا: «خۇددى ياۋايىلىق دەۋرىدىكى قىلىچنىڭ، مەدەنىيەت دەۋرىدىكى ئوت ئالغۇچ قۇراللارنىڭ رولىغا ئوخشاشلا، ئوقيامۇ جاھالەت دەۋرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قورال بولۇپ قالغان.». يازما خاتىرلەردىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مەرگەنلىك بىلەن ئوقيا ئىشلىتىش جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەشھۇر ئىدى...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. جاھاننى تىترەتكەن ماكدونىيلىك ئالېكساندىر (ئىسكەندەر زۇلقەيىن) مىلادىيدىن ئىلگىرىكى4، 3-ئەسىرلەردە گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنى يېڭىپ، ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي غەلبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن «ئوقيانى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىغان، ھېچقانداق ئوۋ قېچىپ قۇتلالمايدىغان» ئۇيغۇر چەۋەندازلىرى تەرپىدىن يېڭىلىپ، سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىن قالغان مەرگەنلىك ئادىتى تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#