ئەڭ زور سۇ ئاستى كېمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكىنىڭ «ئۈچ ئاچايالمانلىق نەيزە يادرو سۇ ئاستى كېمىسى پىلانى» بويىچە ياسالغان تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى- «ئوھىئو» ناملىق يادرو سۇ ئاستى كېمىسى 1979-يىلى 9-ئاپرېلدا سۇغا چۈشۈرۈلدى. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور سۇ ئاستى كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. 

«ئوھىئو» ناملىق سۇئاستى كېمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 170 مېتىر كەڭلىكى 12.8 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 130 دىن ئوشۇق ئادەم سىغىدۇ. ئۇ ماڭغاندا سىقىپ چىقىرىدىغان سۈيىنىڭ مىقدارى 18700 توننىغا يېتىدۇ. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا خىزمەت ئۆتەۋاتقان 8200 توننىلىق «لاففىت» ناملىق ئوق يوللۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يادرو سۇ ئاستى كېمىسىدىن كۆپ چوڭ، ئۇ خۇددى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئاۋاماتكىچىلىك كېلىدۇ. «ئوھىئو» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغان 24 تۇرۇبا ئورنىتىلغان بولۇپ، 7200 كىلومېتىر مۇساپىلىق 4-C ئۇچ ئاچا يالمانلىق نەيزە Iتىپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا پارتلاش قۇۋۋىتى 100 مىڭ توننا بولغان ئېكۋىۋالېنتلىق يادرو ئوقىنىڭ 8 دانە تارماق ئوق بېشى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەرخىل نىشانلارنى ئايرىم-ئايرىم ئوققا تۇتقىلى بولىدۇ. دېمەك، يادرو ئۇرۇشىدا، «ئوھىئۇ» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىستراتىگىيىلىك 192 نىشانغا بىر ۋاقىتتا باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ پارتلاش قۇۋۋىتى خىروسىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىنىڭ بەش ھەسسىگە تەڭ. «ئوھىئو» ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىگە ئاۋازنى يۇقىتىدىغان ناھايىتى ئوبدان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاۋازنى 2-3 ھەسسە تۆۋەنلىتەلەيدۇ ھەمدە بۇ كېمە خېلى تېز مېڭىپ، نۇرغۇنلىغان يادرو سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ سۇ ئاستى قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇ «جىمجىت سۇ ئاستى كېمىسى» دېگەن نامغا ئىگە. ) ۋېنجى 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#