كۇرىل تاقىم ئاراللىرى
كۇرىل تاقىم ئاراللىرى روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان ئاراللار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن سوزۇلغان ئاراللار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت. بۇ ئاراللار ئوخوت دېڭىزىنى تىنچ ئوكايندىن ئايرىپ تۇرىدۇ، بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى شۇمشو، پارا مۇشۇر، ئونېكوتان، شۇئاشكوتان، شۇمۇشۇر، ئوروپ قاتارلىق نۇرغۇن ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. تاغلارنىڭ ئېگىزلىكى 500-1000 مېتىر بولۇپ، ۋولقان جىنسلىرىدىن تۈزۈلگەن.
ئاھالىنىڭ كۆپى ھاۋاي خەلقلىرى بولۇپ، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاھالە ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي شىمالدىكى شىمالىي كۇرىلسىكى شەھەرچىسىدىن ئىبارەت. 1875-يىلى چارروسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كورىل ۋە ساخالىن ئاراللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە، ساخالىن چارروسىيىگە، كورىل ئاراللىرى ياپونىيگە قايتۇرۇلماقچى ئىدى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كورىل ئاراللىرى پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.