دىلغا چۈشتى مۈشكۈل

بۇ فىلىمدە رانبىر كاپور ۋە ئانۇشكا شارما باش رول ئالغان ، شاھرۇھخان ھەم  ئاشۋارىيا راي   دوستانە رولغا چىققان . كاران جوخار( Karan Johar) سېنارىست بولۇپ ھەم رېژىسسورلىقنى ئۈستىگە ئالغان . 

فىلىمدە ئايان (رانبىر كاپور) ۋە ئالىزى (ئانۇشكا شارما) ئوتتۇرىسىدىكى دوستلىق ھەم مۇھەببەتنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن . 

ئۇيغۇرچە نامى دىلغا چۈشتى مۈشكۈل
باش رولچى رانبىر كاپور ، ئانۇشكا شارما ،شاھرۇھخان ،ئاشۋارىيا راي
باشقا نامى A Hard Heart\Ae Dil Hai Mushkil
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2016-يىلى
imdbكودى tt4559006
خەنزۇچە ئاتىلىشى 心碎的感觉
تۈرى مۇھەببەت \ۋەقەلىك \ناخشا-ئۇسۇل
ئۇزۇنلىقى 158مىنۇت
قويۇلغان ۋاقتى 2016.10.28
ئىشلەنگەن ئورۇن ھىندىستان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايان (رانبىر كاپور) كۆرىنەرلىك ناخشىچى ، بىر قېتىم زىيارەت قىلىنغاندا ، ئۇ كۆرۈرمەنلەرگە كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگىلى ئۇزۇن بولغان ھېكايىنى __مۇھەببەت ۋە دوستلىق توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاشكارلايدۇ . ئالىزى (ئانۇشكا شارما)بولسا خاراكتېرى ئۆزگىچە قىز بولۇپ ، ئەركىن ، يۈگەنسىز ، ئۇ ئاياننى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ . ئالىزىنىڭ ئازابلىق ئۆتمىشى بار بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئاجىز بولىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ . ئىككەيلەن ياخشى دوست بولۇپ قالغاندىن كېيىن ، پارىژ ساياھىتىنى باشلىۋېتىدۇ ، لېكىن ئالىزىنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشى ھەر زامان ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق . 

كېيىن ئاياننىڭ ھاياتىدا تولىمۇ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان ساھىبجامال سابا (ئاشۋارىيا راي) پەيدا بولىدۇ . ئۇ شائىر ، ئاجرىشىپ كەتكەن ، ئالدىنقى ئېرى تاھىر (شاھرۇھخان)ئۇنىڭغا يەنىلا ئەسەبىيلەرچە ئاشىق .لېكىن سابا ئۆزى بىلەن تاھىر ئارىسىدا پەقەت دوستلۇقلا بار دەپ قارايدۇ . ئۇ ئاياننى ياخشى كۆرەتتى لېكىن  ئاياننىڭ ئالىزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇققاندا ، سابا ئۇلارنىڭ مۇھەببەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى ئۈچۈن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ ، لېكىن ئالىزى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى ...  ئەلى

 Ranbir Kapoor رانبىر كاپور ---------------ئايان

 Anushka Sharma ئانۇشكا شارما -------------ئالىزى

 Shahrukh Khan شاھرۇھخان --------------تاھىر

 Aishwarya Rai ئاشۋارىيا راي ---------------سابا 

Deepti Naval دىپتى ناۋال 

Lisa Haydonلىسا ئايدون

Imran Abbas ئىمران ئابباس

Fawad Khan فاۋادخان

Alia Bhatt ئالىيە بات 

ئايان

 رانبىر كاپور رولدا 

ئايان كۆرىنەرلىك ناخشىچى ، ئالىزى بىلەن دوست بولۇش جەريانىدا ئالىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، ئالىزىنىڭ  ئەركىنلىكى ، يۈگەنسىزلىكى ئاياننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ ، لېكىن ئالىزىنىڭ ياخشى  كۆرىدىغان  ئادىمى بولغاچقا ئاياننى رەت قىلىدۇ ، لېيىن ئايان تولىمۇ جەلىپكار ساباغا  ئۇچرايدۇ  لېكىن يەنىلا ئالىزىنى ئۇنتىيالمايدۇ .

ئالىزى

ئانۇشكا شارما  رولدا 

خاراكتېرى ئۆزگىچە قىز بولۇپ ، ئەركىن ، يۈگەنسىز ، ئۇ ئاياننى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ . ئۇلار دوست بولۇپ قالىدۇ بىللە پارىژغا ئوينىغىلى بارىدۇ ،  لېكىن ئالىزىنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشى ھەر زامان ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق . ئۇ ئەلىنى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن بەك كۆپ ئازاپقا ئۇچرايدۇ ، ئۇ ئاياننى ياخشى  كۆرىدۇ ، لېكىن يەنە ئازارغا ئۇچراشتىن ، ئازابلىنىشتىن قورقىدۇ ، شۇڭا ئايانغا بولغان  مۇھەببەتنى ئېتىراپ قىلىشتىن قورقىدۇ .

سابا

 ئاشۋارىيا راي رولدا

شائىرە ، تولىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ، ئاياننى  ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، ئاياننىڭ  مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە رازى بولىدۇ 




تاھىر

 شاھرۇھخان رولدا

سابانىڭ بۇرۇنقى ئېرى ، يەنىلا سابانى ياخشى كۆرىدۇ .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#