ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل

مۇنداق ئاپتوموبىلغا ئاۋازدىن تېز ئايروپىلاننىڭكىگە ئوخشاش راكېتا ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 1190 كىلومېترغا يېتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قانىتى بولمايدۇ، يەردە ئۈچ چاقى بىلەن چاپىدۇ. شۇڭلاشقا ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل
چەتئەلچە نامى Supersonic car
خەنزۇچە نامى 超音速汽车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلمۇنداق ئاپتوموبىلغا ئاۋازدىن تېز ئايروپىلاننىڭكىگە ئوخشاش راكېتا ماتور ئورنىتىلغان بولۇپ، تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 1190 كىلومېترغا يېتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قانىتى بولمايدۇ، يەردە ئۈچ چاقى بىلەن چاپىدۇ. شۇڭلاشقا ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل دەپ ئاتالغان.

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنى ئامېرىكىلىق بىل فرېدرىخ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، ئۇ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كىنو ئالاھىدە تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، راكېتانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش ئارقىلىق، ماشىنىنى ھاۋاغا چىقىرىشنى تەتقىق قىلغان. ئۇ راكېتا پۈركىگەن گازنى كىشىلەرگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ياسىغان راكېتاسىغا ھىدروگېن پروكسىد دەپ ئاتىلىدىغان يېقىلغۇ ئىشلەتكەن، مۇنداق قىلغاندا راكېتا پۈركىگەن گازنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. كېيىن، ئۇ ئاۋاز تېزلىكىدىن ئېشىپ چۈشۈشنى نىشان قىلغان ۋە 1979-يىل 12-ئاينىڭ بىر كۈنى بۇ نىشانغا يەتكەن. 

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنىڭ كۆرۈنۈشى ياتقۇزۇپ قويۇلغان راكېتاغىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىسى سىلىندىرسىمان بولۇپ، بېشى ئۇچلۇق، قۇيرۇقى شىنىسىمان يىغىلغان، ئاۋاز تېزلىكىگە يەتكەندە ھاۋادا شەكىللىنىدىغان زەربە دولقۇنىدىن بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. كابىنكىسى قۇيرۇقىغا يېقىنراق يەردە بولۇپ، كابىنكا ئۈستىدە ئىككى مېتىردىن ئېگىزرەك تىك قانات بولىدۇ، 10 مېتىردىن ئۇزۇنراق ئاپتوموبىل گەۋدىسى راكېتا ماتورىنىڭ يېقىلغۇ كامېراسى قىلىنىدۇ. سائەتلىك تېزلىكى 724 كىلومېتىردىن تۆۋەن دائىرىدە بولغاندا، پۈتكۈل ماشىنا گەۋدىسى ئۇچرايدىغان قارشىلىق كۈچىنى ھېسابقا ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

ئەمما، يالغۇز مۇنداق ئالاھىدە راكېتاغىلا تايانغاندا، ئاپتوموبىل تېزلىكىنى ئاۋاز تېزلىكىدىن ئاشۇرۇۋەتكىلى بولمايدۇ. فرېدرىخ ئاددىي بىر ئۇسۇل قوللىنىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىن بەزى ئارتۇقچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سېتىۋالدى. «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كىچىك ۋە ئەپچىل بولۇپ، ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولاتتى. بۇ چاغدا ئىككى ئۈگىلىك راكېتاغا ئوخشاش بولۇپ، ئاپتوموبىلغا ھىدروگېن پروكسىد يېقىلغۇ قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكى خېلى ئاشتى، بۇ چاغدا يەنە ئىككىنچى ئۈگە بولغان» شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان «غا ئوت يېقىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىكى ئېشىپ، سائەتلىك تېزلىكى 1190 كىلومېتىرغا يەتتى. 

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ چاقىمۇ ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغان. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ئاپتوموبىل تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىگە يەتكەندە، دىئامېتىرى 8.0 مېتىر بولغان ئالدى چاق مىنۇتىغا 9200 قېتىم ئايلىنىدىكەن، بۇ چاغدا چاقنىڭ سىرتقى يۈزى ئۇچرايدىغان مەركەزدىن قېچىش كۈچى 2041 كىلوگرامدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن، ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل چاقىغا ئاليۇمىن قېتىشمىسى ئىشلىتىلىپ، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن پىششىقلاپ، سىجىللىقى 3000 كىلوگرام مەركەزدىن قېچىش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىنىدۇ. 

ئاۋازدىن تېز ئاپتوموبىل ئەمەلىيەتتە راكېتا ئاپتوموبىل بولۇپ، ئۇنىڭ يول يۈزىگە قويىدىغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#