كۇچۇلا

كۇچۇلا  ئاغرىق پەسەيتىش ، نېرۋا ، يۈرەكنى قوزغىتىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كۇچۇلا
ئەرەبچە نامى ئازاراقى
ئىنگلىزچە nux vomical poisonnut
تەمى تەمى ئاچچىق ، پۇرىقى سۇس
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马钱子 ma qian zi
پارسچە نامى ئازاراق،جب الغراب
ئوردۇچە نامى ئازاراق .كچلا
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك كۇچۇلىنىڭ پىشقاندىن كېيىن قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى

چىقىش ئورنى

ھىندىستان ، مالايسىيا ، سىنگاپور ، تايلانت ، ۋېتنام ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا چىقىدۇ . 

شەكلى

شەكلى ياپىلاق ، تۈكلەش ،ئىچكى قسىمىدا ئۈندۈرمىسى بولىدۇ .سىرتى قوڭۇر رەڭدە، ئىچى ئاق ، قۇرۇتۇلغان ، پىششىق ، ئۇرۇقى تۈگمىسىمان يۇمىلاق ، ياپىلاق بولىدۇ.

قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇرۇقـىـدا ھەرخىل بىـئولۇگىيىلـىك ئىـشقـارلار بار . سـىتـىرىفـىنـن (Strychnine)بـىـرۇسـىـن( brucine )، ئـىزوسـتـىـزئىـخـىـنـن(Isostrychnine) ، ئىزوبىرۇسىن (Isobrucine) ،-βكۇلۇبىرىن β-colubrine)) ،ۋومىسىن (vomicine) نوۋاسىن(novacine)

پەي مۇسكۇللارنى چىڭىتىش ، قورۇش ، تۇتۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، نېرۋا ، يۈرەكنى قوزغىتىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش

خاس تەسىرى

پەي،مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۇلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئورۇنباسارى

بالادۇر ، قارا پارپا

ئەكىس تەسىرى

مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا پەيلەر ۋە پۈتۈن بەدەننى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ ھەتتا ھاياتقا خەۋىپ يەتكۈزىدۇ .

تۈزەتكۈچىسى

بادام يېغى ، سۈت ، ناۋات

1. مەركىزىي نېرا سستېمىسىنى غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە.

2. ئاغرىق پەسەيتىش ، تىنچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە . 

3. ئاشقازاننى ياخشىلاش، ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تىزلىتىش تەسىرىگە ئىگە .

 4. يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار يەنە مىكرو ئورگانىزىملارنى تورمۇزلاش رولىمۇ كۆرىنەرلىك 

 5. زەھەرلىك تەسىرى: كۇچۇلا مېغىزى كۈچلۈك زەھەرلىك، ئادەم

 5 مىللىيگرامدىن 10 مىللىيگىرامغىچە ئىستىمال قىلسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 30 مىللىييگىرامغا يەتسە ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ.

كېسەللىك مىسالى

نېرۋا ئاجىزلىقى ، پالەچ ، لەقۋا ، مۇپاسىل ، ئىستىرخا ، باھ ئاجىزلىقى ، بەل ئاغرىقى ، بوغۇم ئاغرىقى، يۈرەك ئاجىزلىقى ، پەي بوشۇشۇپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .

1.كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ ياغ تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ .

2.باشقا دورىلار بىلەن قوشۇپ مەجۈن ياكى سوقۇپ تەييارلاپ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

مىقدارى

0.2 گرام

مېۋىسى پىشقاندا پوستىنى ئېلىۋىتىپ يېغۋىلىنىپ،قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=328

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#